شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كوللېكتىپ توختام نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كوللېكتىپ توختام نىزامى 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كوللېكتىپ توختام نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区集体合同条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كوللېكتىپ توختام نىزامى

بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام كارخانىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بىلەن كوللېكتىپ توختام تۈزۈش ۋە توختامنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش، كارخانا ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى»، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى كارخانىلارغا تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا كارخانىلار باراۋەر كېڭىشىش ۋە كوللېكتىپ توختام تۈزۈش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىشى كېرەك.

كوللېكتىپ توختام كارخانا بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئەمگەك ھەققى، ئىش ۋاقتى، ئارام - ئوتپوسكا، ئەمگەككە دائىر بىخەتەرلىك ۋە ساقلىق ساقلاش، سۇغۇرتا، پاراۋانلىق قاتارلىق ئىشلار ھەققىدە تۈزگەن يازما كېلىشىمنى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا كوللېكتىپ توختام تۈزۈشتە قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىش، باراۋەر ھەمكارلىشىش، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش، كارخانىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن كوللېكتىپ توختام كارخانا ۋە بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە، ئىككى تەرەپ ئۇنى ئاڭلىق ئادا قىلىشى كېرەك.

5-ماددا كارخانىنىڭ ئەمگەككە دائىر قائىدە-تۈزۈملىرى كوللېكتىپ توختامدىكى بەلگىلىمىلەرگە زىت بولۇپ قالسا بولمايدۇ. كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن پۈتۈشكەن ئەمگەك ھەققى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچىمى كوللېكتىپ توختامدا بەلگىلەنگىنىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى كوللېكتىپ توختامنى تۈزۈش، ئادا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ، نازارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ؛ تەڭ دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە كارخانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلات بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى بولغان ئۈچىنچى تەرەپ كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، باراۋەر كېڭىشىش ۋە كوللېكتىپ توختام تۈزۈش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان ئەمگەك مۇناسىۋىتى جەھەتتىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىدۇ.

ئىككىنچى باب كوللېكتىپ توختام تۈزۈش

7-ماددا كوللېكتىپ توختام تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

1. ئەمگەك ھەققى؛

2. ئىش ۋاقتى؛

3. ئارام ئوتپوسكا؛

4. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق؛

5. ئەمگەككە دائىر بىخەتەرلىك ۋە ساقلىق ساقلاش؛

6. كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى؛

7. ئەمگەك ئىنتىزامى؛

8. ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلار ئالاھىدە مۇھاپىزىتى؛

9. كارخانىنىڭ ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئادەم قىسقارتىش شەرتى ۋە تەرتىپى؛

10. ئىككى تەرەپنىڭ كوللېكتىپ توختامنى ئادا قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى؛

11. كوللېكتىپ توختامنىڭ مۆھلىتى؛

12. كوللېكتىپ توختامنى ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش، ئاخىرلاشتۇرۇش شەرتى ۋە تەرتىپى؛

13. كوللېكتىپ توختامنى ئادا قىلىشتا كۆرۈلگەن تالاش-تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش؛

14. خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛

15. ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن باشقا ئىشلار.

8-ماددا كوللېكتىپ توختامنى كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن كارخانا بىلەن تۈزىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى قۇرۇلمىغان كارخانىلاردا كوللېكتىپ توختامنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۆرسەتكەن ۋەكىل كارخانا بىلەن تۈزىدۇ.

كوللېكتىپ توختامنىڭ مۆھلىتى ئادەتتە بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولىدۇ.

9-ماددا كارخانا ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلى كوللېكتىپ توختام تۈزۈشنى يازما تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، بىر تەرەپنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن ئىككى تەرەپ كوللېكتىپ توختام تۈزۈشكە ئالاقىدار ئىشلارنى 15 كۈن ئىچىدە باراۋەر ئاساستا كېڭىشىپ بولۇشى، كېچىككەندىمۇ 30 كۈندىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك.

