Kotlin JetBrains تەتقىق قىلىپ ئاچقان يىڭىچە پۈتۈنلەي ئوچۇق كودلۇق پروگرامما تىلى، بۇ پروگرامما تىلىغا ھازىر بار بولغان نۇرغۇن پروگرامما تىللىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل تەرەپلىرى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ تىلنى ئىشلەتكەندە ئاز بولغاندا 4 خىل پروگرامما تىلىنىڭ سىماسىنى بۇ پروگرامما تىلىدىن تاپقىلى بولىدۇ.

ھازىر ھەتتا بۇ پروگرامما تىلى باشقا پروگرامما تىللىرىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئىقتىدارلارنى تەمىنلىگەن بولۇپ لاھىيەلىشىدىنلا گىرامماتىكىسى ئىنتايىن ئوچۇق، ئىنىق، ئىخچام ھەم يېڭى.

ئىسمى Kotlin
ئىلان قىلىنغان ۋاقتى 2012.يىلى ئەتراپىدا
تەتقىق قىلىپ ئاچقان شىركەت JetBrains

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

Kotlin نى جاۋا مەۋھۇم ماشىنىسى (JVM) ئۈستىدە ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان بايىت كودى ۋە JavaScript ئەسلى كودىغا تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ

JetBrains بولسا دۇنياسىكى ئىنتايىن ئىسىل پروگرامما ئىچىش مۇھىتلىرىنىڭ بىرى بولغان ھەم شۇنداقلا Eclipse دىن كىيىنكى بىر ئەۋلاد Google يىڭىدىن تارقاتقان Android Studio نىڭ يادروسى ھىساپلىنىدىغان IntellIJ IDEA نى ۋە مۇشۇ ئاساسىدىكى WebStrom, PHPStrom, PyCharm, RubyMine قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ئاچقان شىركەت.

Kotlin نى JetBrains  نىڭ ئۇزۇن يىللىق Java پروگراممىرلىرى ئۆزىنىڭ نۇرغۇن يىل پروگرامما يىزىش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرى، ھىس قىلغانلىرى، ئارزۇلىرى شۇنداقلا يىڭىچە ئىددىيەسى، باشقا نۇرغۇن پروگرامما تىللىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان،

گىرامماتىكىسى جەھەتتە ئاددي بولۇش، ئېنىق بولۇش، مۇكەممەل بولۇش، زامانىۋى بولۇش، كىڭەيتىشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلارنى ھازىرلىغان بولۇپ نۆۋەتتە بار بولغان ھىساپلاش ئەمەل بەلگىلىرى ئىھتىياجتىن چىقالمىغاندا ھەتتا باشقا ھىچقانداق پروگرامما تىللىرىدا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئىقتىدار-ھىساپلاش ئەمەل بەلگىلىرىنىمۇ ئۆزىمىز خالىغانچە بەلگىلىۋالالايمىز،

ئەڭ مۇھىمى ئىنتايىن ياخشى ئىددىيە بىلەن يىزىلغان گىرامماتىكىسى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ.

نۆۋەتتە JetBrains بۇ پروگرامما تىلىنىڭ رەسمىي نەشىرىنى تارقىتىپ بولدى، 

نۆۋەتتىكى نەشىرى ئوخشاشلا جاۋا مەۋھۇم ماشىنىسى ئۈستىدە ئىجرا بولغاچقا جاۋا بىلەن 100 پىرسەنىت سىغىشىدۇ، ھەمدە جاۋا بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكىمۇ ياكى ساپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ،

جاۋا بىلەن قىلغىلى بولىدىغانكى ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلغىلى بولىدۇ مەسىلەن Android دا پروگرامما يىزىش، تور پروگراممىلىرى، ئۈستەل يۈزى پروگراممىلىرى.... قاتارلىقلارنى بىمالال يىزىپ كەتكىلى بولىدۇ،

جاۋا بىلەن ياخشى سىغىشقاچقا بۇرۇن جاۋادا يىزىلىپ بولغان تەييار ئامبار، SDK قاتارلىقلارنى ئوخشاشلا ھىچقانداق چەكلىمىسىز بىۋاستە ئىشلىتىشكە بولىدۇ،

جاۋا بىلەن سىلىشتۇرغاندا يىزىلىدىغان كودنىڭ مۇرەككەپلىك ۋە زىچلىق دەرىجىسىنى، مىقدارىنى 20 ~ 30 پىرسەنىتكە قىسقارتىشقا بولىدۇ،

ھەتتا قىسمەن ئورۇنلاردا 90 پىرسەنىت ئەتراپىدا قىسقارتىۋىتىشكىمۇ بولىدۇ.

IntellIJ  ياكى Android Studio دا بىر كونۇپكا بىلەن بۇرۇن جاۋادا يىزىلىپ بولغان كودلارنى Kotlin كودىغا بىۋاستە ئايلاندۇرالايمىز

Android Studio  دا  Kotlin, Kotlin for android ناملىق مۇشۇ ئىككى قىستۇرمىنى قاچىلىۋەتسىڭىز Android قا Kotlin دا پروگرامما يازالايىدۇ. 

نۆۋەتتە يىڭىدىن ئېلان قىلىنغاچقا بۇ تىلنى ئىشلىتىدىغانلارنى جاۋا نى ئىشلىتىپ پروگرامما يازىدىغان كىشىلەر توپىغا سىلىشتۇرغاندا يەنىلا ئىنتايىن مىكرو سالماقنى ئىگىلەيدۇ، لىكىن 2016.يىلى كىرگەندىن باشلاپ 2017.يىلى بۈگۈنگىچە بۇ پروگرامما تىلى نۇرغۇنلىغان پروگراممىرلارنىڭ ئالقىشلاپ ئىشلىتىشىگە سازاۋەر بولدى ھەمدە ئىشلىتىدىغانلار سانى شىددەت بىلەن ئاشتى ھەم باشقا پروگرامما تىللىرىدىن روشەن پەرىقلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#