نۇر سەزگۈرلۈكى پەيدا قىلىدىغان تېرە كېسىلى

نۇر سەزگۈرلۈكى پەيدا قىلىدىغان تېرە كېسىلى

كۈن نۇرىنىڭ زىيادە تەسىرىدىن ئادەم بەدىنى تېرىسىدە قىچىشىش، قىزىل داغ، سۇلۇق قاپارتمىلار پەيدا بولىدىغان جىددىي ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشلىق تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت.

غەرب تېبابىتى نامى نۇر سەزگۈرلۈكى پەيدا قىلىدىغان تېرە كېسىلى
تونۇش نامى guang min xing pi yan
تەۋە بۆلۈم تىرە كىسەللىكلىرى بۆلۈم
خەنزۇچە نامى 光敏性皮炎
كېسەللىك ئورنى تىرە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشىدا تاشقى ۋە ئىچكى ئامىلدىن ئىبارەت ئىككى خىل سەۋەب بار. تاشقى ئامىل ئىچكى ئامىل ئارقىلىق تەسىرىنى كۆرسىتەلەيدۇ.

تاشقى ئامىل: كۈن نۇرى.

ئىچكى ئامىل: قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشى، بەلغىمى شور، ئورگانىزمنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ.

1. كۈچلۈك ئاپتاپقا قاقلىنىش نەتىجىسىدە كۈن نۇرىنىڭ زىيادە ئىسسىقلىقى بەدەننىڭ سىرتقى ئەزاسى بولغان تېرىلەر ئارقىلىق قان ئايلىنىشقا ئۆتۈپ قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىنبى پەيدا قىلىدۇ. قان خىلىتى ئوفۇنەتلىنىپ ئوفۇنەتلەنگەن ماددىلار قان ئايلىنىش ئارقىلىق يەرلىك ئورۇن توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە يېتىپ بېرىپ ئۈزلۈكسىز غىدىقلىشى نەتىجىسىدە بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

2. كۈچلۈك ئاپتاپقا قاقلىنىش نەتىجىسىدە كۈن نۇرىنىڭ زىيادە ئىسسىقلىقى بەدەننىڭ سىرتقى ئەزاسى بولغان تېرىلەر ئارقىلىق قانغا ئۆتۈپ بەدەندە شورلۇق بەلغەم شەكىللەنگەندە نورمال بەلغەم خىلىتىنىڭ تەبىئىي خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن غەيرىي ماددىلارنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدۇ. بۇ ماددىلار قان ئارقىلىق توقۇلمىلارغا بېرىپ ئارىلىق ماددا سۈپىتىدە توقۇلما ۋە ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقلىرىدا ساقلىنىپ نورمال ماددا ئالمىشىشنى بۇزۇپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئورگانىزمنىڭ سەزگۈرلۈكى ئارتىپ كەتكەندە ئاپتاپقا قاقلىنىش نەتىجىسىدە بەدەننىڭ سەزگۈرلۈكىنبىى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ بۇ كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

نۇر سەزگۈرلۈكى پەيدا قىلىدىغان تېرە كېسىلىكۈچلۈك كۈن نۇرى تەسىرىگە ئۇچرىغان ئورۇننىڭ تېرىسى قىزىرىدۇ. ئاندىن سۇلۇق قاپاراتقۇ ياكى چوڭ قاپارتقۇلار پەيدا بولىدۇ. يەرلىك ئورۇن تېرىسى ئېچىشىپ قىچىشىدۇ.

نۇر سەزگۈرلۈكى پەيدا قىلغان تېرە كېسىلى كېسەللىك جەريانى ۋە ئېغىر-يەڭگىللىكىگە ئاساسەن كۈن نۇرى خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، كۆپ شەكىللىك كۈن نۇرى ئەسۋىسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1. كۈن نۇرى خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى:

بۇ كۈچلۈك كۈن نۇرى تەسىرىدىن پەيدا بولغان تېرىدىكى ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشتىن ئىبارەت بولۇپ ئاپتاپ دېغى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەلدە ئاغرىش كۈچلۈك، تېرىنىڭ ئەتراپ شەيئىلەرگە نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولۇپ كىيىملەرنىڭ سۈركىلىشى تەسىرىدىمۇ چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئېچىشىش كۆرۈلىدۇ. بەزىدە پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش، قىزىتىش، كۆڭلى ئېلىشىش، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىپ كېتىشتەك ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.

2. كۆپ شەكىللىك كۈن نۇرى ئەسۋىسى:

كېسەللىك جەريانى سوزۇلما بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدۇ. ھەر يىلى باھار ئاخىرى، يازنىڭ دەسلىپىدە قوزغىلىپ كۈز، قىش پەسىللىرىدە يوقىلىدۇ. تېرە ئەسۋىسى كۆپ شەكىللىك بولۇپ، ھۆل تەمرەتكە، يولۇقۇش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، بۆرە چاقىسىدىكى تېر زەخىملىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

1. كۈچلۈك كۈن نۇرىغا قاقلانغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. كۈچلۈك كۈن نۇرى چۈشكەن ئورۇن تېرىسى قىزىرىش، ئېغىرلاشقاندا سۇلۇق قاپارتقۇ ياكى چوڭ قاپارتقۇ پەيدا بولۇش، قىچىشىش، ئېچىشىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى بولىدۇ.

