جۇڭگو خەلقئارا ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى

جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى

جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى 1979-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان، جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرى كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئورۇندۇر. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو خەلقئارا ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى
شىركەت تىپى مەركەز كارخانىلىرى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1979-يىلى 10-ئاي
چەتئەلچە نامى CITIC Group
خەنزۇچە نامى 中国中信集团公司
باش شىتابى بېيجىڭ
توربېكىتى http://www.citicgroup.com.cn/

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ شىركىتىجۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى 1979-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان، باش ئورگىنى بېيجىڭدا تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماق شىركەتلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار: جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ شىڭيې شىركىتى، جۇڭگو جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ سودا شىركىتى، جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ ئوقەتچىلىك بانكىسى، جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ ئۆي-زېمىن شىركىتى، جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد مەسلىھەت شىركىتى، باۋلى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ تيەنجىن سانائەت شىركىتى، جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ شياڭگاڭ گۇرۇھى، جياخۇا بانكىسى(شياڭگاڭ) ، ھېيلىگ شىركىتى(ئامېرىكا) ، جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ ئاۋسترالىيە شىركىتى، جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ كانادا شىركىتى قاتارلىقلار. جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى توكيو، نيۇ يورك، فرانكىفورد، پارىژ قاتارلىق جايلاردا ۋاكالەت ئورگىنى تەسىس قىلغان. جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرى كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئورۇندۇر. 

جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ شىركىتىجۇڭگو خەلقئارا ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى سانائەت بىلەن سودا، تېخنىكا بىلەن سودا، پۇل مۇئامىلە ۋە مەبلەغ بىلەن تاشقى سودا ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە، سودا، مۇلازىمەت قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئومۇميۈزلۈك، ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدە، گوۋۇيۈەن بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك كارخانا گۇرۇھى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ۋە ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئىلغار تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى كىرگۈزۈش، ئىچكى-تاشقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، ئىچكى-تاشقى پۇل مۇئامىلە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىچكى-تاشقى مەبلەغ كەسپىنى بېجىرىش، ئىچكى-تاشقى سودىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ شىركىتىجۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى بېجىرىدىغان تىجارەت تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە: ئىچكى-تاشقى مەبلەغ سېلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ؛ يېڭى تېخنىكىلارنى يارىتىدۇ، كېڭەيتىدۇ ھەمدە تەۋەككۈل مەبلەغ سالىدۇ؛ خەلقئارادا، دۆلەت ئىچىدە پۇل مۇئامىلە كەسپى ۋە سىرتقا قارىتا كېپىل بولۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇستەقىل مەبلەغ سېلىپ ياكى بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىپ بانكا، مالىيە شىركەتلىرىنى بەرپا قىلىدۇ؛ ئىچكى-تاشقى ھەر خىل ئاكسىيىلەرنى تارقىتىدۇ ۋە ۋاكالىتەن تارقىتىدۇ؛ دۆلەت ئىچكى-تاشقى ئىجارىگە بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگودا مەبلەغ سېلىش بىخەتەرلىكى سۇغۇرتىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. خەلقئارالىق سۇغۇرتا ۋە قايتا سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ خەلقئارالىق قۇرۇلۇشلارنى كۆتىرىگە ئېلىش، بۆلۈپ كۆتىرىگە ئېلىش ھەمدە ئەمگەك-مۇلازىمەتنى چىقىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ ئۆي-زېمىن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ساياھەت مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ؛ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى خېرىدارلار ئۈچۈن ھاۋالە، مەسلىھەتچىلىك ۋە باشقا ئىشلىرىنى بېجىرىپ بېرىشنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ شىركىتىجۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ شىركىتىنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگىنى مۇدىرىيەت بولۇپ، مۇدىرىيەت باشلىقى، مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ. دائىمىي ئىشلار مۇدىرى، مۇدىرنى مۇدىرىيەت باشلىقى تەكلىپ قىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. مۇدىرىيەت باشلىقى گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، مۇدىرىيەت يېپىق مەزگىلىدە شىركەتنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. جۇڭگو ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى يەنە نازارەت قىلىش ئورگىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، باش نازارەتچى ۋە مۇئاۋىن باش نازارەتچىنى گوۋۇيۈەن تەيىنلەيدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#