ئاغىچە

ئاغىچە  بۇ ئۈسۈملۈكنىڭ قۇرۇتىلغان مىۋىسى «يۇغۇز» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. سېرىقلىق يوقۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. .

ئۇيغۇرچە نامى ئاغىچە
ئەرەبچە نامى يۇغۇن قىسا ئۇلھىمار
ئىنگلىزچە Loofah, towel Gourd Vegetable
خەنزۇچە نامى 丝瓜络
پارسچە نامى خىيارى دەشتى
ئوردۇچە نامى بەندال

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاغىچە ئاغىچە كاۋا – قاپاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياماشقۇچى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاغىچە بۇلۇپ ، تاۋۇز ئۇرۇقى شەكلىدە ، سارغۇچ رەڭدە ، تەمى ئاچچىق ، پۇرىقى سۇس ، بۇ ئۈسۈملۈكنىڭ قۇرۇتىلغان مىۋىسى «يۇغۇز» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئىشلىتىلىشى

ھەيىز راۋان بولماسلىق ، ئۆلۈك ھامىلە ، بوۋاسىر، يەر قان ، ئومۇمىي بەدەن سۇلۇق ئىششىقى ، رىماتىزىم ، يۆتەل ، دەم سىقىلىش ، سەرئى ، مەددە قۇرۇت كېسلى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ . ھەيىز ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى دورا ھېسابلىندۇ.

خۇسۇسيىتى

ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، غەيرى تەبىئىي بەلغەم سەۋدا خىلىتىلىرىنى سۈرۈش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، يەل ھەيدەش،چوڭ تەرەت ۋە ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، بوۋاسىرنى قۇرۇتۇش ، سۈيدۈك ھەيدەش ، ئۆلۈك ھامىلىنى چۈشۈرۈش ، سېرىقلىق يوقۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خىمىيىلىك تەركىبى

ئاغچىنىڭ تەركىبىدە كىسلان (xylan)، ماننان (Mannan) گالاكتان (Galactan)، بەندال ئاچچىق ماددىسى ( Luffein)، كۆپ مىقداردا شىلىمشىق ماددىلار ، تىستىروللىن (Citrullin) قاتارلىقلار بار

ئەكىس تەسىرى

بەدىنى ئاجىزلارغا، ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە ۋە ئۈچەيگە زىيىنى بار. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار كۆپ ئىشلىتىلسە ، قانلىق ئىچ سۈرۈش پەيدا قىلىپ ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈپ قۇيۇشى مۇمكىن.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

ئاغىچىنىڭ قايناتمىسىنى ھايۋانلار ئۈسىتىدە سىناق قىلىغاندا، يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، نەپەسلىنىشنى نورماللاشتۇرۇش تەسىرنى بەرگەن، بۇنىڭ قاينىتىلغىنى ياكى ئىسپىرىتقا چىلانغىنىنىڭ ئېرىتمىسى ئۆپكە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىگە نىسپەتەن كۈچلۈك تورمۇزلاش رولىغا ئىگە ھەمدە A خىلدىكى ۋە B خىلدىكى ئۆپكە ياللۇغى زەنجىرسىمان شارچە باكتىريىسىنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە . 7-10 تالغىچە ئۇرۇقچىنىڭ تالقىنى ئىچىنى سۈرىدۇ . مىقدارى ئاشقانسېرى قۇستۇرىدۇ . ئېغىر ھالدا ئىچىنى سۈرىدۇ .

1. ئاغچىنى قاينىتىپ ئىچسە ئۆلۈك ھامىلىنى چۈشۈرىدۇ . ئۇندىن باشقا تىرىك ھامىلىنى چۈشۈرۈشكىمۇ ئىشلىتىدۇ.

2. ئاغچىنى سۇقۇپ كالا يېغى بىلەن قوشۇپ بۇرنىغا تېمىتسا ، سېزىمىنىڭ يوقۇلىشى ۋە سەرئىگە پايدا قىلىدۇ .

3. 2~3 دانە ئاغىچە ئۇرۇقىنى ئاخشىمى سۇغا چىلاپ قويۇپ ، ئەتىسى سۈزۈپ ، سۈيىدىن 2~3 تېمىم بۇرنىغا تېمىتسا ، يەرقانغا مەنپەئەت قىلىدۇ .

4. ئاغچىغا ئاز مىقداردىكى كاپۇرنى قۇشۇپ سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ بۇرنىغا پۇراتسا، كۆزدىكى سېرىقلىقنى يوقىتىدۇ.

5. ئاغچىنى ئاقمۇم بىلەن زىمات تەييارلاپ ، قايماق بىلەن قۇشۇپ يەرلىك ئۇرۇننى ياغلىسا،بوۋاسىرنىڭ قايتا ئۈسۈپ چىقىشنى توسايدۇ ياكى ئاغچىنى قاينىتىپ سۈيى بىلەن يۇسىمۇ بۇۋاسىرنى يوقىتىدۇ.

6. 50 گرام ئاغچىنى سۇقۇپ ھەسەل بىلەن قۇشۇپ ياكى كاپسۇلغا قاچىلاپ ئىچسە بۇۋاسىر تۈگۈنچىسىنى يوقىتىدۇ.

7. ئاغىچە ، قەنبىل ، شاپتۇل يوپۇرمىقى ، بەرەنكى كابىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 7 گرامدىن ئېلىپ ، قاينىتىپ ئىچسە ، قۇرت ئۆلتۈرىدۇ ۋە چۈشۈرىدۇ.

مىقدارى

ئاغىچە3~7 گرامغىچە

تۈزەتكۈچىسى

كالا سۈتى ، سېرىق ماي 

ئورۇنباسارى

شەھمەنزەل 

ئاغىچە شەربىتى.

[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=500

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#