كونا ساۋەن بازىرى

كونا ساۋەن بازىرى

كونا ساۋەن بازىرى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى بازىرىنىڭ شىمالىغا 45 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى كونا ساۋەن بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 540 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ياز پەسلىدە قاتتىق ئىسسىق، قىشتا قاتتىق سوغۇق، ياز پەسلى ئۇزۇن، ئەتىياز، كۈز پەسلى قىسقا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 老沙湾镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ
تەۋە رايون تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى
نوپۇسى 14439 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى lǎo shā wān zhèn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئورنى

كونا ساۋەن بازىرىكونا ساۋەن بازىرى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى بازىرىنىڭ شىمالىغا 45 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. ئومۇمىي كۆلىمى 540 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 165 مىڭ مو. شەرقتە ليۇماۋۋەن بازىرى، شاڭخۇدى يېزىسى بىلەن چېگرالانغان، غەرب تەرىپى سىداۋخوزا بازىرى غا تۇتاشقان، جەنۇبى 144-تۈەن قىزىلبايراق دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن چېگرالانغان، شىمالىي تەرىپى قۇربان توڭغۇت قۇملۇقىغا يانداش، قۇتۇبى-قاراماي تاشيولى S201 لىنىيەسى بازارنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، قۇم ئاستىدىكى تاشيول S219 لىنىيەسى ۋە دۆلەت يولى 312-لىنىيەسى ئەتراپىنى ئوراپ تۇرىدۇ.

يەر شەكلى

كونا ساۋەن بازىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئېگىزلىكى تەخمىنەن 409 مېتىر ئەتراپىدا، تۈزلەڭلىك رايونغا تەۋە، جەنۇبتىن شىمالغا  بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 60 كىلومېتىر،شەرقتىن غەربكە بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 7 كىلومېتىر، شىمالىي قىسمى قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقى، ماناس دەرياسى، شەرقتىن غەربكە كېسىپ ئۆتكەن، بازار رايونىنىڭ قۇملۇق بىلەن بولغان ئارىلىقى 13 كىلومېتىر.

كىلىماتى

كونا ساۋەن بازىرىنىڭ كىلىماتى قۇرغاق، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى تەخمىنەن 141 مىللىمېتىر، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق، مۇتلەق ماكسىمۇم ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃40.1 قا يېتىدۇ، قىشتا قاتتىق سوغۇق، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ℃ 44.3-، تۆت پەسىلنىڭ قىش ياز پەسلى ئۇزۇن، ئەتىياز، كۈز پەسلى قىسقا. ئوتتۇرىچە سوتكىلىق پەرقى ℃14 ~ ℃11، يىللىق قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2800 ~ 2870 سائەت ئەتراپىدا، قۇياش رادىئاتسىيىسى كۈچلۈك، ياز پەسلىدە شەرقىي شىمال غەربىي جەنۇب شامىلى كۆپ، قىش پەسلىدە، غەربىي جەنۇب شامىلى كۆپ، قۇملۇققا يېقىن بولغاچقا، شامال چىقسىلا، يىل بويى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ھاۋا كىلىماتى كېۋەز تېرىشقا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ، شۇڭا كونا ساۋەن بازىرىنىڭ ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن ئاساسلىقى كېۋەز ئاساس قىلىنىپ، پەمىدۇر، گازىر تاۋۇزى قوشۇمچە قىلىنغان.

مىنگونىڭ 18-يىلى (1929-يىلى)، ساۋەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن يېقىن ئارلىقتىكى ساۋەن كەنتى (بۈگۈنكى كونا ساۋەن بازىرى)گە كۆچۈپ چىققان، شۇڭا نامى كونا ساۋەن دەپ ئاتالغان.

1984-يىلى، كونا ساۋەن گۇڭشېسى كونا ساۋەن يېزىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىنغان.

1995-يىلى، كونا ساۋەن يېزىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كونا ساۋەن بازىرى تەسىس قىلىنغان.

