جىلى-فېڭتيەن ئۇرۇشى

شىمال مىلىتارىستلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ، جىلى مىلىتارىستلىرى بىلەن فېڭتيەن مىلىتارىستلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشى.

نامى جىلى-فېڭتيەن ئۇرۇشى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار جىلى سىستېمىسىدىكى مىلىتارىستلار ، فېڭتيەن گۇرۇھىدىكى مىلىتارىستلار
ۋاقتى 1922-يىلى، 1924-يىلى
خەنزۇچە نامى 直奉战争
باش قوماندان ۋۇ پېيفۇ، جاڭ زولىن
ئورنى جۇڭگونىڭ شىمالى
نەتىجىسى بىرىنچى قېتىم جىلى قۇشۇنى غەلبە قىلغان. ئىككىنىچى قېتىم فېڭتىيەن قۇشۇنى غەلبە قىلدى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىرىنچى قېتىملىق جىلى  فېڭتيەن ئۇرۇشى جىلى-ئەنخۇي ئۇرۇشىدىن كېيىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى جىلى، فېڭتيەن مىلىتارىستلىرى بىرلىكتە كونترول قىلدى. فېڭتيەن مىلىتارىستلىرىنىڭ كاتتىۋېشى جاڭ زولىن ئۆز كۈچىنى شەنخەيگۇەننىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى. بىراق جىلى سىستېمىسىدىكى مىلىتارىستلارنىڭ كاتتىۋېشى ساۋ كۇن بىلەن ۋۇ پېيفۇ شەنخەيگۇەننىڭ ئىچكىرىسىدىكى جايلارنى يالغۇز ئىگىلىمەكچى بولدى. ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق-مەنپەئەت كۈرىشى كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشتى. 1921-يىلى جاڭ زولىن سىياسىي دەللال لياڭ شىيىنى دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىلىقىغا كۆرسەتتى. لياڭ شىيى تاشقى جەھەتتە ياپونىيىگە، ئىچكى جەھەتتە فېڭتيەن سىستېمىسىغا تايىنىپ، بار كۈچى بىلەن جىلى سىستېمىسىنى چەكلەپ، جىلى مىلتارىستلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. 1922-يىلى 1-ئايدا ۋۇ پېيفۇ جىلى سىستېمىسىدىكى قوماندانلار بىلەن لياڭ شىيىغا قارشى تۇرۇش توغرىلىق تېلېگرامما يوللاپ ئالاقە باغلىدى، لياڭ شىيى ھۆكۈمىتى تەختتىن چۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى قېتىملىق جىلى-فېڭتيەن ئۇرۇشى قوزغالدى. 

تارىخى ئارقا  كۆرۈنۈشى 

بىرىنچى قېتىملىق جىلى  فېڭتيەن ئۇرۇشى1922-يىلى4-ئايدا جىلى سىستېمىسى باۋدىڭدا باش قوماندانلىق شتابى قۇردى، ۋۇ پېيفۇ باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىپ، فېڭتيەن سىستېمىسىغا قارشى ئۇرۇش پىلانىنى تۈزدى. جاڭ زولىن دەرھال ئەسكەرلىرىنى شەنخەيگۇەننىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئۆزىنى «بەھەيۋەت قوشۇن» نىڭ باش قوماندانى دەپ ئاتىدى. 4-ئاينىڭ 29-كۈنى جىلى سىستېمىسىغا قارشى ئومۇمىي ھۇجۇم بۇيرۇقىنى چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن جىلى-فېڭتيەن ئۇرۇشى رەسمىي پارتلىدى. جىلى-فېڭتيەن ئىككى تەرەپ خېبېيدىكى چاڭشىنديەن (ھازىر بېيجىڭغا تەۋە)، ماچاڭ، گۇئەن قاتارلىق جايلاردا قاتتىق جەڭ قىلدى، جەڭدە نۇرغۇن ئەسكەر ئۆلدى ۋە يارىلاندى. 5-ئاينىڭ بېشىدا ئىككى تەرەپ چاڭشىنديەندە ئۇچراشما جەڭ قىلدى، فېڭتيەن ئارمىيىسىنىڭ 16-دىۋىزىيىسى ئالدىنقى سەپتە ئاسىيلىق قىلىپ جىلى سىستېمىسىغا تەسلىم بولغاچقا، فېڭتيەن قوشۇنىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار بولۇشىغا سەۋەب بولدى. جاڭ زولىن قالدۇق قوشۇنىنى باشلاپ لۇەنجۇغا چېكىندى. جاڭ زولىننىڭ شەنخەيگۇەندىن كىرگەن چاغدا 120 مىڭ ئەسكىرى بار ئىدى، ئەمدىلىكتە ئاران 20 نەچچە مىڭ ئەسكىرى قالغانىدى. 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىككى تەرەپ يۈيگۇەن(بۈگۈنكى شەنخەيگۇەن) نى پاسىل قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشمى ئىمزالىدى، بىرىنچى قېتىملىق جىلى-فېڭتيەن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلاندى. 6-ئاينىڭ 19-كۈنى جاڭ زولىن قوشۇنىنى شەنخەيگۇەننىڭ سىرتىغا چېكىندۈرۈپ، ئۆزىنى «شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ ئامانلىق ساقلاش باش قوماندانى» دەپ ئاتاپ، شەرقىي شىمالنىڭ «قوۋۇقىنى تاقاپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغانلىقى» نى جاكارلاپ، بېيجىڭ ھاكىميىتىدىن بۆلۈنۈپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى جىلى مىلىتارىستلىرى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلدى. 

