تۇغماسلىق

تۇغماسلىق

بۇ نورمال جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپ ھەمدە ھېچقانداق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى قوللانماي، ئۈچ يىلغىچە بىرگە ئۆتۈپمۇ ھامىلىدار بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى تۇغماسلىق
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى
خەنزۇچە نامى 不孕症

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇغماسلىق-ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئوقرە» دەپ ئاتىلىدۇ. نورمال ھامىلىدار بولۇشتا ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك بولغان شەرت-شارائىتلار تۆۋەندىكىچە بولۇپ، ئەگەر بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەر ھالقىدا توسقۇنلۇق بولسا ھامىلىدار بولمايدۇ.

1. تۇخۇمدان نورمال يېتىلگەن بولۇپ، تۇخۇم چىقىرالايدىغان بولۇشى كېرەك.

2.ئەرلەرنىڭ مەنىي سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتى نورمال بولۇشى يەنى، مەنى ئېھتىياجلىق بولغان كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە تەركىبىدە نورمال سانغا، نورمال پائالىيەت ئىقتىدارىغا ۋە نورمال شەكىلگە ئىگە بولغان ئاتىلىق ئۇرۇق بولۇشى كېرەك.

3. نورمال جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق مەنىي سۇيۇقلۇقى جىنسىي يول گۈمبىزىگە قويۇلغان بولۇشى كېرەك.

4.مەنىي ئوڭۇشلۇق ھالدا بالىياتقۇ بوينىدىن ئۆتۈپ، بالىياتقۇغا كىرگەن بولۇشى ھەمدە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ كېڭەيگەن قىسمىغا بېرىپ، تۇخۇم بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى ۋە ئۇرۇقلانغان بولۇشى كېرەك.

5. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇ بوشلۇقىغا يەتكۈزۈلۈپ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە ياخشى ئورۇنلىشىپ يېتىلىشى كېرەك. ئاياللاردىكى تۇغماسلىق كېسىلى ئاياللار بۆلۈمىدە كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكتۇر. تۇغماس بولۇپ قالىدىغان ئاياللار توي قىلغان ئاياللار ئىچىدە تەخمىنەن %10 نى ئىگىلەيدۇ. تۇغماس ئەر-خوتۇنلار ئىچىدە ئايال تەرەپنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىرى 2/3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئەر تەرەپنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىرى 1/3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. تۇغماسلىق بىرلەمچى تۇغماسلىق ۋە ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك تۇغماسلىق دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئەر-ئايال بىللە نورمال تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپمۇ، ھېچقانداق تۇغۇت چەكلەش ئۇسۇلى قوللانماي، ھامىلىدار بولمىغۇچىلار بىرلەمچى خاراكتېرلىك تۇغماسلىق دەپ ئاتىلىدۇ. ئىلگىرى ھامىلىدار بولغان، كېيىن نورمال تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپمۇ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، ھېچقانداق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى قوللانمايمۇ، ئۆزلۈكىدىن ھامىلىدار بولمىغۇچىلار ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك تۇغماسلىق دەپ ئاتىلىدۇ.

تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل، مۇرەككەپ بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ئايال تەرەپتىكى ئامىللار، ئەر تەرەپتىكى ئامىللار، ئەر-ئايال تەرەپكە ئورتاق بولغان ئامىللاردىن ئىبارەت ئۈچكە بۆلىنىدۇ. تۇغماسلىقنىڭ ئايال تەرەپتىكى ئامىللىرى:

تۇخۇمداندىكى كېسەللىك سەۋەبى

1. تۇخۇمداندىكى تۇغما كېسەللىكلەر يەنى تۇخۇمدان بولماسلىق، تۇخۇمدان يېتىلىشى نورمال بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

2. خىلىتسىز ۋە خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش نەتىجىسىدە تۇخۇمدان خىزمىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

3. تۇخۇمدان ئۆسمىسى، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى، تۇخۇمدان ياللۇغى سەۋەبىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ.

تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى كېسەللىك سەۋەبى

1. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى نورمالسىزلىقلار يەنى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى تۇغما پۈتەيلىك، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى تۇغما غەيرىيلىكلەر ۋە تۇخۇم يېتىلمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 2. خىلىتسىز، خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ سۈمۈرۈش ۋە ئىتتىرىپ چىقىرىش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 3. تۇخۇم توشۇش نەيچە ياللۇغى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى چاپلىشىپ قېلىش، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى سىلى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى خالتىلىق ئىششىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بالىياتقۇدىكى كېسەللىك سەۋەبى

1. بالىياتقۇدىكى تۇغما كېسەللىكلەر يەنى بالىياتقۇنىڭ تۇغما غەيرىيلىكى، بالىياتقۇ بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. خىلىتسىز ۋە خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش نەتىجىسىدە بالىياتقۇ خىزمىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى چاپلىشىپ قېلىش، سىل خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ بوينى راكى، بالىياتقۇ بوينى مايماقلىشىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

جىنسىي يول كېسەللىكلىرى سەۋەبى

1. تۇغما خاراكتېرلىك جىنسىي يول بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

2. خىلىتسىز ۋە خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش نەتىجىسىدە جىنسىي يول خىزمىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3. جىنسىي يول توغرا كىرگىتى، جىنسىي يول ياللۇغلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

باشقا كېسەللىكلەرنىڭ جىنسىي ئەزالارغا تەسىر قىلىشى

سوزۇلما خوراتقۇچى كېسەللىكلەر، ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ھېپوفىز بېزى، قالقانبەز ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، دىئابېت كېسىلى، سېمىزلىك قاتارلىقلارنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىغا تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە تۇغماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. شۇنداقلا تۇغۇت چەكلەش دورىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش، سۈت بېزىدىكى ئۆسمە سەۋەبىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ.

نورمال جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپ، ھېچقانداق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى قوللانمايمۇ، ئۈچ يىلغىچە ھامىلىدار بولمايدۇ. باشقا كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ كېسەللىككە خاس بولغان ئالامەتلەر بىللە قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بۇنىڭدا ھېچقانداق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى قوللانمايمۇ ئۈچ يىلغىچە ھامىلىدار بولمايدۇ.

2. كېسەللىك تارىخىنى سوراش، بەدەن تەكشۈرۈش ۋە قوشۇمچە تەكشۈرۈشكە ئاساسەن، بىرلەمچى خاراكتېرلىك ياكى ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك ئىكەنلىكى ئايرىلىدۇ. 

3. كېسەللىك تارىخى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدا ھەيز بىرلەمچى تۇتۇلۇش، ھەيز قالايمىقانلىشىش بار-يوقلۇقى، تۇغۇت-بويىدىن ئاجراش، سىل كېسىلى بىلەن ئاغرىش، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار تەپسىلىي تەكشۈرۈلىدۇ. 

بەدەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا بوي ئېگىزلىكى، ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلەرنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى، قالقان بېزىنىڭ ئىششىغان-ئىششىمىغانلىقى ۋە سىل ئالامەتلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش لازىم. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە ئىچكى-تاشقى جىنسىي ئەزالارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، بالىياتقۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، جىنسىي ئەزالاردا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى قاتارلىقلار تەكشۈرۈلىدۇ. 

تۇخۇمدان ئىقتىدارى تەكشۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۇخۇم چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ بار-يوقلۇقى ئېنىقلىنىدۇ. ئاساسىي بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچىنىدۇ، بالىياتقۇ بوينىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلار، كرىستاللار ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىن ئېلىنغان تىرىك توقۇلما تەكشۈرۈلىدۇ.

تۇخۇم توشۇش نەيچىسى تەكشۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدا تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىن سۇيۇقلۇق ئۆتكۈزۈش تەجرىبىسى ياكى بالىياتقۇ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى مايلىق يود بىلەن سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ راۋان-راۋان ئەمەسلىكى، شەكىل-ھەرىكىتىنىڭ نورمال-نورمال ئەمەسلىكى تەكشۈرۈلىدۇ.

ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى بىلەن تەكشۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدا بالىياتقۇ بوشلۇق ئەينىكى بىلەن بالىياتقۇ دىۋارىنىڭ چاپلىشىپ قېلىش ئەھۋالى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە مونچاق گۆشى، بالىياتقۇ بوۋاسىرى، بالىياتقۇنىڭ غەيرىيلىكى قاتارلىقلارنى بايقىغىلى بولىدۇ. قورساق بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ئەينىكى بىلەن بالىياتقۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، تۇخۇمدان قاتارلىقلاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى ياكى چاپلىشىش، شەكلى ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرىنىڭ بار-يوقلۇقى قاتارلىقلارنى بىۋاسىتە كۆزەتكىلى ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا قىسمەن داۋالاشنى ئىشلىگىلى بولىدۇ.

1. مىزاج بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان بولسا، تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2.باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئەسلى كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تۇغماسلىقنى ئادەتتىكىچە داۋالاش ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىپ، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش، تۇرمۇشنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. جىنسىي تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى چۈشىنىپ، تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىنى مۆلچەرلەشنى ئۆگىنىپ، تۇخۇم چىقىرىشتىن ئىككى-ئۈچ كۈن بۇرۇن ياكى تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى نورمالسىزلىقلاردىن ساقلىنىشنى ئىگىلىۋېلىش ئارقىلىق ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنى تولۇق ھازىرلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بالىياتقۇ كەينىگە ئېگىلىپ قالغۇچىلار جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ساغرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. تۇغما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش ھاجەتسىز. خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان بولسا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ، مىزاج تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىلىتسىز ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلغاندا مىزاجنى تەڭشەش ئۈچۈن بىنەپشە، نېلۇپەر 10 گرامدىن، خەشخاش پوستى ئۈچ گرام، ئاق سەندەل 10 گرام، لىمون بەش گرام، ئالما سۈيىدىن 15 مىللىلىتىر ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، 750 مىللىلىتىر شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ ھەم تەمرى ھىندى، ئەينۇلا 30 گرامدىن، پونۇس، خىيار شەنبەر 15 گرامدىن ئېلىپ، قايناق سۇغا چىلاپ تەمىن−ى چىقىرى−پ، مۇۋاپىق مىقداردا ئ−ىچىشكە بېرىلىدۇ. بالىياتقۇ مىزاجىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئۆردەك يېغى ۋە توخۇ يېغى، بىنەپشە يېغى بىلەن قوشۇپ، پاختىدا پەلكۈچ ياساپ ياغقا چىلاپ جىنسىي يولغا قويۇلىدۇ. خىلىتسىز سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلغاندا، مىزاجنى تەڭشەش ئۈچۈن داۋائىمىشكى كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ ياكى مەجۈنى مەسرىدەتۇس بېرىلىدۇ. مەجۈنى مەسىرىدەتۇسنىڭ تەركىبى: ئىزخىر، ئۈستقۇددۇس، كامادىرىيۇس، مەستىكى، پىلپىل، قۇندۇز قەھرى، جاۋاشىر، ئۇدبىلسان، تاتلىق قۇستە، تاغ پىننىسى، ئوشەق، ئېگىر، سەكبىنەچ ھەر بىرى 24 گرامدىن، سەلىخە، ئاقمۇچ، قارىمۇچ، سۆرۈنجان مىسرى، جۆئىدە، ئۈستقۇدىرىيۇن، ئىكلىلمىلىك ھەر بىرى 12 گرامدىن، پەتەر ئاسالىيۇن، قەردىمانە، ئەفتىمۇن ھەر بىرى 15 گرامدىن، بەدىيان 15 گرام، رۇم بەدىيان، ئاسارۇن توققۇز گرامدىن، ئاقاقىيا 12 گرام، سەقەنقۇر ئۈچ گرام، غارىقۇن 14 گرام، سوزاپ ئالتە گرام، نارجىل، سەمغى ئەرەبى 15 