مەجۇنى ئىترىفىل سانا
مەجۇنى ئىترىفىل سەپرانى پەسەيتىدۇ، توسالغۇلارنى ئېچىپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ دورا قېنىق قۇڭۇر رەڭلىك مەجۇنات بولۇپ، تەمى بىراز تاتلىق، قاڭسىق، چۈچۈمەل.
يۇقۇرىقى 5 خىل دورىدىن، بادام يېغىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق تالقانلاپ،بادام يېغى ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ 1000g مەجۇنات تەييارلىنىدۇ.
سانا | 60g | ئامىلە | 60g |
بەلىلە پوستى | 60g | كابىلە ھېلىلە | 60g |
بادام يېغى | 25g |
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
بۇ دورىدىن 40g ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى دىئاتومىد بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئېتانول بىلەن سۇ تەڭ مىقداردا بولغان ئارىلاشما سۇيۇقلۇقتىن 50ml قوشۇپ،ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 30 مىنۇت بىر تەرەپ قىلىپ،سۈزۈپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى قىزدۇرۇپ پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ، قالدۇقلىرىغا 1ml مېنتانول قوشۇپ ئېرىتىپ سىناق ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. سانا سېلىشتۇرما دورىسىدىن 1g ئېلىپ،يۇقۇرىقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى بويىچە،يۇقۇرىقى ئىككى خىل سىناق ئېرىتمىسىدىن ئايرىم ھالدا µl10 شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم نوختا تېمىتىپ، (4∶4∶3)ئېتىل ئاتسىتات-نورمال پروپانول-سۇنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ،شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر چىرىقى (365nm) ئاستىدا كۈزەتكەندە. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردا، سېلىشتۇرۇلغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك يالتىراق داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ. تاختا ئۈستىگە %20 لىك نىترات كىسلاتا ئېرىتمىسى پۈركۈپ، ℃105 لىق ھارارەتتە 10 مىنۇت قاقلاپ،سوۋۇتقاندىن كېيىن، %5 لىك كالىي ھىدروكسىد سۇيۇق ئېتانول ئېرىتمىسى پۇركۈپ،كۈن نۇرى ئاستىدا كۈزەتكەندە. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردا، سېلىشتۇرۇلغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.