ئەپيۈن

مەست قىلىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، مەنىي تۇتۇش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، يۆتەل پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ئەپيۈن
ئەرەبچە نامى لەبەنى خەشخاش
ئىنگلىزچە Opium Resena
تونۇش ئەپيۈن
شەكلى خورما رەڭلىك، ئاچچىق تەملىك
خەنزۇچە نامى 雅片 ya pian
پارسچە نامى ئەفىيۇن
ئوردۇچە نامى ئوفىيۇم
تونۇش خورما رەڭلىك، ئاچچىق تەملىك يېلىمدىن ئىبارەت
جىسمى ئېقىپ چىقىپ قاتقان خورما رەڭلىك، ئاچچىق تەملىك يېلىمدىن ئىبارەت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 بۇ ئەپيۈنگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك كۆكنارنىڭ خام ۋاقتىدىكى غوزىسىنى تىلىپ قويسا، ئېقىپ چىقىپ قاتقان خورما رەڭلىك، ئاچچىق تەملىك يېلىمدىن ئىبارەت بولۇپ، يېلىمى « ئەپيۈن » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .

بۇ ئەپيۈنگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك كۆكنارنىڭ خام ۋاقتىدىكى غوزىسىنى تىلىپ قويسا، ئېقىپ چىقىپ قاتقان خورما رەڭلىك، ئاچچىق تەملىك يېلىمدىن ئىبارەت بولۇپ، يېلىمى « ئەپيۈن » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئەپيۈننىڭ ئاساسلىق تەسىر قىلغۇچى ئالكالوئىدلىرىدىن ھازىرغىچە ئېنىقلانغانلىرى 25 خىل بولۇپ، ئۇلار ئومۇمىي مىقدارنىڭ %10-%25 نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق ئاتسىدوم مېكونىكوم بىلەن بىرىكىپ، تۇز ھالىتىدە (مېكونات) مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ياپونىيە ئەپيۈنىنىڭ ئالكالوئىدلىرى ئاساسلىقى %5.24 مورفىن(MorPhine)، %47%~ناركوتىن (Narcotine)، پاپاۋېرىن (Papaverine)، 0.5% نارسېئىن (Narceine)قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كودامىن (codamin)، كوتارنىن (cotarnin)، كىرپېتوپىن(cryptopnme)، گىـنوسـېئوپـىن (Ghoseopine)، ھىـدروكـوتارىـنىن (Hydrocotarnine)، لانتوپىن(Lanthopine)، لاۋدانىدىن (Laudanidine)، مېكونىـدىن (Meconidine)، ناركوتولىن (Narcotoline)، نىئوپىن (Niopine)، ئوكسىناركوتىن (oxynarcotine)، پاپاۋېرامىن (Papaveramine)، پورمىزوكسىن(Porhyroxine)، كسانتالىن (xanthaline) قاتارلىقلار بار.


مەست قىلىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، مەنىي تۇتۇش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، يۆتەل پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، سۈيدۈك ۋە قان توختىتىش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قىزىتما قايتۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى تەڭشەش، روھىي ھايۋانىينى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

مەست قىلغۇچى دورىلار

مىقداردىن كۆپ ئىشلەتسە، ھوشسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ، دائىم ئىشلەتسە، خۇمار قىلىپ قويۇپ، يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ئەپيۈن تەركىبىدە 20 نەچچە خىل ئالكالوئىد بار، ئەمما كلىنىكىدا ئىشلىتىلىدىغىنى پەقەت مورفىن، كودىئېن، پاپاۋېرىن ۋە ناركوتىن قاتارلىق تۆت خىلدىن ئىبارەت. باشقا ئالكالوئىدلارنىڭ مىقدارى ئاز بولغاچقا، ئەپيۈننىڭ تەسىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ئانچە زور ئەمەس.

 1. ئاغرىق پەسەيتىش تەسىرى: مورفىننىڭ ئاغرىق پەسەيتىش رولى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ھەم يۇقىرى دەرىجىدە تاللاشچانلىقى بار. داۋاملىق ئەگىشىپ كېلىدىغان ئاغرىقلاردىن ئازابىلىنىدىغان ئەھۋاللار تۈگەيدۇ.

 2. ئۇخلىتىش تەسىرى: مورفىننىڭ ئۇخلىتىش تەسىرى بار. لېكىن ئۇيقۇ قىسقا بولىدۇ ھەم بىمار ئاسان ئويغىنىپ كېتىدۇ. ھەقىقىي ئۇخلاتقۇچى دورا دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

 3. نەپەسلىنىشنى تورمۇزلاش ۋە يۆتەل توختىتىش تەسىرى: مورفىننىڭ نەپەس مەركىزىنى يۇقىرى دەرىجىدە تاللاش خاراكتېرلىك تورمۇزلاش رولى بار، نەپەس مەركىزىنى تورمۇزلاشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىسى نەپەسلىنىش رىتىمى قىسقىراشتىن ئىبارەت. نەپەس مەركىزىنىڭ پالەچ بولۇپ قېلىشى مورفىندىن زەھەرلىنىشنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبىدىن ئىبارەت. مورفىننىڭ يۆتەل توختىتىش تەسىرىمۇ كۈچلۈك، بۇ ئاساسلىقى مورفىننىڭ يۆتەل مەركىزىنى تورمۇزلىغانلىقى ئۈچۈندۇر.

 4. يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: داۋالاش دورىسىدىكى مورفېننىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بىمارنىڭ قان بېسىمى، يۈرەك رىتىمى ۋە باشقا رىتىملەرگە نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىرى يوق، قان تومۇرلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش مەركىزىگىمۇ روشەن ھالدا تەسىرى يوق. لېكىن بەدەننىڭ تۇرۇش ئورنى مەنبەلىك تۆۋەن قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پاپاۋېرىن ھەر خىل سىلىق مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ چوڭ قىزىل تومۇرلارنىڭ سىلىق مۇسكۇللىرىدا سپازمىلىنىش مەۋجۇت بولۇۋاتقاندا، بوشىتىش تەسىرى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.

