بۇرغا

بۇرغا ئەڭ قەدىمكى چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، پۈۋلەپ چېلىندىغان چالغۇلار ئىچىدە ئاۋاز كۈيى ئەڭ زور، ياڭراق بولغاچقا، قەدىمكى ئۇرۇشلاردا كۆپ قوللىنىلغان.

نامى بۇرغا
ئۇزۇنلۇقى 20~30 سانتېمىتىر
تۈرى چالغۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇرغابۇرغا ئەڭ قەدىمكى چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، پۈۋلەپ چېلىندىغان چالغۇلار ئىچىدە ئاۋاز كۈيى ئەڭ زور، ياڭراق بولغاچقا، قەدىمكى ئۇرۇشلاردا كۆپ قوللىنىلغان.

ئۇ دەسلەپتە كالا ۋە ئۆچكە مۈڭگۈزىدىن ياسالغان، مىس قوراللار دەۋرىدە مىستىنمۇ ياسالغان. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 — 30 سانتېمىتىر ئۆپچۆرىسىدە، يېرىم ئەگمە شەكلىدە بولىدۇ. ئۇچلۇق ئۇچىدا بىر دانە پۈۋلەش تۆشۈكى بولۇپ، يوغان ئۇچى كېسىۋېتىلىپ، كاناي شەكلىدە ئىچى ئويۇلۇپ، ياسىلىدۇ، بارماق تۆشۈكلىرى بولمايدۇ.

بۇرغا ئەسلىدە ئىسقىرتتىن (بىر خىل كەدىمكى چالغۇ) كېلىپ چىققان بولۇپ، تارىخىي خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە، يېڭى تاش قورال دەۋرىدىلا ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.

مىس قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە، بۇرغا مىستىن ياسىلىپ، «مىس بۇرغا» دەپ ئاتالغان. «نەغمىنامە»نىڭ 125–جىلدىدا، «مىس بۇرغا ئىدىقۇتلۇقلارنىڭ چالغۇسى ئىدى» دەپ خاتىرىلەنگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    66.7%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#