جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى 1996-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1996-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 78-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى
ئېلان قىلغان ئۇرۇن 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
يولغا قويۇلغان ۋاقىت 1997-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国人民防空法
تۈزىتىلگەن ۋاقتى 1996-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى 1996-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1996-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 78-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ تەركىبىي قىسمى. دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۆلەت ئاممىنى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ھاۋا ھۇجۇمى زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ ۋە تەشكىللەيدۇخەلق ھاۋا مۇداپىئەسىدە ئۇزاق مۇددەت تەييارلىق كۆرۈش، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش قىلىش، تىنچ مەزگىل بىلەن ئۇرۇش مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇش، شەھەر قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ.

3-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

4-ماددا خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىراجىتىنى دۆلەت بىلەن جەمئىيەت بىرلىكتە ئۈستىگە ئالىدۇ.مەركەز ئۈستىگە ئالىدىغان خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىراجىتى مەركەزنىڭ خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈستىگە ئالىدىغان خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىراجىتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

5-ماددا دۆلەت مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا ئېتىبار بېرىدۇ.دۆلەت كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. تىنچ مەزگىلدە خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ سالغۇچى ئىشلىتىپ باشقۇرىدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى مەبلەغ سالغۇچىغا تەئەللۇق بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/67746.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#