 5. ھەزىم قىلىش يوللىرى ۋە باشقا سىلىق مۇسكۇللۇق ئەزالارغا بولغان تەسىرى: مورفىن قەۋزىيەت پەيدا قىلىدۇ. ئاساسلىق سەۋەبى: ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى ۋە ئۇلاردىكى يۇرمەك مۇسكۇللارنىڭ تارقىلىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەزىم سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئازايتقانلىقى ۋە تەرەت قىلىش ھېسسىياتىنى ئاستىلاتقانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۈچەي ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ماڭدۇرىدىغان ھەرىكەت زور دەرىجىدە ئاستىلاشقانلىقتىن ئىبارەتتۇر. پاپاۋېرىن ئۈچەي سىلىق مۇسكۇلىنى تورمۇزلىيالايدۇ، لېكىن تەسىرى بەك ئاجىز، مورفىن كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆت يولى سپازمىسىنى ئازايتالمايدۇ.

6. باشقىلار: مورفىننى قايتا − قايتا ئىشلەتكەندە چىدامچانلىق پەيدا قىلىدۇ. لېكىن پەقەت مەركەزنى تورمۇزلاش تەسىرىدىلا مەسىلەن: ئارام بېرىش، ئۇخلىتىش، نەپەسنى تورمۇزلاش قاتارلىقلاردىلا چىدامچانلىق يۈز بېرىدۇ. ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملىق ئىشلەتكەندە مورفىنغا خۇمار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مورفىننىڭ خۇشاللاندۇرۇش ئالامىتىدە بىمارنىڭ توغرا ھۆكۈم قىلىشى ۋە باھا بېرىش ئىقتىدارى پۈتۈنلەي ساقلىنىدۇ. ھەرىكەت ئىقتىدارىدىمۇ توسقۇنلۇق بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئىپادىلىرى يەككە − يېگانىلىقنى ياقتۇرۇش، خام − خىياللار ئىچىگە چۆكۈپ كېتىشتىن ئىبارەت. كودېئىننىڭ «خۇشاللاندۇرۇش»ئالامىتى ۋە خۇمارغا چۈشۈرۈش خۇسۇسىيەتلىرى تۆۋەن، پاپاۋېرىن خۇمارغا چۈشۈرۈپ قويمايدۇ.

بالىلارغا، ھامىلدارلارغا، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كىسەللىكلىرىگە، زىققىغا بىرىلمەيدۇ.

1. ئەپيۈندىن بىر گرام ئېلىپ، تۆتكە بۆلۈپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئارپا سۈيى بىلەن ئىچسە، سەرسام، شەقىقە ۋە ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەپيۈننى زەپەر بىلەن ئېرىتىپ پۇرىتىلسا، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، ئاغرىق توختىتىدۇ.

 3. رەۋغىنى نارجىلدىن 25 مىللىلىتىر، رەۋغىنى كۈنجۈتتىن 25 مىللىلىتىر، ئەپيۈندىن 2 گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاغرىغان ئورۇنغا سۈركىسە، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، تىنچلاندۇرىدۇ.

4. ئەپيۈننى بادام يېغىدا ئېرىتىپ، قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئورۇنباسارى 

بەزرۇلبەنجى، قان توختىتىشقا تاباشىر، گىلى مەختۇم، كەھرىۋا. كاپۇر.

تۈزەتكۈچىسى

ئەگەر قاتتىق قورساق ئاغرىقى پەيدا قىلسا، ئەمەن سۈيى بىلەن ھەمەل قىلىش ياكى قۇستۇرۇش، ئاشقازاننى يۇيۇش، ھىڭ يېگۈزۈش كېرەك. قۇندۇز قەھىرى.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

مەجۈن بەرشىشا، ھەببى سىل، ھەببى ئىمساك. ھەببىي ئەپيۇن. زىماد ئەپيۇن.

ئۆستۈرۈش

رايونىمىزنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئۆسۈملىگى يېتىلىپ، غوزىكى سارغۇچ تەرەپكە مايىل بولغاندا، غوزىكىنى پىچاقتا تېلىپ، شۇجايدىن ئىقىپ چىققان يىلىمى يىغىۋېلىنىپ، مەخسۇس قۇتىلارغا سېلىپ، كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان جايلاردا ساقلىنىدۇ.

ساقلاش

ئۆسۈملىگى يېتىلىپ، غوزىكى سارغۇچ تەرەپكە مايىل بولغاندا، غوزىكىنى پىچاقتا تېلىپ، شۇجايدىن ئىقىپ چىققان يىلىمى يىغىۋېلىنىپ، مەخسۇس قۇتىلارغا سېلىپ، كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان جايلاردا ساقلىنىدۇ.

قاتتىق ئاغرىقلار، ئۇيقۇسىزلىق، مېڭە پەردە ياللۇغى، مالىخولىيا، ئىچ سۈرۈش، تولغاق، نەزلىلىك زۇكام، يۆتەل، زىققە، باش، كۆز، قۇلاق ئاغرىقى، ئىسسىقتىن بولغان كونا قىزىتما ۋە دەۋرلىك قىزىتما قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇندىن باشقا چىش چۈشۈپ كېتىش، سۈيدۈكنىڭ كۆپ ۋە ئېچىشىپ كېلىشى ھەمدە مەنىينىڭ تېز كېتىشى، قۇلۇنجى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=407

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#