ئېلېكتىرونلۇق سودا بىخەتەرلىكى قانۇنىنى قوغداش

ئېلېكتىرونلۇق سودا بىخەتەرلىكى قانۇنىنى قوغداش

ئېلېكتىرونلۇق سودا بىخەتەرلىكى قانۇنىنى قوغداش مەسىلىسى ئاساسلىق ئىككى تەرەپكە چېتىلىدۇ. بىرىنچىدىن، ئېلېكتىرونلۇق سودا بولسا ئاۋۋال بىر تاۋار ئالماشتۇرۇش، شۇڭا ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى يۈكسەك دەرىجىدە قوغداشقا ئېرىشىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئېلېكتىرونلۇق تور سودىسى كومپيۇتېر ۋە تور ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغاچقا، بىخەتەر بولۇش-بولماسلىق كومپيۇتېر ۋە تورنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىگە تايىنىدۇ. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلېكتىرونلۇق سودا بىخەتەرلىكى قانۇنىنى قوغداش مەسىلىسى ئاساسلىق ئىككى تەرەپكە چېتىلىدۇ. بىرىنچىدىن، ئېلېكتىرونلۇق سودا بولسا ئاۋۋال بىر تاۋار ئالماشتۇرۇش، شۇڭا ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى يۈكسەك دەرىجىدە قوغداشقا ئېرىشىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئېلېكتىرونلۇق تور سودىسى كومپيۇتېر ۋە تور ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغاچقا، بىخەتەر بولۇش-بولماسلىق كومپيۇتېر ۋە تورنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىگە تايىنىدۇ. دۆلىتىمىزدە ھازىرچە مەخسۇس ئېلېكتىرونلۇق تور سودىسى بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار تېخى مەيدانغا كەلگىنى يوق. ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا يۇقىرىقى ئىككى تەرەپتىكى قانۇن-تۈزۈملەر تېخى مۇكەممەل ئەمەس. ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، بۇ خىل تاۋار سودىسى ۋە كومپيۇتېر تور تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى بىر شەكىلدىكى سىستېمىلاشقان بىخەتەرلىك تور كاپالەت نىزاملىرى بارلىققا كەلمىكى تەس. شۇڭا بىز ئېلان قىلىنىپ بولغان سودا بىخەتەرلىكى ۋە تور بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى قانۇن-نىزاملاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ۋە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇن-تۈزۈملىرىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.         

سودا بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار

دۆلىتىمىزنىڭ سودا بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرى، دۆلىتىمىزدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سودا بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك  قانۇن-نىزاملار ئاساسلىق تۆت تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 

(1) ئۇنىۋېرسال قانۇن: ئاساسلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى سودا بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك نىزاملار.

(2) سودا ئوبيېكتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن: مەسىلەن، شىركەت قانۇنى، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانا قانۇنى، كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانا قانۇنى، شېرىكچىلىكتىكى كارخانا، شەخسى ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانا قانۇنى، چەتئەل مەبلىغىدىكى كارخانا قانۇنى قاتارلىقلار.

(3) سودا قىلمىشلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن: بۇلار ئىقتىسادىي توختام قانۇنى، مەھسۇلات سۈپەت قانۇنى، مال–مۈلۈك سۇغۇرتا قانۇنى، باھا قانۇنى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى، ئېلان قانۇنى، ناتوغرا بولغان ئىستىللارغا زەربە بېرىش قانۇنى قاتارلىقلار.