ئۇرۇش جەريانى

ئىككىنچى قېتىملىق جىلى  فېڭتيەن ئۇرۇشى1923-يىلى 10-ئايدا جىلى مىلىتارىستى ساۋ كۇن دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىنى پارا بېرىپ سېتىۋېلىش يولى ئارقىلىق زۇڭتۇڭ بولدى. سۇن جۇڭشەن ۋە ئەنخۇي سىستېمىسىدىكى جېجياڭ قوشۇنىنىڭ قوماندانى لۇ يۇڭشياڭ جىلى مىلىتارىستلىرىغا قارشى تۇرۇش توغرىلىق ئۆزئارا تېلېگرامما يوللاشتى، فېڭتيەن مىلىتارىستلىرىنىڭ كاتتىۋېشى جاڭ زولىن پۇرسەتنى غەنيمەت بىلىپ جىلى مىلىتارىستلىرىغا قارشى ئىتتىپاققا قاتناشتى. 1924-يىلى 9-ئايدا لۇ يۇڭشياڭ بىلەن جياڭسۇدىكى جىلى سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى، جاڭ زولىن جېجياڭغا ياردەم بېرىش نامى بىلەن جىلى سىستېمىسىغا جەڭ ئېلان قىلدى ھەمدە ئۆزى باش قوماندان بولۇپ250 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرنى باشلاپ شەنخەيگۇەندىن كىردى. جىلى سىستېمىسى «ئاسىيلارغا جازا يۈرۈشى قىلىش ئارمىيىسى» نى تەشكىللەپ، ۋۇ پېيفۇنى باش قوماندانلىققا تەيىنلەپ 250 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ئۇرۇشقا ئاتلاندۇردى. 9-ئاينىڭ 17-كۈنى رېخېدا ئىككىنچى قېتىملىق جىلى-فېڭتيەن ئۇرۇشىنىڭ پەردىسى ئېچىلدى. 

ئۇرۇش جەريانىدا جىلى سىستېمىسىدىكى قوشۇننىڭ ئىرادىسى تەۋرىنىپ قالغاچقا، ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى. 10-ئايدا جىلى سىستېمىسىدىكى 3-جۈننىڭ باش قوماندانى فېڭ يۈيشياڭ رېخې ئالدىنقى سېپىدىكى گۇبېيكۇدىن مەخپىي ھالدا بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ، پارا بېرىپ زۇڭتۇڭ بولۇۋالغان ساۋ كۇننى نەزەربەند قىلىپ، بېيجىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىدى. ۋۇ پېيفۇ خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تېزلىكتە قوشۇننى باشلاپ بېيجىڭغا ياردەمگە ئاتلاندى. فېڭ يۈيشياڭنىڭ قوشۇنى ۋە فېڭتيەن قوشۇنىنىڭ قىستاپ زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە، جىلى قوشۇنى زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ۋۇ پېيفۇ ماڭىدىغانغا يول تاپالماي، 3000 دىن ئارتۇق ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرنى ئەگەشتۈرۈپ تيەنجىندە پاراخوتقا ئولتۇرۇپ جەنۇبقا قېچىپ كەتتى. ئىككىنچى قېتىملىق جىلى-فېڭتيەن ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.

ئۇرۇشتىن كېيىن فېڭتيەن مىلىتارىستلىرىنىڭ كۈچى زورىيىپ، شەنخەيگۈەننىڭ ئىچىگە كىردى ھەمدە تەسىرىنى خېبېيدىن شەندۇڭ، جياڭسۇلارغىچە كېڭەيتتى. جاڭ زولىن بىلەن فېڭ يۈيشياڭ بىرلىكتە «شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ ئاقساقىلى» دۇەن چىرۇينى جۇڭخۇا مىنگونىڭ ۋاقىتلىق باشلىقلىقىغا كۆرسىتىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى كونترول قىلدى. شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك يېغىلىقلىرى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.

بېيجىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشى

23 كۈنى، فېڭ يۈشياڭ، خۇ جىڭيى، يۈشياڭنى قاتارلىقلار، بىرلىشىپ تىنچلىقنى مۇراجىئەت قىلىپ يۈرگۈزگەن « بېيجىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشى »دۇر. جىلى زۇڭتۇڭ ساۋ گۈنگە پارا بېرىپ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بېيجىڭنى ئىشغال قىلدى. 

ئۇرۇش نەتىجىسى 

جاڭ زولىن، فېڭ يۈيشىياڭ قاتارلىقلار ئارقىدىنلا تيەنجىن ساۋ ئائىلىسى باغچىسىدا يىغىن ئېچىپ، جۇڭخۇا مىنگودا ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش يىغىنىنىڭ ئورنىغا قۇرۇشنى قارار قىلىپ، پارلامېنتلىققا دۇەن چىرۇينى  « جۇڭخۇا مىنگونىڭ ۋاقىتلىق باشلىقى »غا تەۋسىيە قىلىپ، بىر تۇتاش زۇڭتۇڭ ۋە زۇڭلى ۋەزىرلىك ئەمىلىنى بەرگەن ، كېيىن ھاكىمىيەت فېڭتيەن گۇرۇھىدىكى مىلىتارىستلار قولىغا چۈشۈپ كەتتى. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#