بىئو كومپيۇتېر

بىئو كومپيۇتېر

بىئو كومپيۇتېر __ بىئو قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاقسىل (DNA مولېكۇلاسى، ئېنزىم) دىن تەركىب تاپقان بىئولوگىيەلىك ئۆزەكتىن ياسالغان، ئۆزەكتىكى DNA مولېكۇلىسىدا يۈز بېرىدىغان بىئو خىمىيەلىك رېئاكسىيە ئاساسىدا ماتېماتىكلىق ۋە لوگىكىلىق  ھېسابلاشلارنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىدىغان كومپيۇتېر.

ئۇيغۇرچە نامى بىئو كومپيۇتېر
چەتئەلچە نامى biological computer
قۇرۇغان ۋاقتى 1986-يىلى
خەنزۇچە نامى 生物计算机
باشقا نامى بىئونىك كومپيۇتېر، بىئولوگىيەلىك كومپيۇتېر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىئو كومپيۇتېربىئو كومپيۇتېر __ بىئو قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاقسىل (DNA مولېكۇلاسى، ئېنزىم) دىن تەركىب تاپقان بىئولوگىيەلىك ئۆزەكتىن ياسالغان، ئۆزەكتىكى DNA مولېكۇلىسىدا يۈز بېرىدىغان بىئو خىمىيەلىك رېئاكسىيە ئاساسىدا ماتېماتىكلىق ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاشلارنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىدىغان كومپيۇتېر.

20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى بىئولوگلار DNA مولېكۇلاسى ئوخشىمىغان ھالەتتە تۇرغاندا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىنى بايقىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا DNA مولېكۇلاسى ماھىيەتتە مۇكەممەل بىر ماتېماتىكلىق فورمۇلا بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ناھايىتى ئاسان.DNA  مولېكۇلىسىدا ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىئو-خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بەرگەندە بىرخىل گېن شىفىرى يەنە بىرخىل گېن شىفىرىگە ئايلىنىدۇ. رېئاكسىيەدىن بۇرۇنقى گېن شىفىرى كىرگۈزۈلگەن سانلىق مەلۇمات بولسا، رېئاكسىيەدىن كېيىنكى گېن شىفىرى بىر تەرەپ قىلىنغان سانلىق مەلۇمات بولىدۇ. بۇ خىلدىكى بىئوخىمىيەلىك رېئاكسىيەنى DNA مولېكۇلاسى ئەتراپىدىكى فىزىكا، خىمىيەلىك ۋاسىتىلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئېنزىم ئارقىلىق كونترول قىلىپ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە ماتېماتىكا ئالىملىرى، بىئولوگلار، خىمىكلار ۋە كومپيۇتېر ئىنژېنېرلىرى ھەمكارلىشىپ بىئو كومپيۇتېر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.

بىئولوگىيەلىك كومپيۇتېرلارغا بىئو تېخنىكىسى ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاقسىل مولېكۇلاسى توپلاشتۇرۇپ ياسىغان بىئولوگىيەلىك ئۆزەك ئىشلىتىلىدۇ، بىئولوگىيەلىك ئۆزەك ئېلېكتىرون دېتاللىرىدىن كۆپ كىچىك، بىئولوگىيەلىك ئۆزەكنى تۈزگۈچى ئاقسىل مولېكۇلىلىرى سىتروئولۇق تۈزۈلۈشكە ئىگە بولغاچقا تەكشىلىكتىكى توپلاشتۇرۇلغان توك يولىغا قارىغاندا 105 زىچ ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بىر تىرىليون دانە بىئو كومپيۇتېرنى بىر دانە پىروبىركىغا قاچىلاشقا بولىدۇ. ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. ھازىر دۇنيادىكى بارلىق كومپيۇتېرلار بىر تەرەپ قىلىۋاتقان ئۇچۇرلارنى بىر لىتىر ھەجىمدىكى بىئو كومپيۇتېر بىر نەچچە كۈندە بىر تەرەپ قىلالايدۇ. شۇڭا، بىئولوگىيەلىك كومپيۇتېرنىڭ ھەجىمى ئىنتايىن كىچىك، ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى.

بىئو كومپيۇتېربىئولوگىيەلىك دېتاللارنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئىنتايىن تۆۋەن، ھەتتا ئۆزىدە ئېلىپ بېرىلغان بىئوخىمىيەلىك رېئاكسىيەنىڭ ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

جانلىقلار ئورگانىزمى يارىلانغاندا بەلگىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ساقايغانغا ئوخشاش بىئولوگىيەلىك ئۆزەكتە كاشىلا كۆرۈلگەندە كاشىلىسىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. شۇڭا بىئولوگىيەلىك كومپيۇتېر يۇقىرى دەرىجىدە ئىشەنچلىك.

ئۇچۇر ساقلاش سىغىمى ئىنتايىن چوڭ، بىر گىرامDNA  مولېكۇلىسىنىڭ ساقلاش سىغىمى 6.5×1011GB  كېلىدۇ.

بىئو كومپيۇتېر بىئو ئاكتىپلىققا ئىگە بولۇپ، ئورگانىزم توقۇلمىلىرى بىلەن تەبىئىي بىرلىشەلەيدۇ، جانلىقلارنىڭ مېڭىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشقا بولىدۇ، بىئو كومپيۇتېرنى جانلىق تېنىدىكى ھايات ھۈجەيرىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق جانلىقلار تېنىدىكى ئۆزگىرىشنى ئالدىدىن بىلگىلى، كونترول قىلغىلى، بەلگىلىك پىروگرامما ئارقىلىق جانلىقلار ھەرىكىتىنى باشقۇرغىلى بولىدۇ. بىئو كومپيۇتېرنى ئادەم چوڭ مېڭىسى بىلەن تۇتاشتۇرغاندا ئادەم چوڭ مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ھەم ئادەمنىڭ ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش ئىجاد قىلىش... ئىقتىدارىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بەلگىلىك مىقداردىكى بىئو كومپيۇتېرنى چوڭ مېڭە بىلەن تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن ھايات ھۈجەيرىلەر بىئو كومپيۇتېرنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىئو كومپيۇتېرلارنى ئادەم ئورگانىزمىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، سەزگۈ ئەزالىرى نورمال بولمىغان ئادەملەرنى نورمال سەزگۈگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

بىئو كومپيۇتېرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ ، تەپەككۇر قىلىش، يەكۈن چىقىرىش، يېزىق، سۈرەت تونۇش ، ئادەم تىلىنى چۈشىنىش، تەرجىمە قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارغا ئىگە.

بىئو ئۆزەكنىڭ زىچلىقى، ئادەملەرنىڭ نېرۋا تۈگۈنلىرى زىچلىقىدىن چوڭ بولغاچقا، ئۇچۇر ساقلاش، يوللاش، بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ئادەم مېڭىسىدىن مىليون ھەسسە تىز.

بىئو كومپيۇتېر سۇيۇق ھالەتتىكى كومپيۇتېر بولۇپ، ئۇنىڭ كىرگۈزۈش، چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى، يۇمشاق دېتاللىرى ... بىئو تېخنىكىسى ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاقسىلدىن ئىبارەت.

نۆۋەتتە بىئو كومپيۇتېرنىڭ بىرقىسىم تېخنىكلىق دېتاللىرى تەتقىقات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىلمىي قىممىتى ناھايىتى زور. ئۇ 21-ئەسىردىكى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى، سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى باشلامچى. مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالسا ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدە بىر مەيدان دەۋر بۆلگۈچ ئىنقىلاب مەيدانغا كېلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#