بونن
گېرمانىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. بونن شەھىرى رېيىن دەرياسىنىڭ غەربىي ياقىسىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ شىمالدىكى كېلىن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 21 كىلومېتر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گېرمانىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. بونن شەھىرى رېيىن دەرياسىنىڭ غەربىي ياقىسىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ شىمالدىكى كېلىن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 21 كىلومېتر كېلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 290 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983) ، بونن شەھىرى رېيىن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى تاغلىقلار بىلەن تۆۋەن ئېقىمىدىكى تۈزلەڭلىكلەر ئارىلىقىدىكى مۇھىم ئۆتكەل، ئۇنىڭ ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، تارىختا مۇھىم قورغان بولغان. بۇ جايدا مىلادى 1-ئەسىردە قەدىمىي رىم ئىمپېرىيىسى كاستىرا بوننېنسىيە ناملىق بىر ھەربىي گازارما قۇرغان. شەھەرنىڭ ھازىرقى نامى شۇ نامنىڭ قىسقارتىلىشى، بونن كىلىت تىلىدا شەھەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ جاي 13-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە كېلىن كىنەزلىكىنىڭ مەركىزى بولغان. بوننمۇھىم سۇ، قۇرۇقلۇق قاتناش تۈگۈنى.
بۇ جايدا تۆمۈريول، تاشيول تورلىرىدىن سىرت، يەر ئاستى تۆمۈريوللىرىمۇ بار. بونن مۇھىم دەريا پورتى. بۇ جايدىن يولغا چىققان پاراخوتلار رېيىن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىغا قاراپ يۈرسە شۋېتسارىيىنىڭ بازىل شەھىرىگە، تۆۋەن ئېقىمىغا قاراپ يۈرسە گوللاندىيە، بېلگىيىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ چوڭ دېڭىزغا چىقالايدۇ.
بونن شەھىرىنىڭ سانائىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. سانائىتىدە رەڭلىك مېتاللۇرگىيە، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى، قۇرۇلۇش بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، ئۆي جاھازلىرى، مۇزىكا، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار.
بونن گېرمانىيىنىڭ مۇھىم نەشرىياتچىلىق، سانائەت مەركىزى. بونن سانائىتىنىڭ 2/3 قىسمى شەھەر رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شەھەر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان مۇزېيخانىلار، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، قەدىمىي قۇرۇلۇلاشلار، 1786-يىلى قۇرۇلغان يونن داشۆسى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى جايلاشقان. بونن داشۆسىدە پرولېتارىياتنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى ماركس 1835-يىلدىن 1836-يىللىرى ئوقۇغان. ئاتاقلىق مۇزىكانت پېدوفىن بونندا تۇغۇلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.