ساۋ يۈ  (1910-1996-يىللار )، ئەسلى ئىسمى ۋەن جياباۋ، تيەنجىندە تۇغۇلغان،  ھازىرقى زامان دراما ساھەسىدە تۆھپىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان دراماتورگ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ساۋ يۈ
باشقا نامى 添甲
مىللىتى خەنزۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1996-يىل 12-ئاينىڭ 13-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئىسمى 曹禺
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1910-يىل 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
كەسپى يازغۇچى، دراماتورگ
ئەسلى ئىسمى ۋەن جياباۋ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ساۋ يۈ تېخى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا كۆپ پەردىلىك دراما «گۈلدۈرماما» نى يازغانىدى. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاجايىپ-غارايىپلىقلارغا تولغان شاڭخەيدە خىلمۇخىل رەزىللىكلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، «ئىچىگە توشۇپ كەتكەن ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش»، شۇنداقلا پارلاق، گۈزەل ئەتىگە بولغان قىزغىن تەشنالىق بىلەن «كۈن چىقتى» دېگەن درامىنى يازدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە «دالا»، «بېيجىڭلىقلار» قاتارلىق درامىلارنى يازدى.

«گۈلدۈرماما»

«گۈلدۈرماما» جۇڭگونىڭ تىياتىر تارىخىدىكى نادىر دراما ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ جۇ پۇيۈەن بىلەن جۇ فەنيىنىڭ زىددىيەت توقۇنۇشىنى مەركەز قىلىپ، بىپايان ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە جۇ ئائىلىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ۋە جۇ، لۇ جەمەتلىرى ئارىسىدىكى مۇرەككەپ قانداشلىق مۇناسىۋىتى ۋە زىددىيەت، ئىختىلاپلارنى قانات يايدۇرۇپ، فېئوداللىق خاراكتېردىكى بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىنىڭ چىرىكلىكى ۋە جىنايىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، ئۇنداق چىرىك ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ مۇقەررەر گۇمران بولىدىغان تارىخىي قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەرگەن.

جۇ پۇيۈەن ئۆكتەم، شۇنداقلا ساختىپەز ئادەم. ئۇ ھېچقانداق كىشىنىڭ ئۇنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىشىغا يول قويمايدۇ، ھەممە يەردە ئۆزىنىڭ ئائىلە باشلىقىلىق ئورنىنى فېئوداللىق ئەخلاق قائىدىلىرى بىلەن قوغدايدۇ، ھەتتا ياش خوتۇنىغا قىلچىمۇ ئەركىنلىك بەرمەي، ئۇنى ئاچچىق دورىنى ئىچىشكە مەجبۇرلايدۇ. جۇ پۇيۈەن لۇ شىپىڭنى ئويناپ، كېيىن تاشلىۋېتىدۇ، لۇ شىپىڭ تۇيۇقسىز جۇ ئائىلىسىگە كەلگەندە، جۇ پۇيۈەن ئۆزىنىڭ ئابرۇيى ۋە ئورنىغا تەسىر يېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يۇمشاق-قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ لۇ شىپىڭنى دەرھال يولغا سېلىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ.

«كۈن چىقتى» 

«كۈن چىقتى» دا، يۇقىرى قاتلام جەمئىيەتنىڭ ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشى ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى مەركىزىي شەھەر جەمئىيىتىنىڭ «خۇدا ئۇرغاننى خۇدابەردىكام قوشلاپ ئۇرۇپتۇ» دېگەندەك ماھىيىتى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەن. درامىدا ئىشقىۋاز سەتەڭ چىن بەيلۇنىڭ چۈشكۈنلىشىشى ۋە تراگېدىيەسى نۇقتىلىق تەسۋىرلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن يۆتىڭ، جاڭ جياۋجى، گۇ سەككىزىنچى ئاغىچا، خۇسى، لى شىچىڭ قاتارلىق ئادەمخور پارازىتلار نەپرەت ۋە مەسخىرە قەلىمى بىلەن تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن قورساق سوقۇشتۇرۇشى، كەيپ-ساپالىق شاللاق تۇرمۇشى بىلەن رەزىل قىلىقلىرى ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ ھەم چىن بەيلۇ تراگېدىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي مەنبەنى ئېچىپ بېرىدۇ.

ساۋ يۈ «كۈن چىقتى» دا يەنە سەھنىگە چىقمىغان ئىككى مۇھىم پېرسوناژنى تەسۋىرلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى، باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىدىغان جىن با، ئۇ زۇلمەت كۈچلىرىنىڭ ۋەكىلى؛ يەنە بىرى، جاڭ سوققۇچى ئىشچىنىڭ ئوبرازى، ئۇ يورۇقلۇققا سىمۋول قىلىنىپ، ساۋ يۈ كېلەچەككە بولغان ئېتىقادىنى ئۇنىڭغا يۈكلىگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#