سېئول

سېئول كورىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ، مۇھىم سانائەت مەركىزى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كورىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەر، مۇھىم سانائەت مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى 9 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984) . ئۇ چاۋشيەننىڭ كونا پايتەختى، بۇ شەھەر خەنجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىي ياقىسىغا جايلاشقان. دېڭىز قىرغىقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەھەر دەريا بويىدىكى بىر ئويمانلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى كىچىك تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ.
سېئۇل كورىيەنىڭ قەدىمىي شەھىرى، 1934-يىلى لى خاندانلىقى پايتەختنى بۇ جايغا يۆتكەپ كېلىپ، بۇ جاينى سېئۇل(خەنچېڭ) دەپ ئاتىغان. 1913-يىلى جىڭدو دەپ ئاتالغان. 1945-يىلى قايتا «سېئۇل» دەپ ئۆزگەرتىلگەن.
سېئۇل كورىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋە سانائەت مەركىزى. ئۇ ھەرخىل سانائەت تارماقلىرى بىلەن كورىيە بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، نەشرىياتچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، ماشىنىسازلىق، نېفىت، خىمىيە، قەغەز قاتارلىق سانائەتلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان. شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا ئىگىلىكىدە سەي، مېۋە، چارۋىچىلىقىدا قوي قۇشلىرى، كالا ئاساس قىلىنىدۇ. سېئۇل جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ قۇرۇقلۇق، سۇ، ھاۋا قانتاش تۈگۈنى. شەھەرنىڭ يېنىدىكى جىڭبۇدا مۇھىم خەلقئارا ئايرودرومى بار. شەھەردە يەنە دۇكسۇ قاتارلىق سارايلار ۋە باشقا مەشھۇر ئورۇنلار، مۇزېيلار، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.