ياشانغان ئاياللاردا بولىدىغان جىنسىي يول ياللۇغى

ياشانغان ئاياللاردا بولىدىغان جىنسىي يول ياللۇغى

ياشانغان ئاياللاردا بولىدىغان جىنسىي يول ياللۇغى جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى كۆپىيىدۇ. رەڭگى سارغۇچ، سۇيۇق، بەزىدە قان ئارىلاش كېلىدۇ. جىنسىي يول ۋە تاشقى جىنسىي ئەزادا قىچىشىش ھەم كۆيۈشكەندەك بىئاراملىق سېزىمى پەيدا بولۇش قاتارلىقلار ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

جۇڭيى تىبابىتى نامى ياشانغان ئاياللاردا بولىدىغان جىنسىي يول ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم تۇغۇت بۆلۈمى
خەنزۇچە نامى 老年性阴道炎
ئىنگىلىزچە نامى senilevaginitis

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياشانغان ئاياللاردا بولىدىغان جىنسىي يول ياللۇغىياشانغان ئاياللاردا بولىدىغان جىنسىي يول ياللۇغى ھەرخىل سەۋەبلەردىن ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى ئاياللاردا جىنسىي يول ياللۇغلىنىپ، كلىنكىدا جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى كۆپىيىش، جىنسىي ئەزا قىچىشىش، جىنسىي يول شىللىق پەردىلىرىدە يارا شەكىللىنىش، ھەتتا جىنسىي يول چاپلىشىپ، بالىياتقۇ ئىچىگە يىرىڭ يىغىلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ياشانغان ئاياللاردا بولىدىغان جىنسىي يول ياللۇغى1. خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھەرخىل سەۋەبتىن خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن بەدەنگە زىيادە تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ. بەدەندە كۆرۈلگەن بۇ خىل كەيپىيات نورمالسىزلىقى مۇشۇ خىل مۇھىتتا ياخشى ئۆسۈپ كۆپىيىدىغان جاراسىملارغا شارائىت ھازىرلىغان بولغاچقا بەدەن سىرتىدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن جاراسىملار ئۆسۈپ كۆپىيىپ، ئاسانلا يەرلىك ئورۇندا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. زەڭگەر سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ قان ئايلىنىش ئارقىلىق جىنسىي يولغا بېرىپ، بۇ ئورۇنلاردىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلىشى ۋە جاراسىملارنىڭ بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، كۆپىيىش نەتىجىسىدە يەرلىك ئورۇندا ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

3. تەبىئەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ياشانغان ئاياللاردا تەبىئىي ھالدا تەبىئەت كۈچى ئاجىزلىغان بولغاچقا، يەرلىك ئورۇن خىزمىتى چېكىنىش ھالىتىدە بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ھەرخىل جاراسىملارنىڭ يەرلىك ئورۇنغا ماكانلىشىشى ۋە ئۆسۈپ كۆپىيىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. كىلماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللاردا تۇخۇمداننىڭ خىزمىتى ئاجىزلىشىش سەۋەبىدىن جىنسىي يولنىڭ كىسلاتالىق خۇسۇسىيىتى ئاجىزلايدۇ، ھەتتا تاشقى جىنسىي ئەزالارمۇ قورۇلىدۇ. شۇڭا يەرلىك ئورۇننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ئاسانلا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى كۆپىيىدۇ. رەڭگى سارغۇچ، سۇيۇق، بەزىدە قان ئارىلاش كېلىدۇ. جىنسىي يول ۋە تاشقى جىنسىي ئەزادا قىچىشىش ھەم كۆيۈشكەندەك بىئاراملىق سېزىمى پەيدا بولىدۇ. ئاياللار بۆلۈمىلىك تەكشۈرگەندە جىنسىي يول شىللىق پەردىسىنىڭ يىگلەپ نېپىزلىگەنلىكى، قىزىرىش ئەھۋالى ۋە ئۇششاق قاناش توچكىلىرى سېزىلىدۇ. قاناش توچكىلىرى بالىياتقۇ گۈمبەز قىسمىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئېغىرلىرىدا ئۇزۇنغىچە ساقايمايدىغان يۈزە يارىلارمۇ پەيدا بولىدۇ، ئاز ساندىكىلەردە تاتۇق شەكىللىنىدۇ. ئەگەر يارا سەۋەبىدىن جىنسىي يولنىڭ يۇقىرىقى تەرىپى ئېتىلىپ قالسا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى ئاجرالمىلار سىرتىغا چىقىرىلماي بالىياتقۇ بوشلۇقى ئىچىگە يىرىڭ يىغىلىدۇ. بۇ كېسەلدە قىچىشىش ئانچە تىپىك بولمايدۇ.

تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە ئاق خۇندىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بىماردا ھەيز كېسىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى كۆپىيىش، رەڭگى سارغۇچ، سۇيۇق بەزىدە قان ئارىلاش كېلىش، تاشقى جىنسىي ئەزادا يېنىك قىچىشىش، جىنسىي يولدا كۆيۈشكەندەك سېزىم بولۇش، ئاياللار بۆلۈمىلىك تەكشۈرگەندە جىنسىي يول شىللىق پەردىلىرىدە قاناش توچكىلىرى بولۇش، ھەتتا يۈزە يارا شەكىللىنىش، جىنسىي يول چاپلىشىش، بالىياتقۇ ئىچىگە يىرىڭ يىغىلىش ئالامەتلىرى بولىدۇ ۋە ئاق خۇندىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرگەندە جاراسىملار تېپىلىدۇ.

بالىياتقۇ راكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بالىياتقۇ راكىدا قاناش يەنى تېگىشىش خاراكتېرلىك قاناش تىپىك كۆرۈلىدۇ، جىنسىي يولدىن سۇيۇقلۇق كېلىش بولىدۇ، ئاغرىش كېچىكىپ بولىدۇ، راك كېسەللىكىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە بەدەن ئورۇقلاش، قان ئازلىق، قىزىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. پەرقلەندۈرۈش قىيىن بولغاندا يەرلىك ئورۇندىن توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈلىدۇ.

1.مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. جاراسىملارنى يوقىتىپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

كەيپىياتتىكى نورمالسىزلىقنى تەڭشەش، جاراسىملارنى تازىلاپ، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ قوللىنىلىدۇ. ئىتئۈزۈمى، مامىرانچىنى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، ئوسما يىلتىزى، سېرىقچېچەك، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ جىنسىي ئەزا كۈندە ئۈچ قېتىم يۇيۇلىدۇ. گۈل بىنەپشە، نېلۇپەر، ئەمەن، بابۇنە، ئىتئۈزۈمى، بابۇنە ھەر بىرىدىن 51 گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، سوۋۇتۇلغان دورا سۈيىدە جىنسىي ئەزا كۈندە ئۈچ قېتىم يۇيۇلىدۇ. ئاق لەيلىگۈلى، ئىتئۈزۈمى ئۈچ گرامدىن، ئەرقى شاھتەررە، كاسىنە ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى، ئوغرىتىكەن ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى ھەربىرىدىن 6 گرامدىن ئېلىپ بىنەپشە شەربىتىگە قوشۇپ شامچە ياساپ، جىنسىي يولغا كىرگۈزۈلىدۇ. زەڭگەر سەپرا خىلىتى تەسرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، زەڭگەر سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، قان تازىلىغۇچى دورىلاردىن ئۆشبە، چۆپچىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 ~ 80 مىللىلىتىردىن 7 ~ 5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ دورىلارغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 ~ 80 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، زەڭگەر سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. جاراسىملارنى يوقىتىپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش مەقسىتىدە، ئىتىرىفىل شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن؛ ئەرقى چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 ~ 80 مىللىلىتىردىن؛ شەربىتى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. 4. بەدەننى قۇۋۋەتلەپ تەبىئەت كۈچىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە داۋائىمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، 3 گرامدىن؛ جاۋارىش مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىم 15 ~ 7 گرامدىن؛ جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن؛ مۇپەررىھى ئەبرىشىم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

1. ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، جىنسىي يول تازىلىقىنى ياخشى ئىشلىتىش، داس، لۆڭگە قاتارلىقلارنى ئايرىم ھەم پاكىزە تۇتۇشى، ئاممىۋى مۇنچىلاردا يۇيۇنماسلىقى، ئىچ كىيىملىرىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى لازىم.

2.يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى يېمەكلىك ۋە دورا-دەرمەكلەردىن پەرھىز قىلىش لازىم.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1273

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/204147.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#