شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى نىزامى

تەرەققىيات يىرىك پىلانى نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى نىزامى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان. 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区发展规划条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 46-نومۇرلۇق ئېلانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 46-نومۇرلۇق ئېلانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى نىزامى» 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرۇش، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېتەكچىلىك ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان تەرەققىيات يىرىك پىلانى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى مەلۇم مەزگىل ۋە دائىرىدە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، يولغا قويۇش ۋە ئالاقىدار باشقۇرۇش ھەرىكىتىگە مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، يولغا قويۇش ۋە ئالاقىدار باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىسلاھات-تەرەققىيات تارمىقى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئالاقىدار باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ، باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئالاقىدار مەخسۇس يىرىك پىلانلارنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش خىزمەتلىرىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە باشقۇرۇش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

6-ماددا قانۇن بويىچە تەستىقلانغان تەرەققىيات يىرىك پىلانى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىسادنى تەڭشەش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ۋە جامائەتكە مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى ئاساس بولۇپ، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش كېرەك.

پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يېتەكچى قىلىشى كېرەك.

2-باب تەرەققىيات يىرىك پىلانى سىستېمىسى

7-ماددا تەرەققىيات يىرىك پىلانى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانى، ئاساسلىق فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانى، مەخسۇس يىرىك پىلان، رايون يىرىك پىلانى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىللىق پىلانى دەپ ئايرىلىدۇ.

8-ماددا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئوبيېكتى قىلىنىپ تۈزۈلگەن ئىستراتېگىيەلىك، پىروگرامما خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلاننى كۆرسىتىدۇ، ئۇ، باشقا تەرەققىيات يىرىك پىلانلىرىنى تۈزۈشنىڭ تۈپ ئاساسىدۇر. يىرىك پىلان مەزگىلى ئادەتتە بەش يىل بولىدۇ، ئۇنىڭدا ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كۆزلەنسە بولىدۇ.

باشقا تەرەققىيات يىرىك پىلانلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، شەھەر– يېزا يىرىك پىلانىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانى بويىچە تۈزۈش ۋە تۈزىتىش كېرەك.

خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئالدىنقى يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىجراسى، كېيىنكى يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى تەرەققىيات مۇھىتى ۋە شارائىتى؛

(2) يېتەكچى ئىدىيە، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، تەرەققىيات نىشانى ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى؛

(3) ئاساسلىق ۋەزىپىلەر، تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەر؛

(4) يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى كاپالەت تەدبىرلىرى.

كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى كۆزلىمە كۆرسەتكۈچ ۋە چەكلىمە كۆرسەتكۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىدىكى ئاساسلىق كۆزلىمە كۆرسەتكۈچ ۋە چەكلىمە كۆرسەتكۈچلەرنىڭ نامى بىردەك بولۇشى، كۆرسەتكۈچ قىممىتى جىپسىلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

9-ماددا ئاساسلىق فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانى ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسىنى ئوبيېكت قىلىپ تۈزۈلگەن يىرىك پىلان بولۇپ، ئۇ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانى قاتارلىق پىلانلارنىڭ ماكان تەرەققىياتى ۋە جايلاشتۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تۈپ ئاساسىدۇر. يىرىك پىلان مەزگىلى ئادەتتە ئون يىل بولىدۇ، ئۇنىڭدا 15 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كۆزلەنسە بولىدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، دۆلەتنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانىنى ئاساس قىلىپ، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، شەھەر–يېزا يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

ئاساسلىق فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئاھالىنىڭ جايلىشىشى، بايلىق مۇھىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، ھازىرقى ئېچىش زىچلىقى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ھەققىدىكى تەھلىلىي باھا؛

(2) ھەر خىل ئاساسلىق فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ سانى، ئورنى ۋە دائىرىسى؛

(3) ئاساسلىق فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ بېكىتىلىشى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، ئېچىش ۋاقىت تەرتىپى ۋە باشقۇرۇش پىرىنسىپى؛

(4) كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى ۋە يانداش سىياسەتلەر.