(4) سودا قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار: مەسىلەن، بۇغالتىرلىق قانۇنى، تالون قانۇنى، بانكا قانۇنى قاتارلىقلار. دۆلىتىمىزدە سودا بىخەتەرلىكىنى تەتقىق قىلىش قەدىمى بىر قەدەر كېيىن باشلانغان بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان مەھسۇلاتنىڭ تىنچ ھالەتتە ھوقۇق تەۋەلىك مەسىلىسى جەزملەشتۈرۈلگەن ۋە قوغدالغان بولغاچقا، ھازىرقى بازار ئىقتىسادىي سودىسىنىڭ كۆلەملىشىشىنى، جانلىق، تېزلىك ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىگەن. گەرچە يۇقىرىقى قانۇن-نىزاملار بەزى سودا بىخەتەرلىكلىرىنى ئەكس   ئەتتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسىملىرىدا ئېنىق بولغان سودا بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرى يوق. ئەدلىيە ئەمەلىيىتى جەريانىدا بۇ نىزاملار بويىچە ئىجرا قىلىنمىغان. 

دۆلىتىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي قانۇن نىزاملار

دۆلىتىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي قانۇن نىزاملار. گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تورىنى خەلقئاراغا تورلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش سىناق نىزامى» دا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دەپ ئېلىنىدۇ) ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارقاتقان «ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تورىنى خەلقئاراغا تورلاشتۇرۇشنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، باشقۇرۇش چارىسى» (قىسقارتىلىپ «چارە» دەپ ئېلىنىدۇ.) بولسا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مەمۇرىي قانۇن نىزاملاردۇر. 

(1) بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشتىكى يېڭىچە يېتەكچى ئىدىيە تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

* ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان پىرىنسىپلار 

* بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان پىرىنسىپلار.

* قاتتىق باشقۇرۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان  پىرىنسىپلار.

* دۆلىتىمىزدە ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان قانۇن سىستېمىلار بىلەن بىردەكلىكنى  ساقلاشنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان پىرىنسىپلار. 

(2) ئىشلىتىش دائىرىسى ۋە تەڭشەش ئوبيېكىتلىرى 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چىگرىسى ئىچىدىكى ھەر قانداق ئورۇن  ۋە شەخسنىڭ كومپيۇتېر ئۇچۇر تورىنى خەلقئاراغا تورلاشتۇرۇش بىخەتەرلىكىنى  قوغداش نىزام ۋە چارىسىدە كۆرسىتىلگەن بويىچە ئىشلىتىلىدۇ. جۇڭگو چىگرىسى ئىچىدىكى خەلقئاراغا تورلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان چەتئەللىكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلىتىمىز ئىچىدە قانۇن بويىچە قۇرۇلغان «ئۈچ خىل مەبلەغ» دىكى كارخانا ۋە چەتئەل ۋاكالەتچىلىكىدىكى ئورگان قاتارلىق  ئورۇنلارنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى  باشقۇرۇش قاتارلىقلار. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تورىنى خەلقئاراغا تورلاشتۇرۇشتىكى بىخەتەرلىكنى قوغداشنى باشقۇرۇش مەسىلىسىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ئايرىم قارار قىلىدۇ. تەيۋەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىنىڭ كومپيۇتېر تورىنى تورلاشتۇرۇش «نىزام» ۋە «چارە» بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. «نىزام» ۋە «چارە» نىڭ تەڭشەش  ئوبيېكتلىرى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چىگرىسى ئىچىدىكى كومپيۇتېر ئۇچۇر تورىنى خەلقئاراغا تورلاشتۇرۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسنى كۆرسىتىدۇ. 

(3) خەلقئارا ئىنتېرنېت تورىنىڭ كىرىش-چىقىش ئۇچۇر يوللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كومپيۇتېر تورىنى خەلقئاراغا تورلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق قارارى» دا  دۆلىتىمىز چىگرىسى ئىچىدىكى كومپيۇتېر ئىنتېرنېت تورى چوقۇم دۆلەت ئاممىۋى تېلېگرافى تەمىنلىگەن دۆلەت چىقىش كىرىش يوللىرىدا خەلقئاراغا تورلاشتۇرۇلۇشى لازىم دەپ بەلگىلەنگەن. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ باشقا ئۇچۇر يوللىرىنى قۇرۇش ياكى ئىشلىتىش ئارقىلىق خەلقئارا تورغا  چىقىشى چەكلەنگەن. 

