Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تارىخى
1985-يىلى مىكروسوفت شىركىتى نى بىل گايتىس ساۋاقدىشى پاۋۇل ئاللېن بىلەن قۇرۇپ چىققان بولۇپ، مىكروسوفت مەشغۇلات سىستېمىسى 2015-يىلغىچە 30 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بىل گايتىسئىلگىرى توردا Windows 3.1 نىڭ توربەت نۇسخىسى نۇرغۇنلىغان تورداشنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، بىرمەھەل قىزغىنلىق قوزغىغان. مىكروسوفت مەشغۇلات سىستېمىسى تا ھازىرغىچە 30 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن. 1975-يىلى، 19 ياشلىق بىل گەيتىس خانۋارد ئۇنۋېرسىتېدىن ئوقۇشتىن چېكىنىپ، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشى پاۋۇل ئاللېن(Paul Allen) بىلەن بىرلىكتە BASIC تىلىدا يېزىلغان پىروگراممىلارنى ساتقان.
بىل گەيتىس خانۋاردتىكى ۋاقىتلىرىدا، ئۇلار ئىككىسى MITS شىركىتىنىڭ Altair تىلىنى تۈزگەن، كېيىن بىل گەيتىس ۋە پاۋۇل ئاللېن ئالبۇكىركۇ(Albuquerque) غا كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردىكى بىر مېھمانخانىدا مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرغان.
1979–يىلى MITS شىركىتى تاقالغان، مىكروسوفت شىركىتى BASIC تىلىنى ئاساسىي كەسپى قىلىپ داۋاملىق تەرەققىي قىلغان.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، بىز ئىشلىتىلىۋاتقان كومپيۇتېر ئۈسكىنىلىرىدە زور ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولغان، ئۇلارنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ ھەم شۇنداق تەرەققىي قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىزگە ئەڭ تونۇشلۇقى مىكروسوفتنىڭ كوزورى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى.
Windows 1.0
1985–يىلى : Windows 1.0 مىكروسوفت تۇنجى قېتىم شەخسى كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىشلەتكۈچىلەر گىرافىك يۈزىنى سىناق قىلىشى، ھەم يەنە مىكروسوفت ئېلان قىلغان تۇنجى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى نەشىرى بولغان.
ئەمەلىيەتتە، مىكروسوفت بۇ مەھسۇلاتنى ئارايۈز باشقۇرغۇچى(Interface Manager) دەپ ئاتاشنى پىلانلىغان، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنۈش شەكلىگە ئاساسەن Windows دەپ نام بەرگەن.
Windows 2.0
1987~1990-يىلى: ئېلان قىلىنغان Windows 2.0 ئىنتىل 286 بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ بىرقەدەر تېز بولغان بىرتەرەپ تېزلىكى ئىشلىتىلگەن، كېڭەيتىلگەن ئىچكى ساقلىغۇچ ھەمدە دىنامىك مەلۇمات ئالماشتۇرۇش(DDE) تېخنىكىسى ئەپلەر ئارا ئالاقە ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
Windows 2.0 گىرافىك ئىقتىدارىغا بولغان قوللىشى كۈچەيتىلگەن، تۇنجى قېتىم ئۈستەليۈزى ئايكونى ئىشلتىلگەن، ئىشلەتكۈچىلار كۆزنەكنى قەۋەتلىيەلەيدۇ، ئېكران ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كونترول قىلالايدۇ، ھەمدە قىسقا يول كۇنۇپكىلىرى ئارقىلىق Windows 2.0 ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتەلەيدۇ.
Windows 95
1995-يىلى: Windows 95 مىكروسوفت شىركىتى 1995-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلغان مەشغۇلات سىستېمىسى. مەزكۇر مەشغۇلات سىستېمىسىدا تۇنجى قېتىم ئالدىنقى ئەۋلاد 16 بىتلىق x86 بولغان قوللاش چىقىرىۋېتىلگەن ھەمدە مىكروسوفت مەشغۇلات سىستېمىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋاپپىقيەت قازانغان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
ۋەكىل خاراكتېرلىك «باشلاش» كۇنۇپكىسى ۋە IE توركۆرگۈچىسى Windows 95 دا تۇنجى قېتىم دۇنياغا كەلگەن. يەنە كېلىپ، بۇ مەھسۇلات ئېلان قىلىنىپ بەش ھەپتە ئىچىدە 7 يۈزمىڭ نۇسخا سېتىلغان.
