كالاخارى قۇملۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كالاخارى قۇملۇقى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېگىزلىك رايونىغا جايلاشقان. جەنۇبتىن شىمالغا ئورانگى دەرياسى ۋە زامبېزى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1100 ~ 900 مېتىر ئېگىز، جەنۇبىي قىسمى پەس، 700 مېتىر ئەتراپىدا، تۆت ئەتراپىنى دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتىر ئېگىزلىكتە تاغلىق ئوراپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا قىسمى شەرقتىن غەربكە پاكار، ئويمانلىق، شىمالىي قىسمى سازلىق، كۆل ۋە ئازگاللار بار. جەنۇبىي قىسمى چۆللۈك ۋە يېرىم چۆلنى ئاساس قىلىدۇ، قۇم بارخانلىرى تارقالغان، ھەمدە ئاز مىقداردا يېگانە ئارالسىمان تاغ-ئېدىرلار بار. تروپىك بەلباغ قۇرغاق ۋە يېرىم قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃21، يىللىق ۋە سوتكىلىق پەرقى بىرقەدەر چوڭ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 150-450 مىللىمېتىر. يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى كۆپ، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. شىمالىي قىسمىدا قويۇق چاتقاللار بار. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.