ئىككى تەرەپ تۇنجى قېتىم كېڭەشكەندىن باشلاپ كوللېكتىپ توختام تۈزگەنگە قەدەر بولغان ۋاقىت ئۇزاق بولغاندا 60 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

10-ماددا ئىككى تەرەپتىن باراۋەر كېڭىشىشكە قاتنىشىدىغان ۋەكىل تەڭ بولۇشى، ھەربىر تەرەپتىن ئۈچتىن ئونغىچە ئادەم قاتناشتۇرۇلۇشى ھەمدە ھەربىر تەرەپ بىردىن ۋەكىلنى كېڭەشكۈچى باش ۋەكىل قىلىپ بېكىتىشى كېرەك.

كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە كارخانىنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە كارخانىنىڭ كېڭەشكۈچى باش ۋەكىلى بولىدۇ، ئۇلار مەلۇم سەۋەب بىلەن كېڭەشكۈچى باش ۋەكىل بولالمايدىغان بولسا، بىر ۋەكىلگە يازما ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى قۇرۇلغان كارخانىلاردا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كېڭەشكۈچى ۋەكىلى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنى(قۇرۇلتىيى)دا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى قۇرۇلمىغان كارخانىلاردا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كېڭەشكۈچى ۋەكىلىنى شۇ جايدىكى يەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ساھە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ دېموكراتىك ئاساستا كۆرسىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە ئۇ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ، كېڭەشكۈچى باش ۋەكىلنى بارلىق ۋەكىللەر كۆرسىتىدۇ.

كۆپ مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن تەركىب تاپقان كارخانىلار ۋە ئايال ئىشچى-خىزمەتچىسى كۆپرەك كارخانىلاردا ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كېڭەشكۈچى ۋەكىللىرى ئىچىدە مۇناسىپ مىللەت ۋەكىلى ۋە ئايال ۋەكىل بولۇشى كېرەك.

كارخانىنىڭ كېڭەشكۈچى ۋەكىلىنى كارخانا بېكىتىدۇ.

كېڭەشكۈچى ۋەكىلنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى كوللېكتىپ توختام مۆھلىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. كېڭەشكۈچى ۋەكىل ۋۇجۇدقا كەلگەن ھامان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئالاقىدار تەرەپ يېڭى ۋەكىلنى كۆرسىتىشى ياكى بېكىتىشى ھەمدە يەنە بىر تەرەپكە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

11-ماددا كېڭىشىشكە قاتنىشىدىغان ئىككى تەرەپ ۋەكىلىنىڭ قارشى تەرەپنى كوللېكتىپ توختام تۈزۈشكە ئالاقىدار ھەقىقىي ئەھۋال ۋە كېرەكلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ؛ ئالاقىدار مەزمۇنلار دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىگە چېتىلسا، ئىككى تەرەپ ۋەكىلى مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى كېرەك.

12-ماددا كارخانا ئىككى تەرەپنىڭ كېڭەشكۈچى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە خىزمىتىگە زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشى ۋە ئۇلارغا ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك. كېڭەشكۈچى ۋەكىللەردىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئىش ۋاقتىنى ئىگىلىگەنلىرىنىڭ مائاشى ۋە باشقا تەمىناتى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

ئەمگەك ئىنتىزامىغا، كارخانىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ ۋە ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، كارخانا مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان، شۇنىڭدەك جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كېڭەشكۈچى ۋەكىلىنىڭ تۈزۈشكەن ئەمگەك توختامىنى ئۇنىڭ ئەمگەك توختامى مۆھلىتىدە كارخانىنىڭ بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كېڭەشكۈچى ۋەكىللىرىدىن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئەمگەك توختامى مۆھلىتى توشقانلىرى بىلەن كارخانا ئەمگەك توختامىنى داۋاملىق تۈزۈشى كېرەك.

13-ماددا ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ تەييارلىغان كوللېكتىپ توختام لايىھىسىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنى(قۇرۇلتىيى)نىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇش كېرەك. ئۇ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ياكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ. كوللېكتىپ توختام لايىھىسى ماقۇللانمىسا، ئىككى تەرەپ قايتا كېڭىشىپ تۈزەتكەندىن كېيىن، مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاشقا سۇنىدۇ.

14-ماددا كوللېكتىپ توختام لايىھىسى ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ كېڭەشكۈچى باش ۋەكىلى ئىمزا قويىدۇ. كارخانا يەتتە كۈن ئىچىدە كوللېكتىپ توختامنىڭ رەسمىي نۇسخىسى، شۇنىڭدەك قوشۇمچىسىدىن بەشنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا يوللىشى كېرەك؛ كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى توختامنىڭ رەسمىي نۇسخىسىنى بىر دەرىجە يۇقىرى يەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغىمۇ يوللىشى كېرەك.