كونا ساۋەن بازىرىكونا ساۋەن بازىرى قارىمىقىدا: شاڭكېڭۋەن كەنتى، لياڭشى كەنتى، دالياڭپو كەنتى، خەيزىۋەن كەنتى، شىيېدى كەنتى، نەنلياڭ كەنتى، خۇڭشەنمياۋ كەنتى، دۇڭچۈ كەنتى، خۇجياخەيزە كەنتى، چېنجياجاڭ كەنتى، تاڭجياجاڭ كەنتى، تۇگۇ كەنتى، گوجياجاڭ كەنتى، لىن جاجاڭ كەنتى، جياڭجاجاڭ كەنتى، كونا ساۋەن كەنتى، شىياۋ دوڭچۈ كەنتى، ۋېيجياجاڭ كەنتى، باۋجياجاڭ كەنتى، كېڭۋەن كەنتى، كۇلۇڭۋەن كەنتى، جياجياجاڭ كەنتى، باپىڭكۇ كەنتى، لۇۋەن كەنتى، بەيجاجاڭ كەنتى، زابەنكۇ كەنتى، تەيپىڭچۈي كەنتى، خۇاڭجاجاڭ كەنتى، خۇاڭشالياڭ كەنتى، شاگۇيەن كەنتى، چىجياۋدى كەنتى، شىپىڭكۇ كەنتى، شىكېڭۋەن كەنتى، دىڭجياجاڭ كەنتى، خۇجياچۈي كەنتى، يۇشۇجاڭ كەنتى، ساۋۇداۋ كەنتى قاتارلىق 37 مەمۇرىي كەنت بار.

كونا ساۋەن بازىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 14439 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى 13000 دىن ئارتۇق ئادەم، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق توققۇز مىللەتتىن تەركىب تاپقان. يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 13000 دىن ئارتۇق ئادەم. ھازىرقى پارتىيە ياچېيكىسى 39، پارتىيە گۇرۇپپىسى ئالتە، پارتىيە ئەزالىرى 466 نەپەر.

ئومۇمىي كىرىمى

2005-يىلى، پۈتۈن بازاردىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 223 مىليون يۈەنگە يىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 6269 يۈەن بولغان. 2007-يىلى، پۈتۈن بازاردىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 293 مىليون يۈەنگە يىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 7035 يۈەن بولغان.

يېزا ئىگىلىكى

كونا ساۋەن بازىرىكونا ساۋەن بازىرى دەسلەپكى قەدەمدە، يۇقىرى ھوسۇللۇق كېۋەز، چارۋا باقمىچىلىقى، سۈپەتلىك ئاشلىق، ياغلىق دان، پەمىدۇر مېۋە-چېۋە، ئوت-چۆپ، يەم-خەشەك بەش چوڭ تۈۋرۈك كەسپنى مۇقۇملاشتۇرغان. بولۇپمۇ سورتنى يېڭىلاش ۋە يوپۇق ئاستىدىن سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىلىدىغان پاختىنى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، پاختىنىڭ يېتەكچى كەسىپ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ جارى قىلدۇرغان.

تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش ۋە توڭلىتىلغان سپېرما بىلەن سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشقان، يەم-چۆپ، پەمىدۇر، كۆكتات، مېۋە-چېۋە كەسپىمۇ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايغان، ئېكولوگىيەلىك كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان.

سانائەت ئىگىلىكى

سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ياخشى بولۇپ، كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان. يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىك تېز تەرەققىي قىلغان، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودا-سانائەتچى 608 ئائىلىلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەبلىغى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ئىككى ئائىلە بار.

غەيرىي سانائەت ئىگىلىكىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى ھازىرغىچە 53 مىليون يۈەن تاماملانغان، يېمەك-ئىچمەك، تاماشا، راۋان، پىششىقلاپ ئىشلەش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان تىجارەت ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#