10-ماددا مەخسۇس يىرىك پىلان خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇئەييەن ساھە ئوبيېكتى قىلىنىپ تۈزۈلگەن يىرىك پىلان، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىنىڭ مۇئەييەن ساھەدىكى تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مۇئەييەن ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ياكى تەستىقلاش، مالىيە كىرىم-چىقىم خامچوتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى چىقىرىشنىڭ ئاساسىدۇر.

تۆۋەندىكى ساھەلەردە مەخسۇس يىرىك پىلان تۈزۈلسە بولىدۇ:

(1) دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇچىلىق، سانائەت، ئېنېرگىيە، قاتناش، خەۋەرلىشىش، ئۇچۇر قوللىنىش، سودا ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتتىكى كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى؛

(2) يەر، سۇ، كۆمۈر، قېزىلما، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق مۇھىم بايلىقنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە قوغداش؛

(3) ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش، بايلىق تېجەش، ئايلانما ئىقتىساد، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، تۆۋەن كاربونلۇق ئىگىلىك، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى؛

(4) مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، ساياھەت، تەنتەربىيە، خەلق ئىشلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جامائەت ئىشلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى؛

(5) شەھەر-بازار ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى؛

(6) تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش؛

(7) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن باشقا ساھەلەر.

مەخسۇس يىرىك پىلاننىڭ مەزگىلى پىرىنسىپ جەھەتتە خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىنىڭكى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپى بويىچە تۈزۈلگەن ئالاھىدە ساھەنىڭ مەخسۇس يىرىك پىلانىنىڭ مەزگىلى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلسە بولىدۇ.

11-ماددا رايون يىرىك پىلانى مەمۇرىي رايون ھالقىغان مۇئەييەن رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئوبيېكتى قىلىنىپ تۈزۈلگەن يىرىك پىلانى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىنىڭ مۇئەييەن رايوندا تەپسىلىيلەشتۈرۈلۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى رايون تەۋەسىدىكى مەمۇرىي رايونلارنىڭ يىرىك پىلانلىرىنى تۈزۈش ئاساسىدۇر، يىرىك پىلان مەزگىلى ئادەتتە بەش يىل بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كۆزلەنسە بولىدۇ.

تۆۋەندىكى رايونلار رايون يىرىك پىلانى تۈزسە بولىدۇ:

(1) خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن نۇقتىلىق تەرەققىيات رايونى ياكى مۇھاپىزەت رايونى؛

(2) رايون تەرەققىيات ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى ياكى جايلىشىشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان جايلار؛

(3) ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئالاقىسى قويۇق بولغان شەھەر-بازار كۈجۈملەشكەن جايلار؛

(4) مەركىزىي شەھەرنى تايانچ قىلغان ئىقتىساد چەمبىرىكى ۋە ئىقتىساد بەلبېغى؛

(5) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن باشقا جايلار.

12-ماددا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىللىق پىلانى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھەققىدىكى يىللىق ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىنى يىل ئىچىدە يولغا قويۇشنىڭ كونكرېت خىزمەت پىلانىدۇر. پىلان مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ.

خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىللىق پىلانى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئالدىنقى يىللىق پىلاننىڭ ئىجراسى ۋە شۇ يىللىق پىلان نىشانى؛

(2) شۇ يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ۋە سىياسەت، تەدبىرلەر؛

(3) شۇ يىللىق پىلانغا يانداش مەخسۇس پىلانلار؛

(4)ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان باشقا چوڭ-چوڭ ئىشلار.

3-باب تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش

13-ماددا تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك:

(1) ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛

(2) ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، تەبىئىي قانۇنىيەت، ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش؛

(3) ئىلمىيلاشتۇرۇش، دېموكراتىيەلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ھەر ساھەدىكىلەردىن كەڭ پىكىر ئېلىش؛

(4) بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل يىرىك پىلانلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛

(5) سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش.