ئۈچىنچى باب كوللېكتىپ توختامنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش

15-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى كوللېكتىپ توختامنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

كوللېكتىپ توختاملاردىن ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەنلىرى ياكى تەكشۈرۈشتە باشقىچە پىكىر قويۇلغانلىرىنىڭ قانۇن جەھەتتە چەكلەش كۈچى بولمايدۇ.

16-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى كوللېكتىپ توختامنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشى ھەمدە 51 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇشى كېرەك. سۈرۈك ئۆتسىمۇ باشقىچە پىكىر قويۇلمىسا، كوللېكتىپ توختام دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

كوللېكتىپ توختامنى تەكشۈرۈشتە ھەق ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

17-ماددا كوللېكتىپ توختام كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، كارخانا ئۇنى ئون ئىككى كۈن ئىچىدە بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ئېلان قىلىشى كېرەك.

18-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى كوللېكتىپ توختام تۈزۈش تەرتىپى، مەزمۇنى ۋە كېڭەشكۈچى ۋەكىللەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىنىپتۇ دەپ قارىسا، پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە «كوللېكتىپ توختامنى تەكشۈرگەنلىك پىكرى»نى تەييارلاپ، كوللېكتىپ توختام تۈزگەن ئىككى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

كوللېكتىپ توختام تۈزگەن ئىككى تەرەپ «كوللېكتىپ توختامنى تەكشۈرگەنلىك پىكرى»نى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پىكىر بېرىلگەن ماددىلارنى تۈزىتىشى ھەمدە 15 كۈن ئىچىدە ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ قايتا تەكشۈرۈشىگە يوللىشى كېرەك.

19-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى كوللېكتىپ توختامنىڭ ئادا قىلىنىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ساھە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كوللېكتىپ توختامنى تۈزۈش، ئادا قىلىشقا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ؛ كوللېكتىپ توختامنى قانۇن بويىچە تۈزمىگەندە ياكى كوللېكتىپ توختامغا خىلاپلىق قىلغاندا، تەڭ دەرىجىلىك ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا پىكىر ۋە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

20-ماددا كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كارخانا بىلەن كېڭىشىپ، كوللېكتىپ توختامنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى بىرلىشىپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، كوللېكتىپ توختامنىڭ ئادا قىلىنىش ئەھۋالىنى قەرەللىك ياكى قەرەلسىز نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

21-ماددا كوللېكتىپ توختام تۈزگەن ئىككى تەرەپنىڭ باش ۋەكىلى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنى (قۇرۇلتىيى)غا كوللېكتىپ توختامنىڭ ئادا قىلىنىش ئەھۋالىنى يىلدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم دوكلات قىلىپ، ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

تۆتىنچى باب كوللېكتىپ توختامنى ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش

22-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە، كوللېكتىپ توختام ئۆزگەرتىلسە ياكى بىكار قىلىنسا بولىدۇ:

1. كوللېكتىپ توختام تۈزۈشتە ئاساسلانغان قانۇن، نىزام تۈزىتىلگەن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛

2. كارخانىنىڭ قوشۇۋېتىلىش، قايتا تەشكىل قىلىنىش، تارقىتىۋېتىلىش، ۋەيران بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇش سەۋەبىدىن كوللېكتىپ توختامنى قىسمەن ياكى تولۇق ئادا قىلغىلى بولمىسا؛

3. يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن كوللېكتىپ توختامنى قىسمەن ياكى تولۇق ئادا قىلغىلى بولمىسا؛

4. كوللېكتىپ توختامدا پۈتۈشكەن ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش شەرتىگە توشسا؛

5. ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەن باشقا ئەھۋاللار.

23-ماددا كوللېكتىپ توختامنى ئۆزگەرتىشتە مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن كوللېكتىپ توختام تۈزۈش تەرتىپىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

كوللېكتىپ توختامنى بىكار قىلىشتا كارخانا شۇ كوللېكتىپ توختامنى تەكشۈرگەن ئەمگەك ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا يەتتە كۈن بۇرۇن دوكلات قىلىشى ھەمدە يازما ئىزاھات بېرىشى كېرەك.

