قەدرىمانە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قەدرىمانە بولسا كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ياۋا زىرە بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى يەنى ئۇرۇقى قەرەدمانە ياكى ياۋا زىرە نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ گۈلى ۋە ئۇرۇقى زىرە رۇمىغا ئوخشايدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۇرۇقى كەرۋىيانىڭ ئۇرۇقىدىن ئۇزۇنراق، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىمۇ كەرۋىيانىڭكىدىن چوڭراق، شېخى ئېگىزرەك ۋە يىرىك بولۇپ، ئۆسۈملۈكى بابۇنە ئۆسۈملۈكىگە ئوخشايدۇ، گۈلى كۆككە مايىل ئاق، ئۇششاق، چېچىلاڭغۇ بولىدۇ.7-8-ئايلاردا يىغىۋېلىنىدۇ. ئەرمەنىستان، ھىندىستاندىن چىقىدۇ،ئاساسەن تاغ، چۆللەردە، باغ ۋە ئېتىز-ئېرىق بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
بەدىنىنى قىزىتىش، تېرىنى قىزارتىش ،شىلىمشىق خىلىتلارنى تازىلاش،ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
قەدرىمانە1. قەردىمانىدىن 10 گرامنى سوقۇپ تالقانلاپ قايناقسۇ بىلەن ئىستېمال قىلسا پالەچ، تۇتقاقلىق كېسەل، ئەزالار بوشىشىش، يانپاش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ،
2. قەردىمانە، ئىزخىر ، بەدىيان قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە جىگەر، تالنىڭ توسالغۇسىنى ئاچىدۇ. ئۈچەي توسۇلۇشقا مەنپەت قىلىدۇ.
3. قەردىمانىدىن مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ شاراپ بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا بۆرەك ئاغرىقى ۋە قەن سىيىش كېسىلىگە مەنپەت قىلىدۇ.
4، قەردىمانىدىن مۇئاپىق مىقتاردا ئىلىپ سىركە بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپساقوتۇر، قىچىشقاق، قارا داغ، ساپكۇن ۋە تازغا مەنپەت قىلىدۇ.
جاۋارىش ئۇد، مەجۇنى بەرەس، شەربىتى بەرەس، جاۋارىش ئەنبەر ،سۇپۇپى بەرەس.
پالەچ، سەرئى، ئىستىرخا، كونا يۆتەل، چوڭ-كىچىك بوغۇم ئاغرىقى، يانپاش بوغۇم ئاغرىقى، بۆرەكتە ئۇششاق تاش پەيدا بولۇش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، قوتۇر، قىچىشقاق، قارا داغ، قۇبا، تاز، سەپكۈن قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.