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە، قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم، تاماقتىن كېيىن ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. زەپەر، سۇمبۇل ھەر بىرى ئىككى گرامدىن، ئىكلىلمىلىك ئۈچ گرام، سازەج ھىندى 10 گرام، قەردىمانە يەتتە گرام، ئۆردەك يېغى، بادام يېغىدىن 15 مىللىلىتىر ئېلىپ، شامچە تەييارلاپ جىنسىي يولغا سېلىنىدۇ. ھەيزدىن كېيىن قىزىل زەرنىخ، مورمەككى، جۆز، مىئەسائىلە، بەدىيان، ھەببۇلغار قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ كۆيدۈرۈپ چىققان ئىس بىلەن جىنسىي يول ئىسلىنىدۇ. تاماق جەھەتتىن ئۇچار قۇشلار ۋە باشقا گۆشلەرگە خۇشبۇي، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى قوشۇپ، قورۇما، شورپا ۋە كاۋاپ قىلىپ بېرىلىدۇ. ئىللىتىلغان (يېرىم پۇشۇرۇلغان) تۇخۇم سېرىقىغا قوۋزاقدارچىن ياكى ئەنجۈر ئۈزۈمىنى يۇمشاقراق ئېزىپ، بېسىپ يېيىشكە بېرىلىدۇ. خىلىتسىز قۇرۇقلۇقتىن كېلىپ چىققان مىزاج بۇزۇلۇشتا، مىزاجنى تەڭشەش ئۈچۈن دائىم سۈت، بىنەپشە شەربىتى، نېلۇپەر شەربىتى قاتارلىقلار ئىچىشكە بېرىلىدۇ. نېلۇپەر، بىنەپشىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ، توخۇ، ئۆردەك ياغلىرى بىلەن قوشۇپ زىمات تەييارلاپ، دوۋسۇن، جىنسىي ئەزا ۋە ساغرىغىچە سۈركەپ مايلاپ بېرىلىدۇ. بۇغا مېڭىسى، قىزىلگۈل يېغى، ئانا سۈتى، كالا سۈتى، بېھى ئۇرۇقىنىڭ لوئابى قاتارلىقلارنىڭ ئارىلاشمىسى جىنسىي يولغا ھەمەلچە قىلىنىدۇ. تامىقىغا ياغلىق شورپا، ھالۋا، شوۋىگۈرۈچ، كۆكتات شورپىسى قاتارلىقلارنى بېرىپ بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزىلىدۇ. خىلىتسىز ھۆللۈكتىن كېلىپ چىققان مىزاج بۇزۇلۇشتا مىزاجنى تەڭشەش ئۈچۈن، سېرىقچېچەكنى سىركە بىلەن سۇدا قاينىتىپ ئىچكۈزۈپ، قەي قىلدۇرۇلىدۇ. شەھمەنزەل، ئەنزىرۇت، سېرىقچېچەك، سۇماق، ئۇد ھىندى، زەپەر، مورمەككى قاتارلىقلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، جىنسىي يولغا ھەمەل قىلىنىدۇ. قىزىلگۈل، يالپۇز، سۇمبۇل، ئامىلە جەۋھىرى، قېلىن دارچىن قاتارلىق خۇشبۇي دورىلارنى قائىدە بويىچە قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيى بىلەن كىلىزما قىلىنىدۇ. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان بولسا غەيرىيي تەبىئىي خىلىتلارغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. قان خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا تۆۋەندىكى نوقۇئى تەمرى ھىندى بېرىلىدۇ. نوقۇتى تەمرى ھىندىنىڭ تەركىبى: تەمرى ھىندى، تەرەنجىبىندىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، چىلاشقۇدەك قايناق سۇغا تۆت سائەت چىلاپ قويۇپ، تەمى چىققاندا سىقىپ، سۈزۈپ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. غەيرىيي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل غەيرىيي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ، مۇسھىل دورىلىرىنى بېرىپ، غەيرىيي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ ياكى قەي قىلدۇرۇلىدۇ ھەمدە ھەببى ئايارەج كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 دانىدىن 5 ~ 3 كۈن ، ئايارەج پەيقىرا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 دانىدىن، 5 ~ 3 كۈن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. غەيرىيي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل غەيرىيي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ، مۇسھىل دورىلىرىنى بېرىپ، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ ياكى مەتبۇخى ئەفتىمۇن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 50 مىللىلىتىر 9 ~ 7 كۈن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. مەتبۇخى ئەفىتىمۇننىڭ تەركىبى: ئەفتىمۇن، ھېلىلە كابىلە، ئۈستقۇددۇس ھەر بىرى 33 گرامدىن، شاھتەررە، بىستىپايەچ، سانا ھەر بىرى 33 گرامدىن، غارىقۇن ئۈچ گرام، سەبرى ئالتە گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەرقېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. غەيرىيي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل غەيرىيي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ، مۇسھىل دورىلىرىنى بېرىپ، غەيرىيي تەبىئىي سەپرا بەدەندىن تازىلىنىدۇ ياكى مەتبۇخى ھېلىلە، مەتبۇخى تەمرى ھىندى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 50 مىللىلىتىردىن 7 ~ 5 كۈن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. سېرىق ھېلىلە، خىيار شەنبەر 33 گرامدىن، ئىتئۈزۈمى 12 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى 20 گرام، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، ئەينۇلا 15 گرامدىن، تەمرى ھىندى 150 گرام، تەرەنجىبىن 33 گرام، نېلۇپەر، بىنەپشىدىن 12 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يېنىك دەرىجىدە چاپلاشقان بولسا، سۇيۇقلۇق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كېڭەيتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر سۇيۇقلۇق ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن داۋالانسا، بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 6 ~ 3 ئايغىچە ھامىلىدار بولماسلىق ياكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. تۇخۇم توشۇش نەيچىسى چاپلىشىپ قالغان بولسا تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى قايتا ياساش ئوپېراتسىيىسى ئىشلەش كېرەك. بالىياتقۇ ئېغىزى مايماقلىشىپ قېلىشتىن تۇغماسلىق كېلىپ چىققان بولسا، سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ شۇنىڭغا قارىتا چارە قىلىش بىلەن بىرگە قوشۇمچە تۆۋەندىكى چارىلەر قوللىنىلىدۇ. ئەنجۈر، بابۇنە، شۇمشا، زاراڭزا، زىغىرلاردىن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، ئازراق گۈل يېغى قوشۇپ، ئىلمان ھالەتتە، ھۇقنە ئەسۋابى بىلەن جىنسىي يولغا كىرگۈزۈپ، بالىياتقۇ يۇيۇپ بېرىلىدۇ. بابۇنە يېغى، ئۆردەك يېغى، توخۇ يېغىدا ياغلىنىدۇ ھەمدە چىلان يوپۇرمىقىنى پىشۇرۇپ، كۈنجۈت يېغى، ئۆردەك يېغى بىلەن يۇغۇرۇپ بالىياتقۇ ئېغىزىغا قويۇلىدۇ.ئەگەر بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمدان تەرەققىياتى ياكى خىزمىتى ياخشى بولمىسا لوبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن؛ داۋائى خىيار شەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن؛ مەجۈنى ھافىيىز جەنيىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن؛ مائۇلئۇسۇل شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. قۇشقاچ گۆشى، قارلىغاچ گۆشى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بېرىلىدۇ. زىيادە سېمىزلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئورۇقلىتىش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمگەك قىلدۇرۇش، ھىجامەت قويۇش ۋە مىزاجقا قاراپ سۈرگە بېرىش لازىم. قۇۋۋەتلىك غىزالار ئاز بېرىلىدۇ، دورىلاردىن ئىترىفىل سەغىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن؛ جاۋارىش كۇمۇنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن؛ داۋائى لوك كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. زىيادە ئورۇقلۇق تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا لوبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن؛ لوبوبى سەغىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. تەرەنجىبىن بىلەن ھالۋا تەييارلاپ بېرىلىدۇ ياكى ھالۋائى بەيزە، ماددەتۇلھايات تەييارلاپ بېرىلىدۇ، مېغىزلىق يېمەكلىكلەر ۋە پۇرچاق خىلىدىكى يېمەكلىكلەر جۈملىدىن بادام مېغىزى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، خاسىڭ مېغىزى، ياڭاق مېغىزى قاتارلىقلار ھەمدە ئارپا سۈيى، ئانار سۇلىرىنى ئايرىم ياكى بىرلىكتە ئىستېمال قىلدۇرىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1313

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1313

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#