 (4) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «كومپيۇتېر ئۇچۇر تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» دە كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنى خەلقئاراغا تورلاشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

(5) بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ۋە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى. نىزام ۋە چارىدە تورغا ئۇلىغۇچى ئورۇنلار، قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنلار ۋە كومپيۇتېر ئۇچۇر تورىنى خەلقئاراغا تورلاشتۇرىدىغان قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار تۇرغۇزۇلۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي بىخەتەرلىك تۈزۈمىگە كونكرېت بەلگىلىمە چىقاردى. ئورۇن ۋە شەخسىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى كومپيۇتېر باشقۇرۇش نازارەت قىلىش تارماقلىرىنىڭ كومپيۇتېر ئۇچۇر تورلىرىنى خەلقئاراغا تورلاشتۇرۇش بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىدى. خەلقئاراغا تورلاشتۇرۇش كەسپى بىلەن  شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىغا بويسۇنۇپ، مەخپىيەتلىك بىخەتەرلىكى تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، خەلقئارا توردىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالماسلىق، دۆلەتنىڭ  مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىق، جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۇچۇر ۋە سېرىق مەزمۇندىكى شەھۋانىي بۇيۇملارنى ياسىماسلىق، كۆرمەسلىك، كۆپەيتمەسلىك، تارقاتماسلىق دەپ بەلگىلەنگەن. 

(6) قىلمىشلارنى جازالاش. «نىزام» ۋە «چارە» دە زۆرۈر بولغان جازالاش تەدبىرلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، جەرىمانە قويۇش، تورنى توختىتىش، تورغا چىقىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش قاتارلىق جازالار بەلگىلەنگەن. قاتتىق باشقۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كومپيۇتېر ئۇچۇر تورىنى خەلقئاراغا تورلاشتۇرۇش بىخەتەرلىكىنى قوغداش باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش، قانۇننى ھىمايە قىلىدىغان، باشقۇرۇشقا ئاڭلىق ھالدا بويسۇنىدىغان قىلغاندىلا، كومپيۇتېر ئۇچۇر تورىنى خەلقئاراغا تورلاشتۇرۇش، بىخەتەرلىكنى قوغداش تولۇق كاپالەتكە ئېرىشىدۇ. 

ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇن سىستېمىسىنى قۇرۇشنى كۈچەيتىش

ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇن سىستېمىسىنى قۇرۇشنى كۈچەيتىش. ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ  بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەر قانۇن-تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. ئەدلىيەنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇردى، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە تۈزۈلگەن ئېلېكتىرونلۇق سودىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملار تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

(1) ئېلىپ-ساتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى جەزملەشتۈرۈش چارىسى. ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن  شۇغۇللانغۇچى، ئېلىپ-ساتقۇچىلار بىر-بىرى بىلەن تونۇشمايدۇ، شۇڭا مەلۇم  ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆز ئارا سالاھىيىتىنى جەزملەشتۈرۈش لازىم، سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى تور مۇلازىمەت ۋاسىتىچى ئورگانلىرىدىمۇ جەزملەشتۈرۈش مەسىلىسى بار. نۆۋەتتە سودا–سانائەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئوخشاش بىرلىككە كەلگەن باشقۇرۇش جەزملەشتۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى جىددىي  ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، تور سودىسىغا جەزملەشتۈرۈش ئاماللىرى بىلەن تەمىنلەشكە مۇھتاج. نۆۋەتتە تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋاسىتىچى ئورۇنلاردا قۇرۇلۇۋاتقان مەۋھۇم سودا بازارلىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرمەكتە. ئېلېكتىرونلۇق سودا بازارلىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ جەھەتتىكى قانۇنلارنىڭ كۆلەملىشىشىمۇ قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا قالدى.

