چىۋىن

چىۋىن «دەرىجىدىن تاشقىرى تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشارات» بۇلۇپ، ئاساسلىق چىۋىن تۈرى بولسا ئۆي چىۋىنى، شەھەر چىۋىنى،  گۆش چىۋىنى، كەندىر چىۋىنى، سېرىق چىۋىن، يېشىل چىۋىن، سۇر چىۋىن دېگەنگە ئوخشاشلاردىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرچە نامى چىۋىن
ئىنگلىزچە نامى House Fly
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ھاشاراتلەر سىنىپى (Insecta)
ئائىلىسى ئۆي چىۋىنى ئائىلىسى (muscidae)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 苍蝇
تارقالغان رايونلار پۈتۈن دۇنيا
تىپى بوغۇم ئاياغلىقلار تىپى (arthropoda)
تۈركۈمى قوش قاناتلىقلار تۈركۈمى (Diptera)
ئۇرۇقداشلىرى چىۋىن ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىۋىنبىئولوگىيەدە، چىۋىن «دەرىجىدىن تاشقىرى تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشارات». 70-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى مەلۇماتقا قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيادا قوش قاناتلىقلار ھاشاراتلەر تۈركۈمى 132 ئائىلىسى، 12 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە چىۋىن تۈرىدىكىلەر 64 ئائىلىسى، 34 مىڭ خىلى بار. ئاساسلىق چىۋىن تۈرى بولسا ئۆي چىۋىنى، شەھەر چىۋىنى،  گۆش چىۋىنى، كەندىر چىۋىنى، سېرىق چىۋىن، يېشىل چىۋىن، سۇر چىۋىن دېگەنگە ئوخشاشلاردىن ئىبارەت.

ئېكولوگىيىلىك سىستېما ئىچىدىكى چىۋىن لىچىنكىسى ھايۋانات-ئۆسۈملۈكلەرنى «يانجىش ماشىنىسى» دا مۇھىم رول ئوينايدۇ. چىۋىننىڭ يېتىلگەنلىرى تاتلىق ماددىلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.

چىۋىنچىۋىن قوش قاناتلىقلار تۈركۈمىگە تەۋە، بەدەن شەكلى كىچىك تىپلىق، ئوتتۇرا تىپلىق، سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى قىسقا باش ۋە كۆكرەك قىسمى ئومۇمىي ئۇزۇن، پەقەت 3 بوغۇم، ئۇششاق-چۈششەك ئاخىرقى دۈمبە بوغۇمى تەرىپىدە بىر تال پەيسىمان بوغۇملۇق قامچا ياكى ئۇششاق-چۈششەك يىرىك تۈكلىرى بار. دېمەك ئانتېننا قىلتىرىقى (arista) مۇرەككەپ كۆز ئىككى، تاق كۆزى ئۈچ. ئېغىز ئاپپاراتى (ھاشارات ياكى پارازىت قۇرتلارنىڭ) يالاپ شورىغۇچى. ئالدى قانىتى پەردىلەشكەن، پەرۋاز قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئارقا قانىتى رودىمىتلىشىپ تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ (halter)، يوشۇرۇن قانىتىنىڭ ئالدى قىسمى قانات ياپراقچىسى ئاستىدا.

ئۆي چىۋىنى

ئۆي چىۋىنىئۆي چىۋىنى ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى بىر خىل، تەن ئۇزۇنلۇقى 5 ~ 8 مىللىمېتىر، پۈتۈن بەدىنى قېنىق كۈلرەڭدە بولۇپ، ئەركەكلىرىنىڭ ئىككى مۇرەككەپ كۆز ئارىلىقى ناھايىتى تار، چىشىلىرىنىڭ ئىككى مۇرەككەپ كۆزى ئارىلىقى كەڭرەك. كۆكرەك دۈمبە قىسمىدا 4 بوغۇم تىك قارا سىزىق بار، قورساق قىسمىنىڭ دۈمبە تەرىپىدە ئاساسىي قىسمى قۇڭۇر قارا رەڭدە، ئۇچى قىسمى سېرىق، دۈمبىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بىر قەدەر كەڭ بولغان تىك قارا سىزىق بار. ئۇ ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازار ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئەڭ مۇھىم چىۋىن تۈرى، شۇنداقلا ئۆي ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق چىۋىن خىلى.

