ليۇ بوچېڭ

ليۇ بوچېڭ

ليۇ بوچېڭ (1892 −1986-يىللار) سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ كەيشيەن ناھىيەسىدىن، جۇڭگونىڭ مەشھۇر پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، ھەربىي ئالىمى. 1926-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن، شۇ يىلى لۇ(جۇ)، شۇن (چىڭ) قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا ماسلىشىپ، مىللىي ئىنقىلاب ئارمىيەسى ۋاقىتلىق 15-جۈننىڭ جۈنجاڭى بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ليۇ بوچېڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ كەيشيەن ناھىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1986-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 刘伯承
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1892-يىلى
كەسپى بۇرژۇئا ئىنقىلابچى، ھەربىي ئالىم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ليۇ بوچېڭ1916-يىلى ليۇ بوچېڭ شەرقىي سىچۇەندىكى دۆلەت قوغداش ئارمىيەسىنى باشلاپ يۈەن شىكەي ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا، بەختكە قارشى ماڭلىيى بىلەن سول كۆزى زەخىملىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، گېرمانىيە لىك بىر دوختۇر ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇ ناركوز دورىسى ئىشلىتىشكە قەتئىي ئۇنىماي تۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، دوختۇر ئوپېراتسىيە پىچىقى بىلەن ئۇنىڭ ئوڭ كۆزىنىڭ ئالمىسىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن كۆزىنىڭ چانىقىدىكى چىرىپ كەتكەن گۆشلەرنى بىر-بىرلەپ ئويۇپ ئېلىۋېتىدۇ. ئۇ چىدىغۇسىز ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، بىر ئېغىزمۇ ئاۋاز چىقارماي چىداپ تۇرۇپ بېرىدۇ. ئوپېراتسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھېلىقى دوختۇر باشمالتىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ: «ئۇ ھەربىي ئەمەس، بەلكى ھەربىي ئىلاھ ئىكەن» دەيدۇ. 

ليۇ بوچېڭ (1892 -−1986-يىللار) سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ كەيشيەن ناھىيەسىدىن، جۇڭگونىڭ مەشھۇر پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، ھەربىي ئالىمى. 1926-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، شۇ يىلى لۇ(جۇ)، شۇن (چىڭ) قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا ماسلىشىپ، مىللىي ئىنقىلاب ئارمىيەسى ۋاقىتلىق 15-جۈننىڭ جۈنجاڭى بولغان. 1927-يىلى نەنچاڭ قوزغىلىڭىنىڭ قوماندانلىق خىزمىتىگە قاتنىشىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ سەنمۇجاڭى بولغان. 1932-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باش سەنمۇجاڭلىقىغا تەيىنلىنىپ، «قورشاپ يوقىتىش» ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە قوماندانلىق قىلغان. 

قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۇزۇن سەپىرىدە، ليۇ بوچېڭ قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ ۋۇجياڭ دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، زۇنيىنى ئىشغال قىلىپ، جىنشاجياڭ دەرياسىدىن پەم بىلەن ئۆتكەن. ئاندىن كېيىن يەنە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگۈچى قىسمىنى باشلاپ قىزىل ئارمىيىنىڭ ئاساسىي كۈچىگە يول ئېچىپ ماڭغان. دالياڭشەندە يىزۇلارنىڭ ئاقساقىلى شياۋ يېدەن بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ئۈچۈن قان ئىچىپ قەسەم قىلىپ، قىسىمنى يىزۇلار رايونىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزگەن. 

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ليۇ بوچېڭ 8-ئارمىيە 129-شىسىنىڭ شىجاڭلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ قىسىمنى باشلاپ خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ياپون ئالۋاستىلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەربە بەرگەن. قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ياڭمىڭباۋ ئايرودرومىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ 24 ئايروپىلانىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، يەنە« يۈز پولك ئۇرۇشى» غا قاتناشقان. چوڭ-كىچىك ئۇرۇشلارغا 500 قېتىمدىن ئارتۇق قاتناشقان. ئۇ دېڭ شياۋپىڭ بىلەن بىللە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سەنشى-خېبېي-شەندۇڭ-خېنەن ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرغان.

ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ليۇ بوچېڭ 1947-يىلى دېڭ شياۋپىڭ بىلەن بىللە سەنشى-خېبېي-شەندۇڭ-خېنەن دالا ئارمىيەسى (كېيىن خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 2-دالا ئارمىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) نى باشلاپ خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شەندۇڭنىڭ غەربىي جەنۇبىدا گومىنداڭ ئارمىيەسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان؛ نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ دابيېشەن تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايونلارنىڭ يۈرىكىگە نەشتەردەك سانجىلغان. 1948-يىلى 1-ئايدا، ئۇ دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىق يولداشلار بىلەن بىللە خۇەيخەي ئۇرۇشىنى كونكرېت تەشكىللەپ ۋە قوزغاپ، زور غەلىبىگە ئېرىشكەن. 1949-يىلى 4-ئايدا، يەنە چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۇرۇشىنى قوزغاپ، قىزىل بايراقنى گومىنداڭنىڭ نەنجىڭدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە قادىغان ھەمدە نەنجىڭ شەھىرىنىڭ تۇنجى شەھەر باشلىقى بولغان.

ليۇ بوچېڭ ۋە ماۋزېدوڭجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئىشلار ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

 1955-يىلى ئۇنىڭغا مارشال ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئۇ ناھايىتى يۇقىرى قوماندانلىق سەنئىتىگە ۋە ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ئىگە بولۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشىغا كاتتا خىزمەت كۆرسەتكەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيىەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    50%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#