(2) ئېلېكتىرونلۇق توختامنىڭ قانۇنلىشىشىنىڭ تەرتىپلىرى. ئېلېكتىرونلۇق توختام بولسا تور شارائىتىدا قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا مەلۇم مەقسەتنى  ئىشقا ئاشۇرۇش مۇددىئاسىدا ھوقۇق  بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئۇنىڭ مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

 * ئېلېكتىرونلۇق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق شەكىللەنگەن توختامنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە شەكىللىرىنى جەزملەشتۈرۈش، ئېلېكتىرونلۇق توختامنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۆلچىمىنى بەلگىلەش. ئۈنۈملۈك ئېلېكتىرونلۇق يازمىچە ھۆججەت ۋە ئەسلى ھۆججەت تۈزۈش شەرتى ئاستىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى بۆلۈم ۋە تارماقلىرى ئارقىلىق رەسمىي ئېلېكتىرونلۇق توختام، گۇۋاھلىق ھۆججىتىنى قوبۇل قىلىش. 

* قانۇندا سودا مەقسىتىدە تۈزۈلگەن ئېلېكتىرونلۇق ئىمزانىڭ قوبۇل قىلىنىش دەرىجىسىنى، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا  بەلگىلەنگەن كېلىشىم بىلەن بىردەك بولۇشى، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ۋە باشقا سالاھىيەتنى جەزمەنلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى قوللاش.

(3) ئېلېكتىرونلۇق ھەق تۆلەش. دۆلىتىمىزدە ھازىرچە ئېلېكتىرونلۇق ھەق تۆلەشكە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس قانۇن تۇرغۇزۇلمىغان بولۇپ، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنىڭ كەسپى باشقۇرۇش چارىسىلا بار. ئېلېكتىرونلۇق ھەق  تۆلەشنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، قانۇنىي شەكىلدە تەپسىلىي قىلىپ ھەق تۆلەش بۇيرۇقىنىڭ تارقىتىلىش ۋە قوبۇل قىلىنىشىنى بەلگىلەش ھەمدە بانكا تەرەپ ئەۋەتكۈچى تەرەپنىڭ ھەق تۆلەش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق ھەق تۆلىگۈچىنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىنى، مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى قوبۇل قىلىشى قاتارلىقلار بەلگىلىنىشى كېرەك. 

(4) بىخەتەرلىك كاپالىتى. ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى سودا بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن تېخىمۇ يۇقىرى بولغان تەلەپنى قويماقتا. سودا بىخەتەرلىكىنى قانۇن جەھەتتىن قوغداشنى كۈچەيتىش بولسا قانۇن تۇرغۇزۇشنىڭ يەنە بىر مۇھىم ۋەزىپىسى. 

* ئاساسىي قانۇندا سودا بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىنكاس قىلىش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىدا سودا بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى تەجرىبە ۋە تۈزۈملىرىنى مەردانىلىق بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق، سودا بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىشتىكى يۈرۈشلۈك قانۇن تۈزۈملەرنى بەرپا قىلىش كېرەك.    

 * كومپيۇتېر ۋە تور بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش قانۇنىنى تۇرغۇزۇشتا ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ مەۋھۇم مۇھىتتا ئىجرا قىلىنىش ئالاھىدىلىكنى نەزەردە تۇتۇش، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ قانۇنىي تەدبىرلىرىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم.

* قانۇننى چۈشەندۈرۈش جەھەتتە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان ئەدلىيە چۈشەندۈرۈلۈشىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىپ، سودا بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز بولغان خۇلاسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش، ھەمدە كېيىنكى چۈشەندۈرۈشلەر جەريانىدا سودا بىخەتەرلىك ئامىللىرىنى بەكرەك  ئويلىشىش كېرەك. 

* شارائىت پىشىپ يېتىلىگەن چاغدا، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس قانۇنىي ھۆججەت چۈشۈرۈش، بۇنىڭدىن باشقا مەخپىيەتلىك قانۇنى، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى، باج قانۇنى، ئېلان قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارنىمۇ تۈزىتىش ۋە كېڭەيتىپ تولۇقلاش لازىم.


ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇن سىستېمىسىنى قۇرۇشنى كۈچەيتىش

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#