14-ماددا تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، ئۇل تەكشۈرۈش، ئۇچۇر توپلاش، تېما تەتقىق قىلىش شۇنىڭدەك تۈرلەرنى دەلىللەش قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، لايىھە تەييارلاش، پىكىر ئېلىش، جىپسىلاشتۇرۇش ۋە دەلىللەش، تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش، ئېلان قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەرنى ئادا قىلىش كېرەك.

15-ماددا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈشكە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ، يىرىك پىلان لايىھەسىنى تەييارلاشقا شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەسئۇل بولىدۇ.

16-ماددا ئاساسلىق فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ تۈزىدۇ.

17-ماددا مەخسۇس يىرىك پىلاننى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى تۈزىدۇ؛ كۆپ تارماقنىڭ مەسئۇلىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

نۇقتىلىق مەخسۇس يىرىك پىلان كاتالوگىنى ئىسلاھات-تەرەققىيات تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەييارلايدۇ.

تۈزۈش كاتالوگىغا كىرگۈزۈلگەن نۇقتىلىق مەخسۇس يىرىك پىلان تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:

(1) خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلار؛

(2) خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلار؛

(3) دۆلەت، ئاپتونوم رايون تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان ياكى تەستىقلايدىغان چوڭ-چوڭ تۈرلەر شۇنىڭدەك دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەبلەغ سېلىشى ئىلتىماس قىلىنىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوممىسى كۆپرەك ساھەلەر؛

(4) زور كەسىپ جايلاشتۇرمىسى، ساھە تەرەققىياتى ياكى مۇھىم بايلىق ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەر.

18-ماددا رايون يىرىك پىلانىنى رايون يىرىك پىلانى تۈزىدىغان جايلارغا ئورتاق بولغان بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار ۋە رايون دائىرىسىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەپ تۈزىدۇ.

19-ماددا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىللىق پىلانىنى تۈزۈشكە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ، پىلان لايىھەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەييارلايدۇ.

4-باب تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇش

20-ماددا تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك:

(1) تۆۋەن دەرىجىلىكنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇش؛

(2) مەخسۇس يىرىك پىلان ۋە رايون يىرىك پىلانى شۇ دەرىجىلىكنىڭ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە شەھەر –يېزا يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلىشىش؛

(3) مەخسۇس يىرىك پىلانلار ئۆزئارا زىت بولماسلىق.

21-ماددا تەرەققىيات يىرىك پىلان لايىھەسىنى تەكشۈرتۈش ياكى تەستىقلىتىشتىن ئىلگىرى، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزگەن تارماق تەرەققىيات يىرىك پىلان لايىھەسىنى ئالاقىدار تارماقلارغا ئەۋەتىپ، جىپسىلاشتۇرۇش-ماسلاشتۇرۇش ھەققىدە پىكىر ئېلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماق تەرەققىيات يىرىك پىلان لايىھەسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جىپسىلاشتۇرۇش پىكرىنى 20 ئىش كۈنى ئىچىدە يازما قايتما ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

22-ماددا تەرەققىيات يىرىك پىلان لايىھەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشتا بىر پىكىرگە كەلگىلى بولمىسا، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك. مەخسۇس يىرىك پىلانلار، رايون يىرىك پىلان لايىھەلىرىدىن خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىغا زىت بولۇپ قالغان ياكى تۆۋەن دەرىجىلىكنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا زىت بولۇپ قالغانلىرىنى تۈزىتىش كېرەك.

23-ماددا تەرەققىيات يىرىك پىلان لايىھەسىنى تەكشۈرتۈش ياكى تەستىقلىتىشتىن ئىلگىرى، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزگەن تارماق تەرەققىيات يىرىك پىلانى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەتچىلىك كومىتېتى ياكى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەتچىلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ دەلىللىتىشى ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەتچىلىك كومىتېتى ياكى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەتچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دەلىللەش دوكلاتىنى تەييارلىشى كېرەك.