سېرىق چىۋىن

سېرىق چىۋىنسېرىق چىۋىن تەن شەكلى بىرقەدەر چوڭ ھەم سېمىز، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7 ~ 11 مىللىمېتىر، پۈتۈن بەدىنى كۆك يېشىل، پارقىراق، ئەركەك باش قىسمىنىڭ ئىككى غايەت زور مۇرەككەپ كۆزى بار، رەڭگى توق قىزىل، مۇرەككەپ كۆزى ئاستىدا 1/3 كىچىك كۆزىنىڭ يۈرى كىچىك، 23 كىچىك كۆز يۈزى بىر قەدەر چوڭ، شەكلى يايسىمان، پاسىلى روشەن، ئىككى مۇرەككەپ كۆزىنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى تار. چىشىلىرىنىڭ ئىككى مۇرەككەپ كۆز ئارىلىقى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئىككى ياقلىمىلىق يۈز رەڭگى سېرىق، ئاستىدا قوش قاناتلىق چىۋىننىڭ قانات ياپراقچىسى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىنچىكە، قورساق تۈۋى قىسمى دۈمبە پلاستىنكىسى  قارا، ئۆي سىرتى خاراكتېرلىك تۇرالغۇ چىۋىن تۈرى.

يېشىل چىۋىن

يېشىل چىۋىنيېشىل چىۋىن بەدەن شەكلى ئوتتۇرا-كىچىك تىپ، تەن ئۇزۇنلۇقى 5 ~ 8 مىللىمېتىر، تەن رەڭگى كۈل رەڭگە مايىل زەيتۇن رەڭ ياكى يېشىل رەڭدە بولۇپ، ئەركىكىنىڭ پىشانىسى تار، چىشىسىنىڭ پېشانىسى كەڭ، قورساق قىسمى قۇڭۇر قارا رەڭلىك، تىپىك ياخشى ئۆي سىرتى خاراكتېرلىك تۇرالغۇ رايونى چىۋىن تۈرى.

سۇر چىۋىن 

سۇر چىۋىنسۇر چىۋىن ئوتتۇرا-چوڭ تىپتىكى تۈر، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 13 مىللىمېتىر، ئۆي سىرتى خاراكتېرلىك تۇرالغۇ رايونى چىۋىن تۈرى. سۇر چىۋىن ئەركىكىنىڭ قۇيرۇق قىسمى يۇرۇق قارا رەڭلىك ياكى قىزىل رەڭلىك شارسىمان، چىشى يوق، ئەمما جۇغى سەل سېمىز، ئىككى ياقلىمىلىق كۆكرەك دۈمبە تەرىپىدە ئۈچ تىك قارا سىزىق، قورساق قىسمىنىڭ دۈمبە تەرىپىدە ئاق شاھمات كاتەكچىلىك داغ بار، ئادەتتە تېنى بىر قەدەر چوڭ، كىچىك تىپتىكىلىرىمۇ بار.

شەھەر چىۋىنى 

شەھەر چىۋىنىشەھەر چىۋىنى بەدەن ئۇزۇنلۇقى 4 ~ 7 مىللىمېتىر، ئۆي چىۋىنىدىن نىسبەتەن كىچىك. تەن رەڭگى سۇس كۈلرەڭ. يەنە مۇرەككەپ كۆزىنىڭ ئارىلىقى تار. كۆكرەك دۈمبە تەرىپىدە قارا رەڭلىك سىزىقچىلىرى بار؛ قورساق قىسمى قېنىق قوڭۇر رەڭلىك، قورساق تەرەپ ئارقا قىسمى دەل ئوتتۇرىسىدا تىك قارا سىزىق بار.

