ۋۇ دېڭيۈن

ۋۇ دېڭيۈن

ۋۇ دېڭيۈن، خەنزۇ، جياڭسۇ ئۆلكىسى گاۋيوۋ سۆگەت كەنتىدىن، 1939-يىلى تۇغۇلغان. كومپارتىيە ئەزاسى. يېڭى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن يۈز شەخسنىڭ بىرى، ئاق خالاتلىق پەرىشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16-قۇرۇلتاي، 17-قۇرۇلتاي، 18-قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇلۇغچات ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى، مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئىلغار شەخس، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋۇ دېڭيۈن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جياڭسۇ ئۆلكىسى گاۋيوۋ گو بازىرى
كەسپى دوختۇر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 吴登云
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1939-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ياڭجۇ تىببىي ئالىي تېخنىكومى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋۇ دېڭيۈنۋۇ دېڭيۈن، خەنزۇ، جياڭسۇ ئۆلكىسى گاۋيوۋ سۆگەت كەنتىدىن، 1939-يىلى تۇغۇلغان. كومپارتىيە ئەزاسى. يېڭى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن يۈز شەخسنىڭ بىرى، ئاق خالاتلىق پەرىشتە، جۇڭگو كومۇنېستىك پارتىيەسى  16-قۇرۇلتاي، 17-قۇرۇلتاي، 18-قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇلۇغچات ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى، ئىلگىرى شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مېدالىغا ۋە بېتيون مېدالىغا ئېرىشكەن، مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئىلغار شەخس، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى. تېببىي–سەھىيە ساھەسىدە ۋۇ دېڭيۈندىن ئۆگىنىش دولقۇنىنى كۆتۈرگەن.

1966-يىلى قىشتا، ئىقتىدار خاراكتېرلىك بالىياتقۇ قاناش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىرغىز ئايال ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كىرگەن، ئۇنى داۋالاشتا قان سېلىشقا دۇچ كەلگەن، زاپاس قان مەنبەسى تاپالمىغاچقا، ۋۇ دېڭيۈن ئۆزنىڭ 300 مىللىلىتىر قېنىنى قىرغىز بىمارغا تەقدىم قىلىپ ئۇنى خەۋىپتىن قۇتقۇزىۋالغان، 30 نەچچە يىلدىن بېرى، ئۇ 30 نەچچە قېتىم ھەقسىز قان تەقدىم قىلغان، جەمئىي 7000 مىللىلىتىردىن كۆپرەك قېنىنى تەقدىم قىلغان، بۇ قۇرامىغا يەتكەن بىر ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى قان ئومۇمىي مىقدارىغا تەڭ.

1971-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، مەمتىمىننىڭ ئىككى ياشلىق ئوغلى گۈلخان ئوينىغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ كىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنىڭ % 50 تىن كۆپرەك تېرسى كۆيۈپ كەتكەن. ھاياتى ئېچىنىشلىق بۇ كىچىك تەن ئالدىدا، ۋۇ دىڭيۈن بىئارام بولغان، ئۇنىڭغا تېرە كۆچۈرۈپ داۋالاشقا توغرا كەلگەندە، بالىنىڭ ئاتىسى قورقۇپ قوشۇلمىغاندا، ۋۇ دىڭيۈن ئامالسىز ئۆزى ئۆزىگە مەست قىلىش دورىسىنى ناركوز ئوكۇل قىلىپ، ئىككى يوتىسىدىن جەمئىي 13 پارچە پوچتا ماركىسى چوڭلۇقىدىكى تېرىنى ئالغان. ئۇ يەنە شۇ پۇتىنى سۆرەپ ئوپىراتسىيە ئۆيىگە كىرىپ ئۆزىنىڭ تېرىسىنى بالىغا بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزۋالغان، ھازىر ئۇ قۇتقۇزىۋالغان ئۇ كىچىك بالا ئىككى بالىنىڭ دادىسىغا ئايلاندى.

