جاڭجياجيې

جاڭجياجيې

جاڭجياجيې خۇنەن ئۆلكىسىدىكى دايۇڭ، ساڭجى ۋە سىلىدىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 800 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1300 مېتىرغا يېتىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 119 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

نامى جاڭجياجيې
دۆلىتى جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 张家界

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جاڭجياجيېجاڭجياجيې خۇنەن ئۆلكىسىدىكى دايۇڭ، ساڭجى ۋە سىلىدىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 800 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1300 مېتىرغا يېتىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 119 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جاڭجياجيېنىڭ ھەممىلا يېرىدە تۇتاش كەتكەن غەلىتە چوققىلارنى، چوقچىيىپ چىقىپ تۇرغان غەلىتە تاشلارنى، چوڭقۇر جىلغىلارنى، شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان دەريا ئېقىنلىرىنى، شۇنداقلا قويۇق مىللىيچە تۈس ئالغان تۇجيا مىللىتىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى داڭلىق مەنزىرىلىك رايون بولۇپ، جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ تەسىس قىلىنغان دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىدۇر. 

جاڭجياجيېجىنبيەنيەن بىلەن خۇاڭشىجەي جاڭجياجيېدىكى ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە ئىككى مەنزىرىلىك جايدۇر. جىنبيەنيەن شۇ يەردىكى نۇرغۇن ئاجايىپ چوققا ۋە غەلىتە تاشلارنىڭ بىرى بولغان، رومبا شەكىللىك قورام تاشتۇر، ئېگىزلىكى 300 مېتىردىن ئاشىدۇ. ھەر قېتىم قۇياش غەربكە پېتىۋاتقان چاغدا، جىنبەينيەن ئالتۇندەك پارقىراپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. تاغ ئارىلىرىدا ئاسمان-پەلەك قەدىمىي دەرەخلەر كۆپ بولۇپ، ئاساسلىق دەرەخ تۈرلىرىدىن خۇشبۇي ماخىل دەرىخى، كۆركەم يوللۇق خۇڭفېي دەرىخى، پۇرىقى 10 چاقىرىم يىراقلىققىچە بارالايدىغان باداڭ مانگلېنتىيە دەرىخى قاتارلىق سۇبتروپىك بەلۋاغنىڭ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلىرى بار. بۇ يەردىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ تۈرى 500 خىلدىن ئاشىدۇ. ئورمانلىقتا تاغ كەكلىكى، ئۇچار يولۋاس، قىيا قارچىغىسى قاتارلىق ئۇچار قۇشلار، كۆك مايمۇن، سېرىق مايمۇن، جيۇۋېي تۈلكىسى قاتارلىق ھايۋانلار بار. تىك قىيالاردا يەنە بەدىنى بىرقەدەر چوڭ بولغان خالتىلىق يېكەن توخۇسى ياشايدۇ، ئۇنىڭ كۆكرەك قىسمىدا بىر چوڭراق كەلگەن سۇ خالتىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا 3 ~4 جىڭ سۇ پاتىدۇ. 

خۇاڭشىجەي يەككە چوققىسى خۇددى كۆككە تاقىشىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئورمان ئارىسىدىكى ئىنتايىن تار كەلگەن كىچىك يول ئارقىلىق بۇ چوققىغا چىققىلى بولىدۇ، مەزكۇر چوققا بىرقەدەر ئېگىز بولۇپ، ئەتراپتىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلىدىغان ياخشى جايدۇر. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#