24-ماددا تەرەققىيات يىرىك پىلان لايىھەسىنى تەكشۈرتۈش ياكى تەستىقلىتىشتىن ئىلگىرى، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزگەن تارماق يىرىك پىلان لايىھەسىنى ئېلان قىلىش، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جامائەتتىن كەڭ پىكىر ئېلىشى كېرەك. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى ياكى دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

25-ماددا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلان لايىھەسىنى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىللىق پىلان لايىھەسىنى تەستىقلىتىشتىن ئىلگىرى، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

26-ماددا تەرەققىيات يىرىك پىلان لايىھەسى جىپسىلاشتۇرۇلمىغان، ماسلاشتۇرۇلمىغان، پىكىر ئېلىنمىغان شۇنىڭدەك مۇتەخەسسىسلەرگە دەلىللىتىلمىگەن بولسا، تەكشۈرتۈشكە، تەستىقلاشقا، يوللاشقا بولمايدۇ. تەرەققىيات يىرىك پىلان لايىھەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، پىكىر ئېلىش، مۇتەخەسسىسلەرگە دەلىللىتىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزگەن تارماق مۇھاكىمە قىلىپ، مۇۋاپىقلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

27-ماددا تەرەققىيات يىرىك پىلان لايىھەسى تۈزۈشتە مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالىتىشقا توغرا كەلسە، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزگەن تارماق مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەشكىللىشى، مۇھىت تەسىرىگە دائىر ماقالە، ئىزاھات ياكى دوكلات يېزىشى كېرەك.

5-باب تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەستىقلاش

28-ماددا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.

ئاساسلىق فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانىنى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ.

نۇقتىلىق مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ، باشقا مەخسۇس يىرىك پىلان تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

رايون يىرىك پىلانىنى يىرىك پىلان تۈزۈلگەن جايدىكى ئورتاق بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ.

خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىللىق پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.

29-ماددا تەرەققىيات يىرىك پىلان لايىھەسىنى تەكشۈرتۈشكە ياكى تەستىقلاشقا يوللاشتا، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزگەن تارماق تەرەققىيات يىرىك پىلان لايىھەسىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى ئىزاھات ۋە يىرىك پىلاننى دەلىللەش دوكلاتىنى بىللە يوللىشى كېرەك.

تەرەققىيات يىرىك پىلان لايىھەسىنى تۈزۈش ھەققىدىكى ئىزاھات پىكىرئېلىش ئەھۋالى شۇنىڭدەك ئالاقىدار يىرىك پىلانلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پىكىرلەرنى قوبۇل قىلماسلىق سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

30-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تەستىقلانغان تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يىرىك پىلاننى تۈزگەن تارماق جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.

6-باب تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش

31-ماددا تەرەققىيات يىرىك پىلانى تەستىقلانغاندىن كېيىن، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزگەن تارماق يولغا قويۇش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ۋاقىت تەرتىپىنى بېكىتىشى، كونكرېت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

32-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يولغا قويۇش لايىھەسىدە بېكىتىلگەن مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى بويىچە، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىشى ھەمدە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش داۋامىدا دۇچ كەلگەن چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك.

33-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قۇرۇلۇشلارنى تەرەققىيات يىرىك پىلانى بويىچە باشقۇرۇشى كېرەك. تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا، كەسىپ سىياسىتىگە ۋە جايلاشتۇرۇشقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قۇرۇلۇشلارنى تەكشۈرمەسلىكى، تەستىقلىماسلىقى، ئەنگە ئالماسلىقى كېرەك.

34-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى سىياسەت چىقىرىش، مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ياكى تەستىقلاش، بايلىقتىن ئېچىپ پايدىلىنىش، مالىيە چىقىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى چەك قويۇش، مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا بولمايدۇ.