1984-يىلى ئالتۇن كۈزدە، ۋۇ دېڭيۈن ئۇلۇغچات ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى، تېببىي خادىملار ئىنتايىن كەمچىل بولغان. «چوقۇم مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر تۈركۈم قىرغىز مىللىتىدىن بولغان دوختۇرلارنى تەربىيەلەش!» ئۈچۈن ۋۇ دېڭيۈن «ئون يىللىق ئادەم يېتىشتۈرۈش پىلانى»نى تۈزۈپ چىققان، ئۇ ھەرقايسى يېزا بازارلىق شىپاخانىلارغا بېرىپ قىرغىز داۋالاش خادىملىرى تېپىپ، كۈندۈزى خىزمەت قىلىپ، كېچىسى ئۇلارغا خەنزۇچە ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارنى ئاپتونوم رايونلۇق دوختۇرخانىغا بېرىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتكەن، بىلىم ئاشۇرۇپ قايتىپ كەلگەندە، ئۇ يەنە ئۇلارغا قولمۇ-قول ئۈگەتتى، بۇنىڭ بىلەن زور بىر تۈركۈم قىرغىز دوختۇرلار يېتىشىپ چىقتى، ھازىر دوختۇرخانىدا %70تىن ئارتۇق كەسپىي تايانچ ھەممىسى قىرغىز مىللىتى. ئىلگىرى بۇ جايدا ھەتتا سوقۇر ئۈچەي ئوپېراتسىيەسىنى قاملاشتۇرۇپ قىلالمايدىغان دوختۇرخانا، ھازىر بارلىق ئوپېراتسىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلالايدىغان، ھەمدە داۋالاش سەۋىيەسى چېگرا رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن.

1985-يىلى چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، ئۇلۇغچات ناھىيە بازىرىدىكى قۇرۇشلار چۆل ئۈستىگە قۇرۇلۇشقا باشلىغان. بىمارلارغا ياخشى داۋالىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ۋۇ دىڭيۈن يەنە «ئون يىللىق دەرەخ قۇرۇلۇشى»نى ئوتتۇرىغا قويغان. تۇپراق يوق شارائىتتا، ئۇلار يەتتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كونا شەھەرگە بېرىپ، توپا ئېلىپ كەلگەن. سۇ يوق شارائىتتا ئۇلار قارلىق تاغ ئاستىغا 12 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سۇ باشلاش ئۆستىڭى قازغان. يىلمۇ يىل تىرىشىش نەتىجىسىدە، قاقاسلىقتا بىر باغ شەكىلدىكى دوختۇرخانا بەرپا قىلغان.

2001-يىلى، ۋۇ دىڭيۈن دوختۇرخانىدىن پېنسىيەگە چىققان، ھەمدە پەقەت ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. لېكىن، ئۇ دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتىغا ئوخشاشلا كۆڭۈل بۆلگەن، ھەر ھەپتىدە ئۇ سىياسىي كېڭەشتە ئۈچ كۈن، دوختۇرخانىدا ئۈچ كۈن كېسەل كۆرگەن.

1. مەن ئازراق قان، تېرە تەقدىم قىلىپ بىمارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتىنى قۇتقۇزالىسام، بۇ دېگەن جاھاندىكى ئەڭ قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىش.

2. دوختۇر خۇددى بەي چىيۇئىندەك خىزمەتكە ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان، بىمارلارغا چەكسىز قىزغىن بولىشى كېرەك.

3. شۇ جايدىكى تېببىي خادىملار كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىپ، چوقۇم مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت دوختۇرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

4. كوممۇنىستلار كەڭ قورساق، دپاك ىيانەتلىك بولۇسى، ئىگىلىك تىكلەشكە ئۆزىنى ئاتاشنى، مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىكى كېرەك.

5. ئەگەر يەنە بىر قېتىملىق ھاياتلىق پۇرسىتىم بولسا، مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن شىنجاڭنى تاللىغان، ئۇلۇغچاتنى تاللىغان بولاتتىم.

ئاز سانلىق مىللەت يۇرتداشلار ئۇنى «ئاق خالاتلىق ئەۋلىيا»، كادىرلار ئۇنى «ھايات كۇڭ فەنسېن» دەپ ئاتاشقان.

مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى.

مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك مېدالى ۋە بەي چىۇئىن مېدالىغا ئېرىشكەن.

مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئىلغار شەخس.

مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى.

مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى.

«پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى» بولۇپ سايلانغانلارنىڭ بىرى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 100 شەخسنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

1993-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالانغان.

1999-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ياخشى چاكار، ئۈلگىلىك كومپارتىيە ئەزاسى، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

2000-يىلى مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكەن، سەھىيە مىنىستىرلىقى بويىنچە «بەي چىيۇئىن مېدالى»غا ئېرىشكەن.

ئانا مەكتىپى تەرىپىدىن «ئەخلاق-تەربىيە ئۆمۈرلۈك پىروفېسسورى»نامى بېرىلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#