مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى» 1997–يىلى 5–ئاينىڭ 9–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1997–يىلى 5–ئاينىڭ 9–كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 1997–يىلى 5–ئاينىڭ 9–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国行政监察法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó háng zhèng jiān chá fǎ
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2010–يىلى 6–ئاينىڭ 25–كۈنى
ئىنگلىزچە نامى Inspect the of the People's Republic of China

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى» مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت پەرمانىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەمۇرىي ئىنتىزامنى ساقلاش، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ياخشىلاش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈلگەن.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى» 1997–يىلى 5–ئاينىڭ 9–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25–يىغىنىدا ماقۇللانغان. شۇ كۈندىن باشلاپ قوللىنىلغان.

2010–يىلى 6–ئاينىڭ 25–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 15–يىغىنىنىڭ «(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى)غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت پەرمانىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەمۇرىي ئىنتىزامنى ساقلاش، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ياخشىلاش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزگۈچى ئورگىنى، ئۇ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى، ئۇنىڭ مەمۇرلىرى ۋە دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى تەيىنلىگەن باشقا خادىملارنى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن مەمۇرىي تەپتىش قىلىدۇ.

3-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ، باشقا مەمۇرىي تارماق، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.

4-ماددا مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىدە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش، دەلىل-ئىسپاتقا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، قانۇن ۋە مەمۇرىي ئىنتىزامنى ھەممە ئادەمگە باراۋەر تەتبىقلاش شەرت.

5-ماددا مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىدە تەربىيە بېرىش بىلەن جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بىلەن تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

6-ماددا مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىدە ئاممىغا تايىنىش كېرەك. مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار دۆلەتنىڭ ھەر قانداق مەمۇرىي ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ مەمۇرلىرى، دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى تەيىنلىگەن باشقا خادىملارنىڭ مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشىنى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا شىكايەت قىلىش ياكى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئەرز، شىكايەتنى قوبۇل قىلىشى ھەم قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىسمى بىلەن پاش قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى پاش قىلىنغان ئىشلارنىڭ ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنىڭ، شۇنىڭدەك پاش قىلغۇچىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاپ، پاش قىلغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

2-باب مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرى

7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەم خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. مەمۇرىي تەپتىش كەسپىدە يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاساس قىلىدۇ.

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى تارماقلارغا مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتى ياكى مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرىنى ئەۋەتسە بولىدۇ.

مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئەۋەتكەن مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتلىرى ياكى مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەم خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئۆزى ئەۋەتكەن مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتلىرى ياكى مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ، ئەۋەتكەن مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرىنى ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

9-ماددا مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرى قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، پاك-دىيانەتلىك بولۇشى، مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى شەرت.

10-ماددا مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرى مەمۇرىي تەپتىش كەسپىگە پىششىق بولۇشى، مۇناسىپ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولۇشى شەرت.

11-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ باش ۋەزىپىدىكى ۋە مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى رەھبىرىنى تەيىنلەش ياكى قالدۇرۇشتا، قارار قىلىشقا سۇنۇشتىن ئىلگىرى، بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش شەرت.

12-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

13-ماددا مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرى ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلغاندا، قانۇن قوغدايدۇ.

ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلىشىغا، توسۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرىدىن ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

14-ماددا مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرىدىن بېجىرىدىغان مەمۇرىي تەپتىش ئىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ياكى يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك.

3-باب مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى

15-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۆۋەندىكى ئورگان ۋە خادىملارنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىدۇ:

(1) گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى ۋە ئۇنىڭ مەمۇرلىرى؛

(2) گوۋۇيۈەن، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى تەيىنلىگەن باشقا خادىملار؛

(3) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەھبىرىي خادىملىرى.

16-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۆۋەندىكى ئورگان ۋە خادىملارنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىدۇ:

(1) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تارماقلىرى ۋە ئۇنىڭ مەمۇرلىرى؛

(2) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى تەيىنلىگەن باشقا خادىملار؛

(3) بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرىي خادىملىرى.

ناھىيەلىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۆزىگە قاراشلىق رايون قارىمىقىدىكى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرلىرى، شۇنىڭدەك يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەيىنلىگەن باشقا خادىملارنىمۇ مەمۇرىي تەپتىش قىلىدۇ.

17-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بىر دەرىجە تۆۋەن مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى مەمۇرىي تەپتىش ئىشلىرىنى بېجىرسە بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۆزىگە قاراشلىق ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى مەمۇرىي تەپتىش ئىشلىرىنى بېجىرسىمۇ بولىدۇ.

مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئارا باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە دائىر تالاش-تارتىشلارنى ئۇلار ئورتاق قارايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئايرىپ بېرىدۇ.

18-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەمۇرىي تەپتىش قىلىنغۇچىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، پاكلىق ئەھۋالى ۋە ئۈنۈم ئەھۋالىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىشتا، تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:

(1) دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ قانۇن-نىزاملارغا ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارار، بۇيرۇقلىرىغا رىئايە قىلىش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش؛

(2) دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ، ئۇنىڭ مەمۇرلىرىنىڭ ۋە دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى تەيىنلىگەن باشقا خادىملارنىڭ مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى ئۈستىدىكى ئەرز-شىكايەتنى قوبۇل قىلىش؛

(3) دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ، ئۇنىڭ مەمۇرلىرىنىڭ ۋە دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى تەيىنلىگەن باشقا خادىملارنىڭ مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛

(4) دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنىدىكى مەمۇرلارنىڭ ۋە دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى تەيىنلىگەن باشقا خادىملارنىڭ مەسئۇل مەمۇرىي ئورگانلار چىقارغان چارە كۆرۈش قارارىغا قايىل بولماي بەرگەن ئەرزىنى، شۇنىڭدەك قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەرزلەرنى قوبۇل قىلىش؛

(5) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئادا قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مەمۇرىيەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتى ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىلىنى تۈزىتىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ.

4-باب مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى

19-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) مەمۇرىي تەپتىش قىلىنغۇچى تارماق ۋە خادىملاردىن مەمۇرىي تەپتىش قىلىنىدىغان ئىشلارغا ئالاقىدار ھۆججەت، ماتېرىيال، مالىيە ھېساباتىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ماتېرىياللارنى بېرىشنى، كۆرۈشنى ياكى كۆپەيتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىش؛

(2) مەمۇرىي تەپتىش قىلىنغۇچى تارماق ياكى خادىملاردىن مەمۇرىي تەپتىش قىلىنىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئىزاھات بېرىش ياكى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلىش؛

(3) مەمۇرىي تەپتىش قىلىنغۇچى تارماق ياكى خادىملارنى قانۇن-نىزامغا ۋە مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇش.

20-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشتە، ئەمەلىي ئەھۋالغا ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ھۆججەت، ماتېرىيال، مالىيە ھېساباتى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ماتېرىياللارنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش، پېچەتلەش؛

(2) تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، دېلودىكى گۇمانلىق ئورۇن ۋە خادىملارنى دېلوغا ئالاقىدار پۇل-مالنى سېتىۋەتمەسلىك، يۆتكىمەسلىككە بۇيرۇش؛

(3) مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بېكىتىلگەن ۋاقىت، جايدا تەكشۈرۈلىدىغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئىزاھات ۋە چۈشەنچە بېرىشكە بۇيرۇش، لېكىن ئۇلارنى سولاپ قويماسلىق ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا سولاپ قويماسلىق؛

(4) مەمۇرىي ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش گۇمانى تۇغدۇرغانلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇش ھەققىدە ئالاقىدار ئورگانلارغا تەكلىپ بېرىش.

