ماگنىت مەيدانى

ماگنىت مەيدانى بولسا بىر خىل كۆرگىلى بولمايدىغان، تۇتقىلى بولمايدىغان ئالاھىدە ماددا بولۇپ، ماگنىت مەيدانى ھەرگىزمۇ ئاتوم ياكى مولېكۇلادىن تەركىب تاپقان ئەمەس، ئەمما ماگنىت مەيدانى ھەممە يەردە ئوبيېكتىپ ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ماگنىت مەيدانى
چەتئەلچە نامى magnetic field
ئالاھىدىلىكى دولقۇن-زەررىچە رادىئاتسىيىسى
خەنزۇچە نامى 磁场
پىنيىنچە نامى cí chǎng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماگنىت مەيدانى بولسا بىر خىل كۆرگىلى بولمايدىغان، تۇتقىلى بولمايدىغان ئالاھىدە ماددا بولۇپ، ماگنىت مەيدانى ھەرگىزمۇ ئاتوم ياكى مولېكۇلادىن تەركىب تاپقان ئەمەس، ئەمما ماگنىت مەيدانى ھەممە يەردە ئوبيېكتىپ ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ماگنىت مەيدانى دولقۇن زەررىچىلەرنىڭ رادىئاتسىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ماگنىت ئەتراپىدا ماگنىت مەيدانى مەۋجۇت، ماگنىت ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر دەل ماگنىت مەيدانىنى ۋاسىتە قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئىككى ماگنىتلىق جىسىم ئۆز-ئارا تېگىشمىسىمۇ، ئوخشاش قۇتۇپلار ئارا تېپىشىدۇ، يات قۇتۇپلار ئارا تارتىشىدۇ. ماگنىت مەيدانى-ئېلېكتىر ئېقىمى، ھەرىكەتچان زەرەت، ماگنىت ياكى ئۆزگىرىشچان ئېلېكتىر مەيدانى ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا مەۋجۇت بولغان بىر خىل ئالاھىدە شەكىلدىكى ماددا.

 ئېلېكتىر ئېقىمىنى ئېلېكتىر زەرىتىنىڭ ھەرىكىتى دېيىشكە بولىدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ماگنىت مەيدانى ھەرىكەتتىكى زەرەت ياكى ئېلېكتىر مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بارلىققا كەلگەن. ھازىرقى زامان فىزىكا نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، ماددىلاردا زەرەت ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان ئەڭ مۇھىم تەركىب پەقەت ئېلېكترون (بىرلىك مەنپىي زەرەت) ۋە پىروتون (بىرلىك مۇسبەت زەرەت)، شۇڭا مەنپىي زەرەت دەل ئارتۇق ئېلېكترون نۇقتىسى ئالغان جىسىم، مۇسبەت زەرەت بولسا ئوشۇقچە پروتون نۇقتىسى ئالغان جىسىم. ھەرىكەتتىكى زەرەتتىن ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلغان مەنبە بولسا ھەرىكەتتىكى ئېلېكترون ياكى ھەرىكەتتىكى پروتوندىن پەيدا بولغان ماگنىت مەيدانى. مەسىلەن، توك ھاسىل قىلغان ماگنىت مەيدانى بولسا ئۆتكۈزگۈچ ئىچىدىكى ھەرىكەتتىكى ئېلېكترون ھاسىل قىلغان ماگنىت مەيدانىدىن ئىبارەت.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#