قارامايلى تېغى

قارامايلى تېغى

 قارامايلى تېغى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون بۇلۇپ، شىنجاڭدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمدىكى كەڭ كەتكەن چۆل–جەزىرىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى قارامايلى تېغى
تەۋە رايون شىنجاڭ ئالتاي
ئومۇمىي كۆلىمى 18000 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 卡拉麦里山
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمى
ئۇزۇنلۇقى 147.5 كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارامايلى تېغى قارامايلى تېغى تۇياقلىق ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى باشقۇرۇش پونكىتىدا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا چۆل ئۆسۈملۈكلىرى ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ جايدا دۆلەت تەرىپىدىن 1–دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 13 خىلى، 2-دەرىجىلىك ھايۋاندىن 36 خىلى بار بۇلۇپ، موڭغۇلىيە ياۋا ئېشىكى ۋە جەرەن دۆلەت تەرىپىدىن 1–دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار.

شىنجاڭدىكى قارامايلى تېغىنى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ جەننىتى دېيىشكە بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى، تاشيول قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار كۆپەيگەن بولسىمۇ، سۇ ۋە ئوت – چۆپ بىلەن مۇقىم تەمىنلىنىپ تۇرغاچقا، بۇ جايدا ياشاۋاتقان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيۋاتىدۇ.

قارامايلى تېغى قارامايلى تېغى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى كەڭ كەتكەن چۆل – جەزىرىگە جايلاشقان بولغاچقا، كىلىماتى ناچار بولۇپ، قۇرغاقچىلىق، قۇرغاق ئىسسىق شامال، جۇدۇن، سوغۇق، قېلىن قار قاتارلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى ياۋايى ھايۋانلار، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرگە ھەر ۋاقىت تەھدىت سېلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ جايدا سۇ مەنبەسى ئورنى، ئوت – چۆپ، يەم – خەشەك بېرىش ئورنى ۋە زاپاس ساقلاش ئىسكىلاتى، جىددىي قۇتقۇزۇش نۇقتىسى، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كۆزىتىش پونكىتى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، قۇرغاق پەسىلدە ۋاقتىدا سۇ بىلەن تەمىنلىدى، زۆرۈر تېپىلغاندا سۈنئىي ئۇسۇلدا سۇ تولۇقلىدى، قىشتا ئوزۇقلىنىشى قىيىن ھايۋانلارغا ئوت – چۆپ، يەم – خەشەك سېلىپ بەردى، يارىلانغان، مېيىپ بولۇپ قالغان، كېسەل ياۋايى ھايۋانلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزغان.

ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى باشقۇرۇش كومېتىتى قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون تەۋەسىدىكى 2 مىليون 530 مىڭ مو ئورمان يېرىنى دۆلەت جامائەت پاراۋانلىقى ئورمىنى قىلىپ، قالغان قىسمىنى ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك جامائەت پاراۋانلىق ئورمىنى قىلىپ ئايرىپ، ياردەم مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئورمانلارنى قوغداشنى كۈچەيتىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ، تۇپراق شارائىتى نىسبەتەن ياخشى رايونلاردا ئورمان بەرپا قىلىپ، چاتقال بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، بۇ جايدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى تېخىمۇ ياخشى ياشاش شارائىتىغا ئىگە قىلغان.

قارامايلى تېغىقارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون بۇلۇپ، ئالتاي باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى تاۋ يۇڭشەن مۇنداق دېگەن: ‹‹كۆپ يىلدىن بۇيان ئاكتىپلىق بىلەن قوغداش، سۇ ۋە ئوت – چۆپنى ۋاقتىدا تولۇقلاش ئارقىلىق، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپىيىۋاتىدۇ. ھازىر، بۇ جايدىكى جۇڭغار قۇلىنى 6000 دىن، ئاق بوغۇز بۆكەن 5000 دىن ئاشقان بولۇپ، ئارقاردىن 200 ى، پىرىژېۋالسكى ياۋا ئېتىدىن 96 سى بار.

تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، جۇڭغار قۇلىنىدىن ئاران 400 نەچچىسى بار ئىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭغار قۇلىنى تېز كۆپەيدى؛ 2010–يىلى ياغقان قېلىن قارنىڭ تەسىرىدە ئاق بوغۇز بۆكەننىڭ سانى ئەينى چاغدىكى 20 نەچچە مىڭدىن نەچچە مىڭغا چۈشۈپ قالغانىدى، ھازىر ئۇمۇ تېز ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ؛ نەچچە ئون پىرىژېۋالسكى ياۋا ئېتى قەرەلسىز تايلاۋاتىدۇ، باشقا ياۋايى ھايۋانلارمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆپىيىۋاتىدۇ.




ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#