24-ماددا كوللېكتىپ توختاملاردىن مۆھلىتى توشقان ياكى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن ئاخىرلاشتۇرۇش شەرتىگە توشقانلىرى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.

بەشىنچى باب كوللېكتىپ توختامغا دائىر تالاش-تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش

25-ماددا كارخانا بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر كوللېكتىپ توختام تۈزۈشتە كۆرۈلگەن تالاش-تارتىشنى كېڭىشىپ ھەل قىلىش كېرەك. ھەل قىلالمىسا، باشقۇرۇش ھوقۇقى بار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك يەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ساھە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كارخانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلات ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەكىلىنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى كوللېكتىپ توختام تۈزۈشتە كۆرۈلگەن تالاش-تارتىشنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىپ بولۇشى كېرەك؛ تالاش-تارتىش مۇرەككەپ بولۇپ، مۆھلەتنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلگەندە، ئۇزارتىلغان مۆھلەت 15 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى كوللېكتىپ توختام تۈزۈشتە كۆرۈلگەن تالاش-تارتىشنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشتا، «ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش كېلىشىمنامىسى» تەييارلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

27-ماددا كارخانا بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا كوللېكتىپ توختامنى ئادا قىلىشتا تالاش-تارتىش كۆرۈلگەندە، ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىسە، ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تالاش-تارتىش كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ كېسىم ئاپپاراتى قوبۇل قىلمىسا ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى كېسىم قارارىغا قايىل بولمىسا، قوبۇل قىلماسلىقنى ئۇقتۇرسا ياكى كېسىم قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

28-ماددا كارخانا بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر كوللېكتىپ توختامنى تۈزۈش ۋە ئادا قىلىشتا تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، ئىككى تەرەپ كارخانىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە خىزمەت تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.

ئالتىنچى باب قانۇن جاۋابكارلىقى

29-ماددا كارخانىلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى خەۋەرنامە چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ ياكى ئۇلارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ كارخانىنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ۋەكىلىگە قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 50000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

1. يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پۈتۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغان ياكى باراۋەر كېڭىشىشنى قەستەن كەينىگە سۈرۈپ، كوللېكتىپ توختامنىڭ بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزۈلمەسلىكىگە سەۋەبچى بولغانلار؛

2. كوللېكتىپ توختام تۈزۈش جەريانىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ھەقىقىي ئەھۋال ۋە كېرەكلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىمەي ياكى ئەينەن تەمىنلىمەي، كوللېكتىپ توختامنىڭ قانۇن بويىچە تۈزۈلمەسلىكىگە سەۋەبچى بولغانلار؛

3. كېڭەشكۈچى ۋەكىلنىڭ ئەمگەك توختامىنى نامۇۋاپىق ئۆزگەرتكەن ياكى بىكار قىلغانلار؛

4. كارخانا بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۈزگەن ئەمگەك توختامىدىكى ئەمگەك شەرتى، ئەمگەك ھەققى ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى كوللېكتىپ توختامدا بەلگىلەنگىنىدىن تۆۋەن قىلىپ قويۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كېڭەشكۈچى ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر؛

5. كوللېكتىپ توختامنى يوللاش، ئېلان قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

6. مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا ئەھۋاللار.

30-ماددا بىر تەرەپنىڭ خاتالىقى بىلەن كوللېكتىپ توختام ئادا قىلىنمىسا ياكى تولۇق ئادا قىلىنمىسا، خاتالىقى بار تەرەپ كوللېكتىپ توختامنى ئادا قىلغاندىن سىرت، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنىمۇ قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

31-ماددا كارخانىلاردىن كوللېكتىپ توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

32-ماددا كوللېكتىپ توختام تۈزگۈچىلەر ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

33-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى مەسئۇل تارماق مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

يەتتىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ

34-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى كارخانا بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ياكى كارخانا بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ھاسىل قىلغان بارلىق ئەمگەكچىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

35-ماددا كارخانىچە باشقۇرۇلىدىغان كەسپىي ئورۇنلار ۋە كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلاردىن كوللېكتىپ توختام ۋە ساھە رايون كوللېكتىپ توختامى تۈزىدىغانلىرى مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىدۇ.

36-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ كوللېكتىپ توختام نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىر تۇتاش تەييارلايدۇ.

37-ماددا بۇ نىزام 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#