21-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلمىشى ۋە ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشى قاتارلىق مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشتە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى رەھبەرلىرىنىڭ تەستىقى بويىچە دېلودىكى گۇمانلىق ئورۇن ياكى خادىملارنىڭ بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدا قويغان پۇلنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىپ، گۇماندارنىڭ بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدا قويغان پۇلنى قانۇن بويىچە توڭلىتىپ قويۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

22-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولارنى بېجىرىشتە، ئالاقىدار مەمۇرىي تارماق، ئاپپاراتلاردىن ياردەم سورىسا بولىدۇ.

ياردەم بەرگۈچى مەمۇرىي تارماق ۋە ئاپپاراتلار مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا ياردەملىشىدىغان ئىشلار ۋە تەلەپ بويىچە، خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە ياردەملىشىشى كېرەك.

23-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلار ھەققىدە مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ:

(1) قانۇن-نىزاملارنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ياكى قانۇن-نىزاملارغا شۇنىڭدەك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارار ۋە بۇيرۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تۈزىتىشكە تېگىشلىكلىرى؛

(2) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تارماقنىڭ ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارار، بۇيرۇق ۋە يوليورۇقلىرى قانۇن-نىزاملارغا ياكى دۆلەت سىياسىتىگە خىلاپ بولغانلىقتىن تۈزىتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا تېگىشلىكلىرى؛

(3) دۆلەت مەنپەئەتى، كوللېكتىپ مەنپەئەتى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈلگەنلىكتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كېلىدىغانلىرى؛

(4) ئادەم ئېلىش، تەيىنلەش، قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش، جازالاش توغرىسىدىكى قارارلار كۆرۈنەرلىك ھالدا نامۇۋاپىق بولغانلىقتىن تۈزىتىشكە تېگىشلىك بولغانلىرى؛

(5) ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىكلىرى؛

(6) ئاشكارا كەچۈرۈم سوراشقا بۇيرۇش، ۋەزىپىسىدىن توختىتىپ تەكشۈرۈش، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش تۈپەيلىدىن ئىستېپا سوراش، ئىستېپا بېرىشكە بۇيرۇش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قاتارلىق جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىرى؛

(7) پاكلىق، تىرىشچانلىق تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىرى؛

(8) باشقا مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپى بېرىشكە توغرا كېلىدىغانلىرى.

24-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىدە مەمۇرىي تەپتىش قارارى چىقارسا ياكى مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ:

(1) مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن قوغلاش چارىسى كۆرۈلىدىغانلار؛

(2) مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا ئېلىۋالغان پۇل-مالنى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىش، قايتۇرغۇزۇشقا تېگىشلىكلىرى ياكى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدىغانلىرى.

ئالدىنقى تارماقنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى ئەھۋالدا، مەمۇرىي تەپتىش قارارى چىقىرىلغان ياكى مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپى بېرىلگەن بولسا، دۆلەتنىڭ كادىر باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

25-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە چىقارغان مەمۇرىي تەپتىش قارارىنى ئالاقىدار تارماق ياكى خادىملار ئىجرا قىلىشى كېرەك؛ مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە بەرگەن مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپىنى ئالاقىدار تارماقلار ئورۇنلۇق سەۋەب بولمىسا، قوبۇل قىلىشى كېرەك.

26-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەمۇرىي تەپتىش ئىشلىرىغا چېتىشلىق ئورۇن ياكى شەخسلەرنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.

27-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى ئۇچۇرلىرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلىشى كېرەك.

28-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ؛ مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرى مەمۇرىي تەپتىش قىلىنغۇچى تارماقلارنىڭ مەمۇرىي تەپتىش ئىشلىرىغا ئالاقىدار يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ.

29-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى شىكايەت قىلىش، پاش قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇكاپاتلىسا بولىدۇ.

5-باب مەمۇرىي تەپتىش تەرتىپى

30-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە تەكشۈرىدۇ:

(1) تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئىشلارنى بېكىتىش؛

(2) تەكشۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈش ھەمدە يولغا قويۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىش؛

(3) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش؛

(4) تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ، مەمۇرىي تەپتىش قارارى چىقىرىش ياكى مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپى بېرىش.