چىۋىنچىۋىن ھەر قېتىمدا تەخمىنەن 100 ~ 150 تال تۇخۇم تۇغىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 دانە ئەتراپىدا. بىر يىل ئىچىدە 10-12 ئەۋلاد كۆپىيەلەيدۇ.

تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق بولغان شارائىت ئاستىدا، ئەركەك ئۆي چىۋىنى يېتىلگەندىن كېيىن  18 ~ 24 سائەت، چىشى ئۆي چىۋىنىنىڭ يېتىلگەندىن كېيىن 30 سائەت بولىدۇ. 

تۇخۇم تۇغۇش يۇقىرى پەللىسى ھەر كۈنى 17:00 ~ 19:00 گىچە. چىشى چىۋىننىڭ تۇخۇم چىقىرىش ئالدىنقى دەۋرى (يەنى يېتىلگەن تارتىپ تۇنجى قېتىم تۇخۇم تۇغقىچە بولغان ۋاقىت) ئۇزۇن-قىسقىلىقى ۋە مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى زىچ مۇناسىۋەتلىك.

چىۋىنچىۋىن مۇكەممەل ھالەت ئۆزگەرتەلەيدىغان ھاشارات بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى تۇخۇم، لىچىنكا (چىۋىن قۇرتى)، قورچاق،  يېتىلگەن قۇرت قاتارلىق تۆت مەزگىل، ھەر قايسى مەزگىلدىكى ھالىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چىشى قۇرتى تۇخۇمنى چىرىگەن گۆش ياكى گەندە قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار ئۈستىدە، لىچىنكىلار تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن، بۇ چىرىك نەرسىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. بەزى تۈردىكى چىۋىن بېلىجان تۇغۇدىغان بېلىق تۈرىگە كىرىدۇ.

تۇخۇمى 

تۇخۇمى ئاق رەڭلىك، بانان شەكىللىك ياكى ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1 مىللىمىتىر. تۇخۇم پوستى قىرى ئارىسىدىكى پەردىسى ئەڭ نېپىز، تۇخۇمدىن چىقىدىغان چاغدا لىچىنكا يەنى مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ. تۇخۇم مەزگىلى يىتىلىش ۋاقتى 24 ~ 8 سائەت، مۇھىت تېمپېراتۇرىسى، نەملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئارا لېچىنكا

لىچىنكا ئادەتتە چىۋىن قۇرتى بۇلۇپ، ئۈچ ياش مەزگىلى بار: 1 لىچىنكا تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1 ~ 3 مىللىمېتىرغىچە، كىيىن پوستىنى تاشلىماق كېيىن ئايلىنىپ بولغاندا، ئۇزۇنلىقى 3 ~ 5 مىللىمىتىر، يەنە بىر قېتىم تېرە تاشلاپ بولغاندا ئۇزۇنلىقى 5 ~ 13 مىللىمىتىر. چىۋىن قۇرتى تېنىنىڭ رەڭگى، 1 ~ 3 باسقۇچ بولغان مەزگىلىدە سۈزۈك، سۈت رەڭ ساغۇچ سۈت رەڭلىك تاكى پىشقان قورچاققا ئايلانغۇچە. لىچىنكا شەكلى ئۇزۇنچاق كونۇسسىمان، كېيىن ئۇچى كەسمە شەكىللىك. 

قورچاق

قورچاق چىۋىن ھايات تارىخى ئۈستىدىكى ئۈچىنچى ئۆزگىرىشى. ئۇ سوغا شەكىللىك يەنى قاپلىق قورچاق. ئۇنىڭ تەن رەڭگىدە سۇس ئۆزگىرىش بولدۇ، كاشتان رەڭلىك، ئاخىرىدا جىگەررەڭگە ئايلىنىدۇ، ئۇزۇنلىقى 5 ~ 8 مىللىمىتىر. قورچاق پوستى ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ھالەت ئۆزگەرتىش، چىۋىن دەسلەپكى شەكلى، پەي چىقىرىش جەريانىنى ئېلىپ بارىدۇ. 

