سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى

سوزۇلما كاناي ياللۇغى

ئۆتكۈر كاناي ياللۇغىنىڭ ۋاقتىدا ياخشى داۋالاشقا ئېرىشەلمەسلىكى ياكى باشقا ئامىللارنىڭ كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىلىرىنى تەكرار غىدىقلىشى سەۋەبىدىن كاناي-كانايچە شىللىق پەردىلىرى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا يۆتىلىش، بەلغەم تۆكۈرۈش، ھاسىراش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى
خەنزۇچە نامى 慢性气管炎
كېسەللىك ئورنى كانايچە
ئاساسلىق ئالامىتى ھاسىراش،بەلغەم تۆكۈرۈش
تەۋە بۆلۈم نەپس يوللىرى بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆتكۈر كاناي ياللۇغىنىڭ ۋاقتىدا ياخشى داۋالاشقا ئېرىشەلمەسلىكى ياكى باشقا ئامىللارنىڭ كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىلىرىنى تەكرار غىدىقلىشى سەۋەبىدىن كاناي-كانايچە شىللىق پەردىلىرى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا يۆتىلىش، بەلغەم تۆكۈرۈش، ھاسىراش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ياشانغانلاردا بولۇپمۇ ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.

سوزۇلما كاناي ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە» ۋەرەمى قەسەبەتۇر رىبە مۇزمەن« دەپ ئاتىلىدۇ.

1. ئۆتكۈر كاناي ياللۇغىنىڭ ۋاقتىدا داۋالاشقا ئېرىشەلمەسلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بەلغەم خىلىتى كۆپىيىپ كەتكەندە ئۆزىنىڭ ھۆل سوغۇقلۇق كەيپىياتى بىلەن ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇسلاشتۇرۇپ، كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىلىرىنىڭ روھىي ھايۋانى بىلەن ئوزۇقلىنىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئورۇننىڭ تەبىئىي قوغدىنىش كۈچى ئاجىزلاپ، سىرتقى مۇھىتتىن كىرگەن جاراسىملارنىڭ يۇقىرىقى نەپەس يولى ئارقىلىق كانايغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ، ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شەرت ھازىرلىنىپ، كاناي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى كاناي-كانايچە شىللىق پەردىلەرگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، قان تومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلارنىڭ توقۇلما ئارىلىقىغا چىقىشى ۋە توقۇلما ئارىلىقىدىكى چىقىرىندى ماددىلارنىڭ قان تومۇر ئىچىگە چىقىشىنى مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئچۇرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چىقىرىندى ماددىلار تۇرۇپ قېلىپ، يەرلىك ئورۇن تەكرار غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ، نەتىجىدە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل بەلغەم خىلىتى كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا قان تومۇر ۋە توقۇلمىلار ئارىلىقلىرىدا چۆكمىگە چۈشۈپ، ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، قان تومۇر ئىچىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ توقۇلما ئارىلىقىغا چىقىشى ۋە توقۇلما ئارىلىقىدىكى چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىش بىلەن سىرتقى مۇھىتتىن كىرگەن جاراسىملارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شەرت ھازىرلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا، قۇرۇق سوغۇقلۇق كەيپىياتى بىلەن قان تومۇرنى تارايتىپ، چۆكمىگە چۈشۈش خۇسۇسىيىتى بىلەن قان تومۇرلاردا چۆكمىگە چۈشۈپ، ماددا ئالمىشىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن توقۇلما ئارىلىقىدىكى چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ، توقۇلما ئارىلىقىدا تۇرۇپ قېلىپ، توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. ئېرسىيەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

7. باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

مۇھىتتىن بۇلغىنىش، تاماكا چېكىش، سوغۇق مۇھىتتا تۇرۇش، چاڭ-توزانلىق مۇھىتتا تۇرۇش، ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بىلەن كاناي ۋە كانايچىلار تەكرار غىدىقلىنىپ يەرلىك ئورۇننىڭ تەبىئەت كۈچى ئاجىزلاپ، جاراسىملارنىڭ كىرىشى ۋە ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شەرت-شارائىت ھازىرلىنىپ، كاناي ۋە كانايچە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا سەۋەب بولىدۇ.

قوزغاتقۇچى ئامىللار:

دەسلەپتە چوڭ ۋە ئوتتۇرا كانايچە شىللىق پەردە ئۈستۈنكى تېرىلىرى زەخىملىنىپ تۆكۈلۈش بىلەن كانايچە دىۋارىنىڭ سوزۇلما ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شىلىمشىق بەز ھۈجەيرىلىرى ئۆسۈپ قىلىنلىغانلىقتىن شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىمار شىلىمشىق بەلغەم تۆكۈرىدۇ.

ئەگەر كېسەلدە ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلسە، شىللىق پەردىلەردە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قان تولۇش ۋە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ.

