ئانتاركتىكا

ئانتاركتىكا قىتئەسى

يەر شارىىڭ جەنۇبىي قىسمى بولۇپ، ئانتاركتىدا، ھىندى ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، تىنچ ئوكيانلارنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئەتراپىدىكى ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ سۇدىكى چېگرىسى جەنۇبىي كەڭلىك ° 48 بىلەن ° 60كەڭلىكلەردىن باشلىنىدۇ. ئانتاركتىكانىڭ مۇشۇ دائىرىدىكى مەيدانى 60 مىليون كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئانتاركتىكا قىتئەسى
چەتئەلچە نامى Antarctica
خەنزۇچە نامى 南极洲
كۆلىمى 14،240،000 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئانتاركتىكا قىتئەسىيەر شارىىڭ جەنۇبىي قىسمى بولۇپ، ئانتاركتىدا، ھىندى ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، تىنچ ئوكيانلارنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئەتراپىدىكى ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ سۇدىكى چېگرىسى جەنۇبىي كەڭلىك ° 48 بىلەن ° 60كەڭلىكلەردىن باشلىنىدۇ. ئانتاركتىكانىڭ مۇشۇ دائىرىدىكى مەيدانى 60 مىليون كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ. ئۇ، ئىنسانلارغا ئەڭ كېيىن مەلۇم بولغان قىتئە، شۇڭا ئۇنى 7-قىتئە دەپمۇ ئاتايدۇ. ئەمدى بىز ئانتاركتىكا، ئانتاركتىدا دېگەن ناملارنىڭ قانداق ئېيتىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى. ئانتاركتىدا دېگىنىمىز—يەر شارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۆز ئىچىگە ئاراللارنى ئالمايدۇ. شۇڭا بۇنى خەنزۇچە ماتېرىياللاردا «نەنجى» يەنى «جەنۇبىي قۇتۇپ» دەپ ئاتايدۇ. ئانتاركتىكا دېگىنىمىز—جەنۇبىي قۇتۇبنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمىدىن باشقا يەنە ئەتراپىدىكى جەنۇبىي گېئورگىيە، جەنۇبىي ساندىۋىچ، جەنۇبىي ئوركېنى ۋە جەنۇبىي شېتىلاند قاتارلىق ئاراللارنى ھەم ئايىسبىرىگلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئانتاركتىكانىڭ قۇرۇقلۇق مەيدانى تەخمىنەن 14 مىليون 50 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ مەيدانى 12 مىليون 394 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، قۇرۇقلۇق ئەتراپىدىكى قىرغاق مۇزلۇقلىرىنىڭ مەيدانى 76 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا بېللىنىسكا ئوزىن، ئاموندسېن، رۇس، ۋىدىدىلل قاتارلىق ئورن نەچچە دېڭىز بار. دېڭىز قىرغاق لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 24 مىڭ كىلومېتر كېلىدۇ. ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكىدىن 970 كىلومېتر كەڭلىكتىكى دېرىك بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#