يېتىلگەن قۇرت

چىۋىنيېتىلگەن قۇرت تەن ئۇزۇنلۇقى 5 ~ 8 مىللىمىتىر، كۇلرەڭ قېنىق قوڭۇر، كۆزى مۇرەككەپ، تۈكى يوق، قارامتۇل قىزىل رەڭلىك، ئەركەك چىۋىن پېشانىسى كەڭ، كۆز كەڭلىكى 5/2 ~ 1/4 نى ئىگىلەيدۇ؛ چىشى چىۋىن پېشانىسى كەڭ كەڭلىكى تەڭ دېگۈدەك بىر مۇرەككەپ كۆزى بولىدۇ. سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى كۈل رەڭ قارا، قىسقا ھەم ياپىلاق، مۇڭگۈزى قىلتىرىقسىمان، قىسقا، تۈۋى يوغان، دۈمبە ئىككى پەيسىمان تۈكچىلەر بار. كۆز تەخسىسى يالىڭاچ، ئازراق تۈكلۈك، ئېغىزىدا نەشتەرلىك تىلى بار، سىرتقى كۆرۈنۈشى توم، قىسقا، تۇمشۇقى بولىدۇ، ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان، ئاساسلىق تۇمشۇقى ياپىلاق ھەم تەتۈر كونۇس شەكلىدە، ئىچىدىكى تۇمشۇقى توم ۋە قىسقا كانايسىمان بولۇپ، ئۇچلۇق تۇمشۇقى تەرەققىي قىلغان، بۆلۈنۈپ ئىككى تال گۈل بەرگىگە ئايرىلىدۇ، يەنى كالپۇكسىمان بەرگ دەپ ئاتىلىدۇ؛ تۇمشۇقى ئەركىن سوزۇلۇپ قىسقىرىيالايدۇ. ئوتتۇرا كۆكرەك قالقانچىسى تاختىسى تۆت تىك قارا سىزىق بار، ئالدى كۆكرىكى يان تاختا مەركىزىي ئويمان-چوڭقۇر جايلارغا تۈكچىلەر بار.

چىۋىنچىۋىن كۈندۈزى ھەرىكىتى كۆپ ھاشارات بولۇپ، روشەن نۇرغا ئىنتىلىشچان بولىدۇ. كېچىسى بولسا تىنچ ياشايدۇ. ھەرىكەتلىكى چىۋىن تۈرى ماكان، پەسىل، تېمپېراتۇرا ۋە رايونغا باغلىق. مەلۇم پەسىل چىرىندى چىۋىنى، يوغان باش يېشىل چىۋىن، پارقىراق سېرىق چىۋىن، سۇر چىۋىن قاتارلىقلار چىۋىنلار بولسا ئاساسلىق دالادا پائالىيەت قىلىپ ياشايدۇ.

چىۋىن پائالىيەت تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ. ئۇ ℃7 ~ 4 تىن يۇقىرى بولغاندا ئاران ئۆمىلەپ ماڭالايدۇ، ℃10 ~ 15 تا پەرۋاز قىلالايدۇ، ℃20 تىن يۇقىرى بولغاندا ئاندىن ئوزۇقلىنىش، چېتىشىش، تۇخۇم تۇغۇش،  ℃35 ~ 30 تا تېخىمۇ جانلىنىدۇ، ℃35 ~ 40 قىزىپ كەتكەنلىكتىن پائالىيىتى توختايدۇ، ℃45 ~ 47 قا يەتكەندە ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ.

چىۋىن ئۇچۇشقا ماھىر. ئۇچۇش سۈرئىتى سائىتىگە 6 ~ 8 كىلومېتىر، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھەر 8 ~ 18 كىلومېتىر، كېچە كۈندۈز ئۇچقىلى بولىدۇ.

چىۋىن كۆپ ھاللاردا چىرىك ئورگانىك ماددىلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، شۇڭا ئادەتتە تازىلىقى ناچار بولغان مۇھىتتىمۇ ياشاۋېرىدۇ. چىۋىن يالماپ شوراش ۋە چاينىغۇچى ئېغىزى بولىدۇ، يېمەكلىك بۇلغايدۇ، تولغاق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى تارقىتىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#