- ئۆرۈك (خام دورا)
- ئۆرۈك ()
ئۆرۈك
ئۆرۈك ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، ئۆرۈككە ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى كەڭ، تۇخۇم شەكىللىك، گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ، ئاق ياكى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك، مېۋىسى ئۈچكىلىك دۈگىلەك، پىشقاندا سارغىيىدۇ، تەمى تاتلىق. مېۋىسى ۋە مېغىزى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆرۈك ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، ئۆرۈككە ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى كەڭ، تۇخۇم شەكىللىك، گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ، ئاق ياكى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك، مېۋىسى ئۈچكىلىك دۈگىلەك، پىشقاندا سارغىيىدۇ، تەمى تاتلىق. مېۋىسى ۋە مېغىزى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.
دورىغا بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى ۋە مېغىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ ئۈچكىسىنى چېقىپ مېغىزىنى ئېلىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
توسالغۇلارنى ئېچىش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، سەپرانى سۈرۈش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۆرۈكنىڭ ئوبدان پىشقان، تاتلىق مېۋىسىنى مۇۋاپىق ھالدا ئىستېمال قىلسا، تەبىئەتنى (ئىچىنى) يۇمشىتىدۇ. ئۆرۈكنىڭ قۇرۇقىنى قاينىتىپ ياكى قايناق سۇغا چىلاپ ئىچىپ بەرسە، تەبىئىتىنى يۇمشىتىپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپ، قان ۋە سەپرانى پەسەيتىدۇ. ئۆرۈكنىڭ يېڭى پىشقىنىنى ئىستېمال قىلىپ، ئۈستىدىن قايناق سۇ، ھەسەل ئىچىپ قەي قىلسا، سەپرا خاراكتېرلىك تەپ كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىپ، ئاشقازاندىكى زەھەرلىك بۇزۇق خىلىتلارنى تازىلايدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.