سۇخوملىنسكىي

سۇخوملىنىسكىي

سۇخوملىنسكىي (1918-1970) رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ داڭلىق پېداگوگى، شۇنداقلا بۈگۈنكى دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور پېداگوگلارنىڭ بىرى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى سۇخوملىنسكىي
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1970-يىل
چەتئەلچە نامى Васи́лий Алекса́ндрович Сухомли́нский
خەنزۇچە ئىسمى 苏霍姆林斯基
تۇغۇلغان ۋاقتى 1918-يىل
كەسپى پېداگوگ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇخوملىنىسكىيسۇخوملىنسكىي (1918-1970) رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ داڭلىق پېداگوگى، ئۇ 18 يېشىدىن باشلاپ يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان ھەمدە ئىزچىل مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 

ئۇ ماكارېنكونى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، بارلىقىنى بالىلارغا ئاتىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «تۇرمۇشۇمدا ھەممىدىن مۇھىم ئىش نېمە؟ مەن بۇ سوئالغا قىلچە ئىككىلەنمەستىن بالىلارنى قىزغىن سۆيۈش، دەپ جاۋاب بېرىمەن». ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ  3700 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى كۆزىتىپ خاتىرە قالدۇرغان. ئۇ «تەربىيىلەش ئەڭ قىيىن» بولغان نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ ئەگرى-توقاي ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى ئۇلارنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى ئاتاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرەلەيدۇ.

 ئۇ ھاياتىدا  40 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب، 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە، 1200 پارچە چۆچەك، ھېكايە يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشىنىڭ قامۇسى» دەپ ئاتالغان. 

سۇخوملىنسكىي مۇنداق دەپ قارىغان: ئوقۇغۇچىلارغا خۇددى پىئانىنو چالغاندەك تەمكىنلىك بىلەن ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك تەربىيىسى بېرىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئەتراپلىق يېتىلگەن ئەۋلادلارنى يېتىلدۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەربىر بالا مۇكەممەل بىر دۇنيا، ئۇلاردا تەكرارلىق يوق، ھەممىسى ئۆزگىچىلىككە ئىگە»، شۇڭا بالىلارنىڭ خاسلىقىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ.

سۇخوملىنسكىي ئۆزىنىڭمۇ ئىلگىرى بىر بالا ئىكەنلىكىنى ھېچقاچان ئېسىدىن چىقارمىغان. ئۇ مۇنداق دەپ قارىغان: پەقەت دەرس ئۆتىدىغان چاغدىلا مۇنبەرگە چىقىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان ئادەم بالىلارنىڭ قەلبىنى چۈشىنەلمەيدۇ. ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم يەنە شۇنى بىلىۋېلىشى كېرەككى، بالىلارنى «دوسكىسى بار كىچىك دۇنيا» غىلا سولاپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، دەرسخانىنىڭ سىرتىدىكى «تەبىئەت دۇنياسى» تېخىمۇ گۈزەلدۇر.

سۇخوملىنسكىي مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: بالىلاردىن نومۇر ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلماستىن، بەلكى ئۇلارغا بىلىم ئالغانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولۇشنى ئۆگىتىش كېرەك. نومۇرنى بالىلارنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەيدىغان كىشەنگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

سۇخوملىنسكىي يۇقىرى ئۇنۋان ئېلىپ باقمىغان، ئەمما ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىجتىھات بىلەن ئىشلەش روھى، مائارىپنى چىن قەلبىدىن قىزغىن سۆيۈشتەك ئالىيجاناب ئەخلاقى ئۇنى خىزمىتىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، كېسەللىك سەۋەبىدىن پات-پات دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىپ تۇرغان، مۇشۇنداق چاغلاردىمۇ يەنىلا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان. كېسەلخانىدا بىللە ياتقان بىر بىمار ئۇنىڭدىن: «سىز داڭلىق ئەرباب، سوتسىيالىستىك ئەمگەك قەھرىمانى تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا ساقسىز ۋاقتىڭىزدىمۇ توختىماي خىزمەت قىلىسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «ئادەمنىڭ بۇرچى خەلق ئۈچۈن ياشاشتا» دەپ جاۋاب بەرگەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#