لاۋزى

لاۋزى جۇڭگونىڭ شىمالىدا تۇغۇلغان. ئوردا سالنامىچىسى بولغان ۋە دۆلەتنىڭ ئارخىپلىرىنى باشقۇرغان، جۇ سۇلالىسى نىڭ پايتەختى لوياڭدا بىر قانچە يىل تۇرغان. لاۋزى ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەمەس. بۇ «پېشقەدەم ئالىم» دېگەن مەنا بېرىدىغان سۆز. لاۋزى نىكاھلانغان ۋە بىر پەرزەنت كۆرگەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى لاۋزى
باشقا نامى 李伯阳،老聃
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 471-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 老子
تۇغۇلغان ۋاقتى تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 571-يىلى
كەسپى پەيلاسوپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لاۋزىمىلادىدىن تۆت ئەسىر ئىلگىرىكى مەزگىلدە ياشىغان. كۇڭزى بىلەن دەۋرداش 

لاۋزى جۇڭگونىڭ شىمالىدا تۇغۇلغان. ئوردا سالنامىچىسى بولغان ۋە دۆلەتنىڭ ئارخىپلىرىنى باشقۇرغان، جۇ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى لوياڭدا بىر قانچە يىل تۇرغان. لاۋزى ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەمەس. بۇ «پېشقەدەم ئالىم» دېگەن مەنا بېرىدىغان سۆز. لاۋزى نىكاھلانغان ۋە بىر پەرزەنت كۆرگەن. 

لاۋزىلاۋزى «تەرىقەتنامە» نىڭ ئاپتورى دەپ قارىلىدۇ. «تەرىقەتنامە» ، يەنى «لاۋزى» جۇڭگونىڭ چەت ئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەڭ بۈيۈك كىتابى بولۇپ، «تەرىقەت» ياكى «تەبىئەت يولى» ، «تەبىئەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى» لار بايان قىلىنغان ئىنتايىن قىزىقارلىق كىتاب ھېسابلىنىدۇ. 

تەرىقەتچىلىك كىشىلەرنىڭ «تەرىقەت» كە قارشى تۇرماسلىقى، «تەرىقەت» كە بويسۇنۇشى، «تەرىقەت» بويىچە ئىش كۆرىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھوقۇق-مەنپەئەت تالىشىش بىمەنىلىك، شۇنداقلا ئەخلاقسىزلىقتۇر، «تەرىقەت» يېڭىلمەستۇر، ئىنسان تەبىئەتكە بويسۇنۇشى لازىم دەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل تەلىماتقا ئېتىقاد قىلغۇچىلار: سۇ ئىنتايىن يۇمشاق بولۇپ، ئاسانلا تۆۋەنگە قاراپ ئاقىدۇ، ئەڭ ئاجىز كۈچكە بولۇققاندىمۇ ئەزەلدىن قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بىراق، سۇ يوقالمايدۇ. ئەمما ئىنتايىن مەزمۇت دەپ قارىلىدىغان تاغ جىنىسلىرى بولسا يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يوقىلىدۇ، دەپ ھېسابلىنىدۇ. 

لاۋزى كىشىلەرنى ئاددى-ساددا، بىغەم ياشاشقا، زوراۋانلىق قىلىشتىن ۋە خىيانەتچىلىك ۋە ھوقۇقپەرەسلىكتىن ساقلىنىشقا ئۈندەيدۇ. ئادەملەر بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتمەسلىكى، ئەكسىچە ئۇنىڭغا ھۈرمەت قىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا بىخارامان خىزمەت ئۇسۇلىلا ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ دانا سىياسەتتۇر. قانۇن كىتابلىرىدا ناھايىتى نۇرغۇن قانۇنلار سۆزلىگەن؛ بەلگىلەنگەن قانۇنلار بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ياكى شەپقەتسىز چارىلەر بىلەن كونا قانۇنلارنى يۈرگۈزمەكچى بولغاندا ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى بولغاندا ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى باج ۋە نەپسانىيەتچىلىك پىلانلارنى يولغا قويۇشى ھەمدە ئۇرۇش قوزغىشى ئەخلاق پەلسەپىسىنىڭ روھىغا خىلاپ دەپ قارايدۇ. 

تەرىقەتچىلىك بىر خىل دىنىي پەلسەپە تەلىماتىنىڭ باشلىنىشى بولسىمۇ، ئەمما دىنىي پائالىيەتلەر تەرىقەتچىلىكتىن ئايرىلغان ھالدا تەرەققىي قىلغان؛ بۇ خىل دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا تايانغىنى سانسىزلىغان خۇراپىي پائالىيەتلەر ۋە لاۋزى تەلىماتىدىن چەتنىگەن خىزمەتلەردۇر. 

لاۋزىنىڭ «تەرىقەتنامە» گەرچە بىر كىچىك كىتاب بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جۇڭگودىكى تەسىرى كۇڭزىنىڭكىگە قارىغاندا زور.

غەرپتە «تەرىقەتنامە» نىڭ ھەر خىل ئىنگىلىزچە تەرجىمە نۇسخىلىرىلا ئاز دېگەندە 40 قا يېتىدۇ، خرىستىئان دىنىدىكى «ئىنجىل» دىن باشقا ھېچ قانداق كىتاب بۇنداق ئەھمىيەتكە سازاۋەر بولالمىغانىدى.

جۇڭگودا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغىنى كۇڭزىنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى. لېكىن لاۋزى ئىلگىرى كۇڭزىنىڭ ھۈرمەتلىشىگە مۇيەسسەر بولغان، تەرىقەتچىلىكنىڭ نۇرغۇن پرىنسىپلىرىمۇ كۇڭزى تەلىماتلىرىغا سىڭىپ كىرگەن. گەرچە تەرىقەتچىلىكنىڭ سانسىزلىغان مۇرىتلىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، لېكىن مۇنۇ بىر نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ: كۇڭزىدىن باشقا لاۋزىغا سىلىشتۇرغىلى بولدىغان ھېچقانداق بىر پەيلاسوپ بولۇپ باققان ئەمەس. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#