ئەگەر كېسەللىك ئۇزۇنغىچە داۋاملاشسا، كانايچە دىۋارى قېلىنلاپ كانايچە دىۋارى كۆمۈرچەكلىرى بۇزۇلۇپ ياللۇغلىنىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىپ ئىنچىكە كانايچە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنچىكە كانايچىلارنىڭ دىۋارى نېپىز بولغانلىقتىن ئاسانلا كېڭىيىپ، ئىنچىكە كانايچە ئەتراپ ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنچىكە كانايچىلارنىڭ قېلىنلىشى، ياللۇغلىنىشى ۋە ياللۇغلۇق سىرغىتما ماددىلارنىڭ سىزىپ چىقىپ كانايچىلارنى توسۇشى سەۋەبىدىن توسۇلۇش خاراكتېرلىك ھاۋا ئۆتۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ھالەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى بىلەن ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى ۋە ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، بىر يىلدىن بىر نەچچە يىل، ھەتتا ئون نەچچە يىلغىچە داۋاملىشىدۇ. ئادەتتە قىشتا كۆپرەك قوزغىلىپ، يازدا يەڭگىللىشىدۇ. ئاساسەن تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

1. يۆتىلىش دەسلەپتە يۆتىلىش قىش پەسلىدە كۆرۈلىدۇ. كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ يىل بويى يۆتىلىش كۆرۈلىدۇ. يۆتەل ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ۋە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا كۈچىيىدۇ. دەسلەپتە قۇرۇق يۆتەل بىلەن باشلىنىپ كېسەللىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بەلغەمنىڭ يۆتەلگە ئۆزگىرىدۇ.

2. بەلغەم تۆكۈرۈش: دەسلەپتە ئاق كۆپۈكلۈك بەلغەم تۈكۈرۈش بولىدۇ. بەلغەم شىلىمشىق بولۇپ ئاسانلىقچە چىقمايدۇ. يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلسە، شىلىمشىق يىرىڭلىق ياكى يىرىڭلىق بەلغەم تۆكۈرىدۇ. بەلغەمنىڭ مىقدارى كۆپ بولىدۇ. بەزىلەردە بەلغەمگە ئاز مىقداردا قان ئارىلاشقان بولىدۇ.

3. ھاسىراش: بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە بولماستىن، زىيادە سەزگۈرلۈك تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان سوزۇلما كاناي ياللۇغىدا ھاسىراش تىپىك بولىدۇ. سوغۇق ھۋا، چاڭ-توزان ۋە غەيرىي پۇراقلارغا يولۇققاندا ھاسىراش بىرقەدەر كۈچىيىدۇ.

4. دەسلەپكى مەزگىلدە ئۆپكىدىن غەيرىي تاۋۇشلار ئاڭلىنىدۇ. كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۆپكە تېگىدىن قۇرۇق ياكى ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىدۇ. ھاسىراش تىپلىق كاناي ياللۇغىدا كەڭ دائىرىلىك زىققە تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ.

1. كېسەللىك تارىخى ۋە تىپلىق كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۆتىلىپ بەلغەم تۈكۈرگىلى ئىككى يىل بولۇپ، ھەر يىلى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق قوزغىلىش تارىخى بولسا ھەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق باشقا ئۆپكە، يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى چىقىرىپ تاشلانغان بولسا، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) بەلغەمنى تەكشۈرۈش: سوزۇلما كاناي ياللۇغى ئۆتكۈر قوزغالغاندا بەلغەم مىقدارى كۆپىيىپ شىلىمشىق يىرىڭلىق ياكى يىرىڭلىق بەلغەم تۆكۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بەلغەمدىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرگەندە نېيترال دانچىلىق ھۈجەيرە ۋە بۇزۇلغان تۈۋرۈكسىمان ھۈجەيرىلەر كۆرۈلىدۇ. ھاسىراش تىپىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ بەلغىمىدە كىسلاتا خۇمار ھۈجەيرىلەر كۆرۈلىدۇ.

2) قان تەكشۈرۈش: ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە نېيترال دانچىلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ سانى كۆپىيىدۇ، ھاسىراش تىپلىق سوزۇلما كاناي ياللۇغىدا قاندىكى كىسلاتا خۇمار دانچىلىق ھۈجەيرە كۆپىيىدۇ.

1. كانايچە زىققىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

كانايچە زىققىسىنىڭ ئۆسمۈرلەردە ياكى ياشلاردا كۆپرەك كۆرۈلۈشى، تۇتقاقلىق بولۇپ، ھاسىراش ئېغىر بولۇش، يۆتەل يەڭگىل، بەلغەم مىقدارى ئاز بولۇش، قوزغالغان ۋاقتىدا ھەر ئىككى ئۆپكىدىن زىققە تاۋۇشى ئاڭلىنىش، جەمەت تارىخىدا زىققە كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش، سپازما بوشىتىدىغان دورىلارنىڭ ئۈنۈم بولۇش قاتارلىقلارغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىدا ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك ھاسىراش بولۇش، كۆكرەك شەكلى غەيرىي شەكىلگە كىرىپ قېلىش، رەسىمگە ئېلىپ تەكشۈرگەندە شۇ تەرەپ ئۆپكىدە ناھايىتى شالاڭ سۇس سايا كۆرۈلۈش، قوۋۇرغا ئارىلىقلىرى كېڭىيىش، ئۆپكە ساھەسىدىن زىيادە ئوچۇق تاۋۇش ئاڭلىنىش قاتارلىقلارغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