تەكشۈرىدىغان مۇھىم ئىشلارنى بېكىتىپ، ئۇنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

31-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ:

(1) تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشلارنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش، مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتى بولۇپ، مەمۇرىي ئىنتىزام جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قارىغانلىرىدا دېلو ئېچىش؛

(2) تەكشۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاش؛

(3) مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولۇپ، مەمۇرىي چارە كۆرۈشكە ياكى باشقىچە بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىرىنى قاراپ چىقىش؛

(4) مەمۇرىي تەپتىش قارارى چىقىرىش ياكى مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپى بېرىش.

مۇھىم، مۇرەككەپ ئىشلاردا ئېچىلغان دېلونى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

32-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۆزى ئاچقان دېلولاردىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتى يوق ياكى مەمۇرىي ئىنتىزام جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ھاجەتسىز دەپ بېكىتكەنلىرىنى بىكار قىلىشى ھەمدە بۇنىڭدىن تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تارمىقى ياكى تەكشۈرۈلگۈچى خادىم ۋە ئۇ ئىشلەيدىغان ئورۇننى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

مۇھىم، مۇرەككەپ دېلولاردىن بىكار قىلىنغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

33-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۆزى ئېچىپ تەكشۈرگەن دېلولارنى دېلو ئاچقان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك؛ ئالاھىدە سەۋەب بىلەن بېجىرىش مۆھلىتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، مۇۋاپىق ئۇزارتسا بولىدۇ؛ لېكىن، ئەڭ ئۇزاق بولغاندىمۇ بىر يىلدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

34-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈشتە، مەمۇرىي تەپتىش قىلىنىدىغان تارماق ۋە خادىملارنىڭ بايانى ۋە ئاقلىنىش پىكرىنى ئاڭلىشى لازىم.

35-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ مۇھىم مەمۇرىي تەپتىش قارارى ۋە مۇھىم مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. گوۋۇيۈەن مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ مۇھىم مەمۇرىي تەپتىش قارارى ۋە مۇھىم مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپىنى گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

36-ماددا مەمۇرىي تەپتىش قارارىنى، مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپىنى ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىمغا يازما يەتكۈزۈش كېرەك.

مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارغا چارە كۆرۈش توغرىسىدىكى مەمۇرىي تەپتىش قارارىنى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلار تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماقلار كادىر باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.

خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلار تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماقلار مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ چارە كۆرۈش توغرىسىدىكى مەمۇرىي تەپتىش قارارى ۋە ئۇنىڭ ئىجراسىغا دائىر ماتېرىياللارنى چارە كۆرۈلگۈچىنىڭ ئارخىپىغا سېلىپ قويۇشى كېرەك.

37-ماددا ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىملار مەمۇرىي تەپتىش قارارى ياكى مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە مەمۇرىي تەپتىش قارارىنى ئىجرا قىلىش ياكى مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىدىن مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

38-ماددا دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ مەمۇرلىرى ۋە دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى تەيىنلىگەن باشقا خادىملاردىن مەسئۇل مەمۇرىي ئورگاننىڭ چارە كۆرۈش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى چارە كۆرۈش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا ئەرز سۇنسا بولىدۇ. مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشى كېرەك؛ قايتا تەكشۈرۈش قارارىغىمۇ قايىل بولمىغانلىرى قايتا تەكشۈرۈش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى كېرەك.

قايتا تەكشۈرۈۋاتقان، قايتا قاراپ چىقىۋاتقان مەزگىلدە، ئەسلىي قارارنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ.

