كىمئارتۇق سودىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كىمئارتۇق سودىسى تالىشىپ سېتىۋېلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ، ساتقۇچىنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتلار ئارقىلىق، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە ئورۇندا مۇئەييەن قائىدە بويىچە، ئاشكارا بەسلىشىپ سېتىۋېلىش چارىسىنى قوللىنىپ، تاۋارنى ئەڭ يۇقىرى باھا قويغان سېتىۋالغۇچىغا سېتىپ بېرىشتىن ئىبارەت سودا ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ نەق مەيداندا بىر قېتىمدىلا پۈتۈشۈپ بېكىتىلىدىغان بۇيۇم سودىسىدىن ئىبارەت.
كىمئارتۇق سودىسى ئىختىيارىي ۋە مەجبۇرىي دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.
كىمئارتۇق سودىسىدىكى تاۋارلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۆلچىمى مۇرەككەپ، سۈپىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قىيىن، شۇنداقلا تارقاقراق بولىدۇ. مەسىلەن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، كونا ماللار، قەدىمكى بۇيۇملار، سەنئەت بۇيۇملىرى، تېخنىكا نەتىجىلىرى قاتارلىقلار.
كىمئارتۇق سودىسىنىڭ قائىدىسى بويىچە، كىمئارتۇق سودىسىغا قاتناشتۇرۇلىدىغان بۇيۇملار ئالدىن كىمئارتۇق سودىسى ئورنىنىڭ ئىسكىلاتىغا كىرگۈزۈلۈپ، تاللىنىشى، تۈر ۋە تۈركۈمگە ئايرىلىشى، كىمئارتۇق سودىسى ئورنى بۇيۇملارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن سېتىش مۇندەرىجىسىنى تۈزۈشى، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتىن ئىلگىرى سېتىلىدىغان بۇيۇملارنى ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىشى كېرەك.
ئاشۇرۇپ باھا چاقىرىش
ئاشۇرۇپ باھا چاقىرىشتا، كىمئارتۇق قىلىپ ساتقۇچى، ئالدى بىلەن، ئەڭ تۆۋەن باھانى ئېلان قىلىدۇ، ئاندىن سېتىۋالغۇچىلار تالىشىپ باھا قوشىدۇ، باھا ئۆرلەپ مەلۇم دەرىجىگە يېتىپ، باھا قوشىدىغانلار چىقمىغاندا ساتقۇچى ياغاچ بولقا بىلەن ئۈستەلنى ئۇرۇپ پۈتۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ-دە، بۇيۇمنى ئەڭ يۇقىرى باھا قويغان سېتىۋالغۇچىغا سېتىپ بېرىدۇ؛
كېمەيتىپ باھا چاقىرىش
كېمەيتىپ باھا چاقىرىشتا، ساتقۇچى ئەڭ يۇقىرى باھانى قويىدۇ، ئەگەر ئالىدىغانلار بولمىسا، بارا-بارا باھانى تۆۋەنلىتىدۇ، تۆۋەنلىتىش مۇۋاپىق باھادا سېتىۋالغۇچى چىققانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ، ئاخىرىدا، ساتقۇچى بولقىنى ئۇرۇپ پۈتۈشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سېتىۋالغۇچى چوقۇم بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە كىمئارتۇق سودىسى ئورنىغا پۇل تاپشۇرۇپ، ئاندىن مالنى ئېلىپ كېتىشى كېرەك.
كىمئارتۇق سودىسى ئورنى بۇيۇمنى ساتقۇچىدىن مۇۋاپىق شېرىنكانە ئالىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.