جۇڭگو مەبلەغ بانكىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جۇڭگو مەبلەغ بانكىسىجۇڭگو مەبلەغ بانكىسى دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى بېكىتكەن چەت ئەللەردىن قۇرۇلۇش مەبلىغى توپلاش، مەبلەغ، كرېدىت كەسپىنى بېجىرىدىغان كەسپىي بانكا، 1981-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان. باش بانكىسى بېيجىڭدا بولۇپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە ھەمدە دېڭىز بويىدىكى ئېچىۋېتىلگەن شەھەرلەر، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلاردا ۋە كەسپىي ئىشلار نىسبەتەن مەركەزلەشكەن بىر قىسىم رايونلاردا تارماق بانكا تەسىس قىلىنغان. مەبلەغ بانكىسى مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ، جۇڭگو خەلق قۇرۇلۇش بانكىسى بىلەن كەسپىي جەھەتتىكى ئالاقىسى زىچ، شۇنداقلا جۇڭگودىكى باشقا تۈرلۈك بانكىلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.
مەبلەغ بانكىسى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا بولۇپ، كارخانا تەلىپىگە ئاساسەن، مۇستەقىل ھېسابات قىلىپ، پايدا-زىيىنىغا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. مەبلەغ بانكىسىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى مۇدىرىيەت، ئۇنىڭ ئاستىدا دائىمىي مۇدىرىيەت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مۇدىرىيەت ھوقۇق بەرگەن دائىرىدىكى ئىشلار ھەمدە كۈندىلىك خىزمەتلەردىكى بىر قىسىم زور مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل. مەبلەغ بانكىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەبلەغ سوممىسى4 تىرىليون يۈەن بولۇپ، دۆلەت كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ ۋە پۇل ئاجرىتىپ بېرىدۇ.
جۇڭگو مەبلەغ بانكىسىمەبلەغ بانكىسى ئاساسەن تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ: چەت ئەللەردىن ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تاشقى پېرېۋوت مەبلىغى توپلايدۇ، بۇ، مەبلەغ بانكىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى؛ دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارغا سېلىنما قەرزى تارقىتىدۇ؛ مەسلىھەت بېرىش تىجارىتى ۋە باشقا تىجارەت تۈرلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ، جۈملىدىن قەرز ئالغان كارخانىلارنىڭ ئامانەت پۇلىنى قوبۇل قىلىش ۋە مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا كېپىل بولۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ يەنە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەبلەغ قەرز پۇلى تارقىتىدۇ.
مەبلەغ بانكىسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ قەرز پۇلىنى قوبۇل قىلىش ھەمدە باشقا يول ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق دۆلەت سىرتىغا نىسبەتەن قۇرۇلۇش مەبلىغى توپلاش، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش باش فاڭجېنى ۋە خەلق ئىگىلىكى پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش پۇل مۇئامىلە سىياسىتى ۋە مەزكۇر بانكىنىڭ تۈرلۈك كەسپىي تۈزۈمىگە ئاساسەن، دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنى تاشقى پېرېۋوت ھەمدە خەلق پۇلى مەبلىغى، كرېدىت بىلەن تەمىنلەپ، ئېلىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.