ئاق لەيلىگۈل

ئاق لەيلىگۈل

ئاق لەيلىگۈل  ھەمىشىباھار ئۆسۈملۈكىنىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ.

گۈلى ئاق، قىزىل، رەڭگا رەڭ بولىدۇ، گۈلى ئاق بولغىنى ھەممىدىن ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ. ياللۇغ، ئىششىق قايتۇرۇش رولى بار.


ئۇيغۇرچە نامى ئاق لەيلىگۈل
ئىنگلىزچە Holly Hock Flower
تەمى قېرىق
خەنزۇچە نامى 药蜀葵花
تونۇش گۈلخەيرى، لەيلىقازاق
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق لەيلىگۈلئاق لەيلىگۈل  ھەمىشىباھار ئۆسۈملۈكىنىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. گۈلى ئاق، قىزىل، رەڭگا رەڭ بولىدۇ، گۈلى ئاق بولغىنى ھەممىدىن ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ.ئاق لەيلىگۈلنىڭ پۇرىقى خۇش پۇراق كېلىدۇ. تەمى قېرىق، ياز پەسلىدە گۈلى ئېچىلغاندا يىغىۋېلىندۇ . ئاق لەيلىگۈل بولسا لەيلىگۈل ئائىىسىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك بۇلۇپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ. 

خۇسۇسيىتى

ياللۇغ قايتۇرۇش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، كاناينى سىلىقلاشتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، يۆتەل پەسەيتىش، ئىششىق قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

تەبىئىتى

بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق

خاس تەسىرى

ياللۇغ، ئىششىق قايتۇرغۇچى دورا،

ئەكىس تەسىرى

ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش تەسىرى، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش تەسىرى بار.

1. نېلۇپەر ۋە ئاق لەيلىگۈلىدىن 10 گرامدىن، چۈچۈكبۇيا يىلتىزىدىن 20 گرام، سەرپىستاندىن 15 گرام، گاۋزىباندىن 10 گرام، ئەرەب يېلىمىدىن 10 گرام، بېھى ئۇرۇقىدىن 7 گرام، قەنتتىن 250 گرام ئېلىپ ، دورىلاردىن قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە ياللۇغى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، قۇرۇق يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.

2. ئاق لەيلىگۈلى،بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، يەرلىك شوخلا قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ ئەرىقى شوخلا بىلەن زىمات تەييارلاپ، تۆۋەنكى قورساق ساھەسىگە چاپسا، بالىياتقۇ ئىششىقىغا، ئاق خۇن كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

ئاق لەيلىگۈلگۈلى

مىقدارى

10 ~ 5 گرامغىچە

ساقلاش

سالقىن جايدا قۇرۇتۇپ قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ. 

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل، ئارپىبەدىيان 

ئورۇنباسارى

ھەمىشىباھار گۈلى، بىنەپشە گۈلى

 ئاق لەيلىگۈلى زىماتى

نەزلە، زۇكام، يۆتەل، بالىلاردىكى بەزگەك كېسىلى، بالىياتقۇ ئىششىقى، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كېسىلى، كۆز قىزىرىپ ئاغرىش، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، بالىياتقۇ ئىششىقى، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

Kaempferol,Isoquereatin, quercetin,anthocyanidin,astragalin,herbacin, Herbacetin 

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى ئىككىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=387

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#