رۇزېرفورد

 رۇزېرفورد (1871-1939)ئاتوم يادروسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان يېڭى زېلاندىيەلىك ئالىم.

ئۇيغۇرچە ئىسمى رۇزېرفورد
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1871-يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى
كەسپى فىزىكا ئالىمى، خىمىيە ئالىمى
چەتئەلچە نامى Ernest Rutherford
خەنزۇچە ئىسمى 欧内斯特·卢瑟福
يۇرتى يېڭى زېلاندىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1937-يىل 10-ئاينىڭ 37-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى كانتېربۇرى ئىنستىتۇتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاتوم يادروسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان يېڭى زېلاندىيەلىك ئالىم رۇزېرفورد (1871-1937) ئىلىم-پەن يېڭى دەۋرىنى ئاچقان ئاز ساندىكى بىرنەچچە كىشىنىڭ بىرى. 1899-يىلى 28 ياشلىق رۇزېرفورد رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنت «تورىي» ۋە رادىئوئاكتىپلىق رادىئاتسىيەدىكى ئىككى خىل يېڭى نۇر: α نۇر ۋە β نۇرنى بايقىغان؛ 1902-يىلى، يەنە بىر خىل ئاتومنىڭ يىمىرىلىپ يەنە بىر خىل ئاتومغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئاتوم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ دېگەن قاراشنى ئىنكار قىلغان، 1908-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

1911-يىلى رۇزېرفورد α زەررىچىنىڭ چېچىلىش تەجرىبىسى (رۇزېرفورد تەجرىبىسى دەپ ئاتىلىدۇ) گە ئاساسەن، ئاتوم يادروسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان، شۇنىڭدەك قۇياش سىستېمىسى قۇرۇلمىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئاتوم مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ مودېلدا ئاتومنىڭ ئوتتۇرىسى مۇسبەت زەرەتلىك قاتتىق يادرو بولۇپ، مەنپي زەرەتلىك ئېلېكترونلار بۇ قاتتىق يادرونى چۆرىدەپ خۇددى پلانېتىلار قۇياشنىڭ ئەتراپىدا ئايلانغاندەك چۆرگىلەيدۇ. بۇ نەزەرىيە ئاتوم تۈزۈلۈشى توغرىسىدىكى تونۇشقا ناھايىتى زور تۈرتكە بولۇپ، كېيىن ئاتوم تۈزۈلۈشى ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشكە ئاساس سالغان. 

1919-يىلى، رۇزېرفورد رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنت پولونىينىڭ α زەررىچىسى بىلەن ئازوت ئاتومىنى بومباردىمان قىلىپ، ئوكسىگېن ئىزوتوپىغا ئېرىشىپ، ئېلېمېنتنى تۇنجى قېتىم پارچىلىغان. 1920-يىلى، ئۇ يەنە نيېتروننىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ، ئاتوم يادروسى ئىچىدە زەرەتسىز زەررىچىلەر مەۋجۇت، ئۇلار ئاتوم يادروسىغا ئاسانلا كىرىپ، ئاتوم يادروسى بىلەن بىرلىشىدۇ ياكى ئۇنىڭدىكى غايەت كۈچلۈك مەيدان ئىچىدە ئۆزگىرىدۇ، دەپ قارىغان. 12 يىلدىن كېيىن، كىشىلەر دەرۋەقە بۇ خىل نيېتروننى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن نيېترون ئاتوم يادروسىنى بومباردىمان قىلىدىغان ئەڭ ياخشى «زەمبىرەك ئوقى» غا ئايلىنىپ، ئاتوم يادروسىنىڭ زەنجىرسىمان رېئاكسىيەسى ئىشقا ئېشىپ، ئاتوم ئېنېرگىيەسى قويۇپ بېرىشىنى شەرت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

 رۇزېرفورد ئىلىم-پەنگە ئىنتايىن زور تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەردىن 11 كىشىنى تەربىيەلەپ چىققان، ئۇ دۇنيا بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىسى ئەڭ كۆپ ئۇستاز ھېسابلىنىدۇ.

رۇزېرفوردنىڭمۇ سەۋەنلىك سادىر قىلغان ۋاقىتلىرى بولغان. ئۇ: «ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىشنى ئالساق، ئاتوم يادروسىدىن پايدىلىنىپ تەجرىبە قىلىشنى سېپى ئۆزىدىن ئىسراپچىلىق دېيىشكە بولىدۇ» دەپ كېسىپ ئېيتقان. ۋەھالەنكى، ئۇ ئۆلۈپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، يىمىرىشنى ئىشقا ئۇشۇرىدىغان تۇنجى ئاتوم قازىنى ئامېرىكىدا ياسالدى، بۇ ئاتوم دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. رۇزېرفورد ئۆز بايقىشىنىڭ رولىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەنىدى، بىراق، ئىنسانلار ئۇنى مەڭگۈ سېغىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/601906.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#