39-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى مەسئۇل مەمۇرىي ئورگاننىڭ چارە كۆرۈش قارارىغا قايىل بولماي بېرىلگەن ئەرزنى قوبۇل قىلىپ، قايتا تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەسلىي قارارنى نامۇۋاپىق دەپ قارىسا، ئەسلىي قارارنى چىقارغان ئورگانغا قارارىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ؛ مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ھوقۇق دائىرىسىدە ئۇنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش توغرىسىدا بىۋاسىتە قارار چىقارسىمۇ بولىدۇ.

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى قوبۇل قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەرزلەر ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر ياقلىق قىلىنىدۇ.

40-ماددا مەمۇرىي تەپتىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار مەمۇرىي تەپتىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قارار چىقارغۇچى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشى، قايتا تەكشۈرۈش قارارىغىمۇ قايىل بولمىغانلار قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى كېرەك.

قايتا تەكشۈرۈۋاتقان، قايتا قاراپ چىقىۋاتقان مەزگىلىدە، ئەسلىي قارارنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ.

41-ماددا بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بىر دەرىجە تۆۋەن مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قارارىنى نامۇۋاپىق دەپ قارىسا، ئۇنى بىر دەرىجە تۆۋەن مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش توغرىسىدا بىۋاسىتە قارار چىقارسىمۇ بولىدۇ.

42-ماددا بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ قايتا قاراپ چىقىش قارارى ۋە گوۋۇيۈەن مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارى ئاخىرقى قارار ھېسابلىنىدۇ.

43-ماددا مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپىگە باشقىچە پىكرى بولغانلار مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپى بەرگۈچى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا پىكرىنى بەرسە بولىدۇ، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى باشقىچە پىكىرنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. جاۋابقىمۇ باشقىچە پىكرى بولسا، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ.

44-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىشتا، ئۆزى تەكشۈرۈۋاتقان ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىقىنى بايقىسا، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئورۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك، جىنايەت گۇمانى تۇغدۇرغانلىرىنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

ئۆتكۈزۈۋالغۇچى ئورۇن ياكى ئورگان بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

45-ماددا مەمۇرىي تەپتىش قىلىنىدىغان تارماق ۋە خادىملاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى مەسئۇل ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تارماقنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

(1) ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان، يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلەر ياكى دەلىل-ئىسپاتلارنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، ئۆزگەرتىۋەتكەن، يوق قىلىۋەتكەنلەر؛

(2) مەمۇرىي تەپتىش قىلىنىدىغان ئىشقا ئالاقىدار ھۆججەت، ماتېرىيال، مالىيە ھېساباتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال، زۆرۈر ئەھۋاللار بىلەن تەمىنلەشنى قەستەن ئارقىغا سوزغان ياكى رەت قىلغانلار؛

(3) گۇمان پەيدا قىلغان پۇل-مالنى تەكشۈرۈۋاتقان مەزگىلدە سېتىۋەتكەن، يۆتكىۋەتكەنلەر؛

(4) مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى سورىغان سوئاللارغا ئىزاھات ۋە چۈشەنچە بەرمىگەنلەر؛

(5) مەمۇرىي تەپتىش قارارىنى ئىجرا قىلمىغانلار ياكى ئورۇنلۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ، مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلار؛

(6) مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلار.

46-ماددا پاش قىلىنغان ئىشلارنى، پاش قىلىش مەلۇماتىنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى شۇنىڭدەك پاش قىلغۇچىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

47-ماددا ئەرز قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلغۇچىلارغا ياكى مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرىدىن ئۆچ ئالغان، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

48-ماددا مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان ۋە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

49-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا يۈرگۈزۈپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېقىلغان، زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلىشى كېرەك.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

50-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن-نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن، جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى بولغان تەشكىلاتلارنى ئۇلارنىڭ جامائەت ئىشلىرىنى قىلىدىغان خادىملىرى ۋە دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە ھاۋالە قىلغان تەشكىلاتلارنى، ئۇلارنىڭ جامائەت ئىشلىرىنى قىلىدىغان خادىملىرىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىشقا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

51-ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن 1990-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/277074.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#