قەھۋە دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. قەھۋە (خام دورا)
  2. قەھۋە (ئىچىملىك)
خام دورا
قەھۋە

قەھۋە بولسا  رويان ئائىلىسىدىكى چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ ئەرەبىستان قەھۋەسى (Caffea arabica) بولۇپ،سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.



ئۇيغۇرچە نامى قەھۋە
ئىنگلىزچە Caffee
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 咖啡
چىقىش ئورنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەھۋە رويان ئائىلىسىدىكى چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ ئەرەبىستان قەھۋەسى (Caffea arabica) بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋە پوستى بىلەن ئۇرۇق پوستى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن قېپقالغان ئۇرۇقى «قەھۋە» ياكى «بون»نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندا يىغىپ ئېلىپ پوستى ئاجرىتىۋېلىپ قۇرۇتۇپ ئىشلىتىلىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ.

ئاغرىق پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشەش، ئاشقازان ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خاس تەسىرى

تىنچلاندۇرغۇچى،مەست قىلغۇچى، ئاغرىق پەسەيىتكۈچىدورىلار

ئەكىس تەسىرى

ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

قەھۋە1.قەھۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى، بولۇپمۇ چوڭ مېڭە، نېرۋىلىرىنى قوزغىتىش تەسىرىگە ئىگە. شۇڭا نېرۋا مەركىزىنى تورمۇزلىغۇچى دورا − ناركوز دورىلىرى، ئۇخلاتقۇچى دورا ۋە مورفىن قاتارلىقلارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرغۇچى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. 2. كوففېئىك كىسلاتاسى ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە. كىچىك دوزىسى ھىدروگېنسىز ئۆت كىسلاتاسىغا قارىغاندا تەسىر قىلىش ۋاقتى ئۇزۇن ھەمدە ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ھەيدىمىگەندىن كېيىنمۇ ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئازايتىدىغان ھادىسىلەرمۇ كۆرۈلىدۇ. يەنە قاناش ۋاقتىنى ۋە قان قېتىش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ.

قەھۋە تەركىبىدە ئاساسلىقى كوففېن (Caffeine) بار، يەنە تەخمىنەن %1 ~2 كىچە شۈمشا ئىشقارى، ترىگونېللىن (Trigonelline)، 9% تاننىن كىسلاتا (Tannic acid)، 10~12% كىچە ياغ، %8 كىچە قەنت خىللىرى ۋە سۇدا ھاـسىل بولـىدىغان ماددا كوففېـئىك ئاتسـىد(Caffeic acid)، كۇينىـك ئاتسىد (Quinic acid) قاتارلىقلار بار، قورۇلغان كافى يەنە پۇراقلىق ماددا كوففېئول، كوفېئون (Caffiol, Cofione)قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل قەھۋە ئالاھىدە پۇراقلىق بولىدۇ.

قەھۋە1. مۇۋاپىق مىقداردىكى قەھۋە قاينىتىپ  ئىچىپ بەرسە، پۈتۈن بەدەن ئاغرىقى ۋە باش ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ.

2. مۇۋاپىق مىقداردىكى قەھۋەنى يۇمشاق ئېزىپ ھەسەل بىلەن قوشۇپ لوئوق تەييارلاپ بېرىلسە، يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.

3. مۇۋاپىق مىقداردىكى قەھۋەنى چالا قورۇپ، يۇمشاق سوقۇپ ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

دورىلىق ئورنى

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋە پوستى بىلەن ئۇرۇق پوستى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن قېپقالغان ئۇرۇقى «قەھۋە» ياكى «بون»نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

مىقدارى 

ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا بېرىلىدۇ.

ساقلاش

 قەھۋە دەملىمىسى، قەھۋە قاينىتىلمىسى.

تۈزەتكۈچىسى

زەنجىۋىل، زەپەر

 قەھۋە دەملىمىسى، قەھۋە قاينىتىلمىسى.

پۈتۈن بەدەن ئاغرىقى، باش ئاغرىقى، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلاردىن بولغان قىزىتما، يۆتەل، جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرى، ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان ئاجىزلىقى، روھىي ھالىتى نورمال بولماسلىق، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە كۆپ ئىشلەتمەسلىك كىرەك.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=402

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#