Windows 98
1998-يىلى: Windows 98 ئىنتېرنېت زور تەرەققىيات پەسلىنى كۈتىۋالغان، مىكروسوفت ئېلان قىلغان مەشغۇلات سىستېىسى. «مىكروسوفت Windows 98» نى «تۇنجى ھەقىقىي ئاۋامغا قارىتىلغان مەشغۇلات سىستېمىسى» دەپ ئاتىغان. بۇلار چېتىپلا ئىشلەتكىلى بولۇش، ئۈستەل يۈزى تېز قوزغىتىش بالدىقى ۋە CD پىلاستىنكىسىنى ئاپتوماتىك قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ Windows 98 نىڭ پۈتۈنلەي يېڭى ئىقتىدارلىرى نامايەن قىلىنغان.
Windows Me
2000-يىلى: Windows Me مىكروسوفت ئېلان قىلغان مەشغۇلات سىستېمىلىرى ئىچىدە تەشۋىقاتنى ئەڭ ئاز قىلغان بىرسى بولۇشى مۇمكىن، مىكروسوفت بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىدا Windows Movie Maker قاتارلىق مېدىيا مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگەن ھەمدە تۇنجى Windows ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات سىستېمىسى. لېكىن، Windows ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا قاچىلاش بىرقەدەر ئاۋارىچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلەرگىمۇ ئۇچرىغان.
Windows XP
2001 ~ 2005-يىللىرى: Windows Xp ئېلان قىلىنىپلا ئارايۈزىنىڭ ناھايىتى راھەت، گۈزەل لايىھەلەنگەنلىكى سەۋەبتىن ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن، نىيۇيورك دەۋر گىزىتىنىڭ داڭلىق پەن- تېخنىكا سەھىپىسىنىڭ ئاپتورى داۋىد پوگې (David Pogue) مۇ ھەتتا شۇۋاقىتتىكى ئوبزورىدا «ئىلگىرىكىگە سىلىشتۇرغاندا، Windows Xp قا مۇناسىۋەتلىك سىز ئاڭلاۋاتقان تەنقىد ئاۋازى روشەن ئاز بولىدۇ» دەپ يازغان. ھازىرنى ئېلىپ ئېيىتساقمۇ Windows Xp تەسىرىنى ھېلىھەم يوقاتقىنى يوق.
Windows Vista
2006 ~ 2008-يىلللىرى: Windows Vista مىكروسوفت تەتقىق قىلىپ ياسىغان تارخ ياراتقان دەرىچىدە ئەھمىيەتكە ئىگە مەشغۇلات سىستېمىسى، ئۇنىڭ ئىچكى يادرو نەشىر نۇمۇرى Windows NT 6.0. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى windows Xp گە سىلىشتۇرۇلغاندا ئىچىكى ياردروسى ئاساسەن قايتىدىن يېزىلغان ھەمدە بىزئۈچۈن پۈتۈنلەي ييڭى ئىشلەتكۈچىلار ئارايۈزى ۋە كۆپلىگەن يېڭى ئىقتىدارلارنى ئېلىپ كەلگەن. لېكىن ئىشلەتكۈچىلار Windows Xp دىن Windows Vista غا كۆچۈشتە يېتەرلىك سەۋەب تاپالمىغانلىقتىن، بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ئىزچىل سىرتقى دۇنيانىڭ كەڭ دائىرىلىك تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن، ھەمدە مىكروسوفتنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى تارىخىدا ئەڭ مەغلۇب بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ قالغان.
Windows 8/windows 8.1
2012-يىلىدىن ھازىرغىچە: Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى مىكروسوفت 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26- كۈنى رەسمىي ئېلان قىلغان ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولغان مەشغۇلات سىستېىسى، مەزكۇر مەشغۇلات سىستېمىسى ئۆزىگە خاس Metro باشلاش ئارايۈزى ۋە سەزمە شەكىللىك ئۆزئارا مەشغۇلات سىستېمىسى ئاۋامنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنى تېخىمۇ ئاددى ۋە قولاي قىلغۇسى، ھەمدە يۇقىرى ئۈنۈملىك خىزمەت مۇھىتى تەمىنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقتتا، تاختا كومپيۇتېر مەشغۇلات ئۇسۇلىغا ماس كېلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى. ھالبۇكى، Windows 8 نىڭ ئارايۈزى مۇرەككەپ، باشلاش تىزىملىكى يوق بولغانلىقتىن، ئېلان قىلىنىغاندىن كېيىن يەنىلا ئازبولمىغان تەنقىدلەرگە ئۇچرىدى. Windows 8.1 دە باشلاش تىزىملىكى ئەسلىگە كەلگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.