كاۋا مانتىسى
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بىرىنچى خىل تەييارلاش ئۇسۇلى
1. مانتا كاۋىسىنى ئاقلاپ، ئۇرۇقلىرىنى، لەشلىرىنى قىرىپ تازىلاپ، سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، قوناقتەك چوڭلۇقتا، قوينىڭ چاۋا يېغى، پىياز ئۇششاق توغرىلىدۇ.
2. كاۋا، پىياز، چاۋا ياغنى قوشۇپ، ئۇنىڭغا سوققان زىرە، تۇز سېلىپ، داغلانغان ياغنى قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
3. ئاق ئۇندا پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ، ئۇنىڭدىن 50-40 دانە زوۋۇلا ئۈزۈپ پىشۇرۇپ، قول بىلەن بېسىپ ياپىلاقلاپ، پوزا بىلەن ئوتتۇرىسىنى قېلىنراق، چۆرىسىنى نېپىز قىلىپ جىلىت ئېچىپ، ئاندىن قىيما سېلىپ تۈگۈپ، قاسقاندا تېز ئوتتا 15 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. پىشقا
ن مانتىنى لېگەنگە ياكى تەخسىگە ئېلىپ، ئۈستىگە قارىمۇچ سېپىپ داستىخانغا كەلتۈرۇلىدۇ. بۇ مانتىنىڭ پىشىش ۋاقتىنى چىڭ ئىگىلەش كېرەككى، پىشىپ ئۆتۈپ كەتسە بولمايدۇ.
ئىككىنچى خىل تەييارلاش ئۇسۇلى
1. كاۋىنى ئاقلاپ پاكىز يۇيۇپ ، دانچە قىلىپ توغرايىمىز.
2. خېمىر يۇغىرىدىغان داسقا بۇغداي ئۇنىنى تۆكۈپ سۇ قۇيۇپ، تۇزدىن ئاز مىقداردا سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ تەييارلايمىز. 3. دانچە قىلىپ توغرالغان كاۋىنى باش پىياز، كۆك مۇچ (قىزىل مۇچ)، شېكەر، قارامۇچ قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن چۈچۈتىلگەن سۇ مايدىن ئازراق قۇيۇپ، قىيمىنى تەييار قىلىۋالىمىز،
4. يۇغۇرۇلۇپ بولغان خېمىرنى يۇمىلاق قىلىپ ئۈزۈپ جىلىتە ئېچىپ تەييارلايمىز.
5. ئېچىپ تەييار قىلىۋالغان جىلىتىنىڭ ئۈستىگە كاۋا قىيىمىسىنى ئېلىپ ئخىچام قىلىپ تۈگۈپ تەييارلايمىز،
6. قاسقاننىڭ ئۈستىنى سۇ مايدا مايلاپ تۈگۈلگەن كاۋا مانتىسىنى رەتلىك تىزىپ، يۇقىرى ئوتتا قايناۋاتقان قازانغا (كورا) قاسقاننى قويۇپ ،تەخمىنەن 25 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە دۈملەپ پىشۇرۇپ، ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.