ياڭ يىڭ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
Angelababy خەنزۇچە ئىسمى ياڭ يىڭ 1989-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى شاڭخەي دە تۇغۇلغان، جۇڭگولۇق كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى، مودېل.
2003-يىلى مودېل سالاھىيىتى بىلەن سەھنىگە چىققان.
2007-يىلىدىن باشلاپ سەنئەت ئىشلىرى چوڭ ئېكرانغا مەركەزلەشكەن.
2009-يىلى مۇھەببەت كىنوسى «پۈتۈن شەھەر شەيداسى»دا باش رول ئالغان.
2012-يىلى مۇھەببەت كىنوسى «تۇنجى قېتىم» بىلەن، 13-نۆۋەتلىك خەنزۇ تاراتقۇ مۇكاپاتى «ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگە ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2013-يىلى جەنۇبىي پايتەخت كۆڭۈل ئېچىش ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ « يېڭى ھايات ئېراسى تۆت كىچىك خۇادەن (قىز) باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندە، Angelababy ئۇنىۋېرسال 70 نومۇر بىلەن يېڭى «تۆت كىچىك خۇادەن (قىز)»نىڭ بىرى بولۇپ سايلانغان.
2014-يىللىق ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىسى «بۇرادەرلەر يۈگىرەيلى»گە قاتناشقان.
2014-يىلى 5-ئايدا، ھەرىكەتلىك فىلىم «دى رېنجيې سۇ ئىلاھى»غا تايىنىپ 21-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 33-نۆۋەتلىك ئاممىۋى فىلىم بەيخۇا مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى خۇۋاڭشىياۋمىڭ بىلەن چىڭداۋدا توي خېتى ئالغان، 10-ئاينىڭ 8-كۈنى شاڭخەي كۆرگەزمە مەركىزىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى يولدىشى خۇۋاڭشىياۋمىڭ سىنابىلوگدا Angelababyنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى ئاشكارلىغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.