نۇر سەزگۈرلۈكى پەيدا قىلىدىغان تېرە كېسىلى1. ھۆل تەمرەتكىدىن پەرقلەندۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

كېسەللەنگەن تېرە قىچىشىپ تېرىق چوڭلۇقىدىكى قىزغۇچ ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولىدۇ. ئۇششاق مۇدۇرلار تېزلا تەرەققىي قىلىپ، ئۇششاق سۇلۇق قاپارچۇقلارغا ئايلىنىدۇ. قاپارچۇقنى تاتىلىغنادا سارغۇچ رەڭلىك زەرداپ چىقىدۇ ۋە تېرە يۈزى زېدىلىنىپ تېزلا قاقاچكە ئۆزگىرىدۇ. تېرە زەخمىسى كۆپ شەكىللىك سىممېترىك پەيدا بولىدۇ. تۇتقاقلىق قىچىشىدۇ. كۈن نۇرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ.

2. يولۇقۇش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

بىمارنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى كېسەل پەيدا قىلغۇچى شەيئىگە يولۇققان تارىخى بولىدۇ. تېرە ئەسۋىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، شەكلى، ھالىتى، يولۇققان شەيئىنىڭ دائىرىسى بىلەن بىردەك بولىدۇ.

كۈن نۇرى بىلەن كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ.

3. تەخسىسىمان قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسىدىن پەرقلەندۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ. مەڭزى، بۇرۇن ئۇچى، قاڭشار، قۇلاق، كالپۇك قاتارلىق ئوچۇق تۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ تېرىسىدە كۆپرەك پەيدا بولىدۇ.

بۇ كېسەلدە چۆرىسى كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان، ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىنىدىغان قىزىل داغ بولۇپ ئەتراپىدا قارامتۇل داغ بولىدۇ. سىرتقى يۈزىدە قاسراق كېپەكلەر چاپلىشىپ تۇرىدۇ. قاسىراق كېپەكلەرنىڭ ئارقا يۈزىدە مۈڭگۈز تىكىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدىكى تۈك تۆشۈكى كېڭەيگەن بولىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مەركىزىدە قىلقان تومۇرلار كېڭەيگەن، ئەتراپى قارامتۇل تۈسنى ئالغان داغ پارچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ.

ئالدى بىلەن بىمار كۈن نۇرى كۈچلۈك چۈشمەيدىغان سالقىن ئورۇنلارغا يۆتكىلىدۇ.

1. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان بولسا قاننىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، قان تازىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. بەلغىمى شور تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ، بەدەندە ماددا پىشقانلىق بەلگە-ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلىغا سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىلى قوشۇپ بېرىپ ماددا تازىلىنىدۇ.

3. بەدەننىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولسا سەزگۈرلۈكىنى تۆۋەنلىتىش، تىنچلاندۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

نۇر سەزگۈرلۈكى پەيدا قىلىدىغان تېرە كېسىلىئالدى بىلەن بىمار كۈن نۇرى كۈچلۈك چۈشمەيدىغان سالقىن ئورۇنلارغا يۆتكىلىدۇ، ئاندىن ئىچكى ئامىلىغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا قاننىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىش، قان تازىلاش مەقسەتلىرىدە ئىترىفىل كەشنىز 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، دىنار شەربىتى 30 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاسىنە 30 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، قۇرسى شاھتەررە 5~3 دانىدىن ئۈچ ۋاخ تاللاپ بېرىلىدۇ.

بەلغىمى شور تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ بەدەندە ماددا پىشقانلىق بەلگە-ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن مەتبۇخى شاھتەررە 30 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ ياكى مەتبۇخ ھېلىلە 30 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ 5~3 كۈن بېرىپ ماددا تازىلىنىدۇ. ئاندىن ئەرقى چۆبچىن 100 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، ئەرقى شاھتەررە 100 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ بىرگە ياكى ئىككىسىدىن بىرى تاللاپ بېرىلىدۇ.

بەدەننىڭ سەزگۈرلۈكى ئارتىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا قۇرسى شاھتەررە 5~3 دانىدىن ئۈچ ۋاخ، ئەرقى گۈل 100 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، ئەرقى كاسىنە 100 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ تاللاپ بېرىلىدۇ.

يۇقىرىقى داۋالاشلار بىلەن بىرگە يەنە قايسى خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسا تۆۋەندىكى دورا بىلەن يەرلىك ئورۇن كۈندە ئىككى قېتىم يۇيۇپ بېرىلىدۇ.

شاھتەررە 25 گرام، كۆكنار پوستى 21 گرام، بىنەپشە 10 گرام، چۆبچىن 15 گرام، بىخ سۇس 10 گرام، ئىسپىغۇل، ئوسۇڭ ئۇرۇقى 10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ يۇيۇلىدۇ. گۈل يېغى بابۇنە يېغى، قاپاق يېغى قاتارلىقلار بىلەن يەرلىك ئورۇن مايلىنىدۇ.

نۇرغا سەزگۈر ماددىلار بىلەن ئۇچراشماسلىق، ئوچۇق ھاۋادىكى چېنىقىشلارغا پەيدىنپەي قاتنىشىش، نۇرغا بولغان چىدامچانلىقنى پەيدىنپەي يۇقىرى كۆتۈرۈش، كۈچلۈك ئاپتاپ چىققاندا نۇردىن توسۇلۇش چارىلىرىنى قوللىنىش لازىم.

ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى يېمەكلىكلەر يەنى لازا، بېلىق، قىيزا، سامساق، ئاقمۇچ، قارىمۇچ، چىلىغان سەي، كالا گۆشى، ھاراق قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=909

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=909

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#