35-ماددا تەرەققىيات يىرىك پىلانى يولغا قويۇلۇپ ئوتتۇرا باسقۇچقا بارغاندا، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزگەن تارماق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى باھالىتىشى كېرەك، جەمئىيەتتىكى ساپاسى بار ۋاسىتىچى ئاپپاراتقا باھالاتسىمۇ بولىدۇ، باھالاش دوكلاتىنى يىرىك پىلاننى تۈزىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك.

تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزگەن تارماق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەش، باھالاشقا تەشكىللىشى، باھالاش دوكلاتىنى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەستىقلىغان ئورگانغا تەكشۈرتۈشى كېرەك.

36-ماددا تەرەققىيات يىرىك پىلانى تەستىقلانغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، تەڭشەشكە ياكى تۈزىتىشكە بولمايدۇ.

تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەڭشەشكە ياكى تۈزىتىشكە بولىدۇ:

(1) يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى تەڭشەلگەن ياكى تۈزىتىلگەن بولسا؛

(2) ئوتتۇرا باسقۇچلۇق باھالاش ئارقىلىق، تەڭشەشكە ياكى تۈزىتىشكە توغرا كەلگەن بولسا؛

(3) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسى زور دەرىجىدە تەڭشەلگەن بولسا؛

(4) ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولغان بولسا؛

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەڭشەش ياكى تۈزىتىشتە، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزگەن تارماق تەڭشەش ياكى تۈزىتىش لايىھەسى قويىدۇ ھەمدە جىپسىلاشتۇرغان، ماسلاشتۇرغان، پىكىر ئالغان شۇنىڭدەك مۇتەخەسسىسلەرگە دەلىللەتكەندىن كېيىن، مۇشۇ نىزامنىڭ 5-بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرتۈپ، تەستىقلىتىپ ئېلان قىلىدۇ.

7-باب تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى نازارەت قىلىش

37-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش مېخانىزمىنى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى نەتىجە باھالاش، سىناش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

39-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىللىق پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش دوكلاتىنى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىللىق پىلانىنىڭ يېرىم يىللىق ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىشى، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

40-ماددا مەخسۇس يىرىك پىلان ئومۇمىي پىلانغا زىت بولۇپ قالسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس يىرىك پىلاننى تۈزگۈچى تارماقنى تۈزىتىشكە ياكى قايتا تۈزۈشكە بۇيرۇشى كېرەك.

41-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن مەخسۇس يىرىك پىلان ياكى رايون يىرىك پىلانى بىلەن ئومۇمىي پىلان، تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى شۇنىڭدەك مەخسۇس يىرىك پىلانلار بىر–بىرى بىلەن زىت بولۇپ قاپتۇ دەپ قارىغانلىرى تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقىغا ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا پىكىر بەرسە بولىدۇ، تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ تۈزگەن، يولغا قويغان ۋە باشقۇرغانلارنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس پاش قىلىشقا، شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار تارماق ئەرز-شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە قايتما ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

42-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپتىن ھالقىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزگەن، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەڭشىگەن، تۈزەتكەنلەرنى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەستىقلىغان ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

43-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سىياسەت چىقىرىش، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى، بايلىقتىن ئېچىپ پايدىلىنىش، مالىيە چىقىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تەستىقلاش ياكى ئەنگە ئېلىشتا، تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى چەك قويۇش، مەنئى قىلىش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىنسا، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەستىقلىغان ئورگان تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشتا جاۋابكارلىقى بار ئورۇننى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

44-ماددا تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى دەلىللەش، باھالاشقا مەسئۇل ئورۇن ياكى شەخسلەردىن دەلىللەش، باھالاشتا ساختىپەزلىك قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق ياكى ساھە باشقۇرغۇچى تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيىتىنى قانۇن بويىچە ۋاقىتلىق توختىتىپ قويىدۇ، ھەتتا بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

45-ماددا بۇ نىزام 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/2012-04/26/c_131553727.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#