كۇرۇك قوغۇن
كۇرۇك قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ .
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۇرۇك قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈش كۈچى ئوتتۇراھال ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 298 سانتىمېتىر ، توملۇقى 1.56 سانتىمېتىر ، شاخلىنىش كۈچى كۈچلۈك ، پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 100 - 110 كۈن ئەتراپىدا ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 4.5 كىلوگرام كېلىدۇ ، بۇ خىل سورت توشۇشقا بىر قەدەر چىداملىق ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز .
مېۋىسى
كۇرۇك قوغۇننىڭ شەكلى يۇمىلاق ، دىئامېتىرى 19.5 - 34.4 سانتىمېتىر ، پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلمەيدۇ ، شاپاق تەگ رەڭگى سېرىق ، ئۈستىدە 10 تال يېشىل رەڭلىك تىلىم ئىزى شەكىللەنگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.9 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 4.1 سانتىمېتىر ، رەڭگى قىزغۇچ ، شىرنىلىك ،تالاسى كۆپ ، تەمى ئوتتۇراھال قەنت مىقدارى % 16.7 -8.1 ئەتراپىدا.
ئۇرۇقى
ئۇرۇقى سېرىق رەڭدە ، ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 1.35 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.52 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 59 گرام كېلىدۇ . [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.