3. ئۆپكە سىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۆپكە سىلىدىكى ئورۇقلاش، چۈشتىن كېيىن قىزىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كچىسى ئوغرى تەرلەش، قان تۈكۈرۈش، قاننى تەكشۈرگەندە قاننىڭ چۆكۈش تېزلىكى يۇقىرىلاش قاتارلىقلارغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

4. كانايچە كېڭىيىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

كانايچە كېڭىيىشنىڭ بالىلىق ياكى ياشلىق دەۋرىدە كۆپرەك كۆرۈلۈش، رېنتگېندە تەكشۈرگەندە ئۆپكە سىزىقچىلىرى قوپاللىشىش، توملىشىش، ئېغىرلىرىدا ھەرە ئۇۋىسىدەك سايىلەر كۆرۈلۈش قاتارلىقلارغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

5. ئۆپكە راكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۆپكە راكىدا رېنتگېندە تەكشۈرگەندە تۈگۈنسىمان سايە كۆرۈلۈش، بەلغەمنى تەكشۈرگەندە راك ھۈجەيرىلىرى تېپىلىش قاتارلىقلارغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئەگەشمە كېسەللىكلىرى:

1. ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سوزۇلما كاناي ياللۇغىدا ئۇزۇن مۇددەت يۆتىلىش سەۋەبىدىن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، قالدۇق ھاۋا مىقدارى كۆپىيىش نەتىجىسىدە ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت يۆتىلىش سەۋەبىدىن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ ئلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، ئۆپكىدىكى قالدۇق ھاۋا مىقدارى كۆپىيىش نەتىجىسىدە ئۆپكە قان ئايلىنىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. كانايچە كېڭىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت كۈچلۈك يۆتىلىش تۈپەيلىدىن كانايچىلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، كانايچىلارنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. ياللۇغ قايتۇرۇش، نەپەس يوللىرىنى تازىلاش، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، نەپەس راۋانلاشتۇرۇغچى دورىلاردىن زۇپا، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈمى، تاغ پىيىزى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60مىللىلىتىردىن، 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلاردىن زۇپا، سەرپىسان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈمى، تاغ پىيىزى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60مىللىلىتىردىن، 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچقا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60مىللىلىتىردىن، 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، شورلۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

گەجسىمان بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرۇپ،نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلاردىن زۇپا، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، سەرپىستان، تاغ پىيىزى، ئىتئۈزۈمى، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60مىللىلىتىردىن، 12~9 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچقا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى  قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60مىللىلىتىردىن، 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرۇپ، نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلاردىن زۇپا، تاغ پىيىزى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈمى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60مىللىلىتىردىن، 15~10كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچىغا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60مىللىلىتىردىن، 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، نەپەس يوللىرىنى تازىلاش، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

قۇرۇق زۇپا، ئەنجۈر، شۇمشا، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قاتارلىقلاردىن بەش گرامدىن ئېلىپ، 400مىلىلىتىر سۇغا بىر قانچە سائەت چىلاپ قاينىتىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

قۇرۇق زۇپا، پىننە، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، قىچا، قەردىمانە، پىلپىل، چاققاقئوت ئۇرۇقى، رۇم بەدىيان 20گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

قارىمۇچ، قەردىما، ئاچچىق بادام مېغىزى ئالتە گرامدىن، ھىڭ سۈتى ئۈچ گرام، رۇببۇسۇس 1.5 گرام ئېلىپ، دورىلارنى ھىڭ سۈتىدە ئېرىتىپ، ھەسەل سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ، قائىدە بويىچە قارىمۇچ چوڭلۇقىدا ھەب تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 8~6 دانىدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

لوئوق سەرپىستان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن، زۇپا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30مىللىلتىردىن، ئەنسىل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30مىللىلتىردىن، لوئوقى بادام كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن، ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا لوئوقى چىلغوزا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن، لوئوق كەتان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن بېرىلىدۇ.

لوئوقى چىلغوزا نۇسخىسى

بادام مېغىزى 100گرام، چىلغوزا مېغىزى 50گرام، زۇپا ھىندى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 25گرامدىن، خەشخاش پوستى، رۇببۇسۇس، گاۋزىبان ھىندى، ئۈستقۇددۇس، پىرسىياۋشان، سەرپىستان، خورما 15 گرام، خەشخاش ئۇرۇقى، بادرەنجى بۇيا، بېھى ئۇرۇقى يەتتە گرامدىن، نىشاستە، كەتىرا ئالتە گرامدىن، زەپەر ئۈچ گرامدىن، قەنت 15گرام قائىدە بويىچە لوئوق تەييارلىنىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، يۈرەك، مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، خېمىرى ئەبرىشىم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، مەجۇنى مەجۇنى داۋائىمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، مەجۇنى نوجاھ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10مىللىلىتىردىن، مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. ئاساسن سەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3. زۇكام بولۇشتىن، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، سوغۇق سۇ ئىچىش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشتىن، زىيادە چارچاش، ئاچچىقلىنىشتىن، قورقۇش، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

4. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، توغرا تۇرمۇش ئادىتىنى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=797

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=797

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#