سوۋېت-گېرمانىيە ئۇرۇشى

سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇشى، يەنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇش مەيدانى، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا دۇنيا ئۇرۇشىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئۇرۇش ئەھۋالى ئەڭ كەسكىن، ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەڭ ئېغىر بولغان ئۇرۇش مەيدانى. 

نامى سوۋېت-گېرمانىيە ئۇرۇشى
ئورنى سوۋىت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، شەرقىي ياۋروپا
ۋاقتى 1941-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 1945-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار سوۋىت ئىتتىپاقى , ناتسىست گېرمانىيە ، گېرمانىيە بېقىندى دۆلەت
ھەربىي كۈچ ناتسىست گېرمانىيە ئەسكىرىي كۈچى : 41 مىليون 200 مىڭ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى : 34 مىليون 600مىڭ.
خەنزۇچە نامى 苏德战争

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇرۇش پارتلاش 

سوۋېتگېرمانىيە ئۇرۇشىگېرمانىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا «سوۋېت-گېرمانىيە بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغان بولسىمۇ، ئەمما تىنچلىقنى شەرتنامە ئارقىلىق قوغداپ قالغىلى بولمىدى. گىتلېرنىڭ شەرتنامە ئىمزالاشتىكى مەقسىتى غەربىي ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماسلىق ئۇچۇنلا ئىدى. 1941-يىلى يازدا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ياۋرپانىڭ تەڭدىن تولىسىنى دەسسەپ چىقتى، گىتلېر شۇنىڭ بىلەن پۇت-قولىنى رۇسلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇردى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىش جەڭ لايىھىسى «بارباروسا پىلانى» نى يولغا قويدى. 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، يەنى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت تۆتتە گېرمانىيە «سوۋېت-گېرمانىيە بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» نى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش قوزغىدى.

گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشقا سالغان ئەسكىرىي كۈچى جەمئىي 190 دېۋىزىيە، يەنى 5 مىليوندىن ئارتۇق  ئەسكەر (بۇنىڭ ئىچىدە37 دېۋىزىيە ئىتالىيە، رومىنىيە، ۋېنگرىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق بېقىندى دۆلەتلەرنىڭ قوشۇنى ئىدى)، 5000 دىن ئارتۇق ئايروپىلان ۋە 3700 دىن ئارتۇق تانكا، 47 مىڭ زەمبىرەك ئىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى ئۈچ يولغا بۆلۈندى: شىمالىي يول قىسىملىرى شەرقىي پرۇسسىيىدىن يولغا چىقتى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى لېنىنگراد ئىدى؛ ئوتتۇرا يول قىسىملىرى پولشادىن يولغا چىقتى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى موسكۋا ئىدى؛ جەنۇبىي يول قىسىملىرى پولشا بىلەن رومىنىيىدىن يولغا چىقتى، ئۇلارنىڭ نىشانى كاۋكاز نېفىتلىكى ئىدى.

شىمالىي يولدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمى تېز بولدى، ئۇلار 7-ئايدا لېنىنگرادقا قىستاپ باردى، 8-ئايدا لېنىنگرادنى قورشىۋالدى. ئوتتۇرا يولدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسى موسكۋاغا بارىدىغان مۇھىم يول سمولېنسكدا توسۇلۇپ قالدى. سمولېنسك بىرلەشمە ئۇرۇشى ئوتتۇرا يولدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ يۈرۈش سۈرئىتىنى كېچىكتۈردى. جەنۇبىي يولدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسى كىيېۋ ۋە ئودېسادا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ قەيسىرانە قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، گىتلېرنىڭ مۆلچىرىدىكىدەك ئىككى ئاي ئىچىدە ئاغدۇرۇۋېتىلمىدى.

گېرمانىيە ئارمىيىسى توسالغۇغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۇرۇش لايىھىسىنى ئۆزگەرتىپ، 9-ئايدىن باشلاپ ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ موسكۋاغا ھۇجۇم قىلدى. لېكىن روسىيىدە قەھرىتان قىش كېلىپ قالغانلىقتىن، گېرمانىيە ئارمىيىسى يەنىلا موسكۋا شەھىرى ئەتراپىدا توسۇلۇپ قالدى. 12-ئاينىڭ 6-كۈنى موسكۋا رايونىدىكى قىزىل ئارمىيە قايتۇرما ھۇجۇمنى باشلىدى. 1942-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، قىزىل ئارمىيە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ موسكۋاغا بولغان قورشاۋ ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلدى.

يۆتكىلىش نۇقتىسى 

سوۋېتگېرمانىيە ئۇرۇشىگېرمانىيە ئارمىيىسى موسكۋادا يېڭىلىپ قالغاندىن كېيىن ئۇرۇش لايىھىسىنى يەنە بىر قېتىم تەڭشەپ، ھۇجۇم نىشانىنى جەنۇبىي لىنىيىگە قارىتىپ، بارلىق كۈچىنى توپلاپ ستالىنگرادقا ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى. ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى سوۋېت-گېرمانىيە جەڭ مەيدانىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇرۇشتۇر. بۇ ئۇرۇش 1942-يىلى 7-ئايدا باشلىنىپ، 1943-يىلى 2-ئايدا ئاخىرلاشتى، نەتىجىدە سوۋېت ئارمىيىسى ستالىنگرادقا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان گېرمانىيە ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى. بۇ غەلىبە سوۋېت-گېرمانىيە ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت ئارمىيىسى ئىستراتېگىيىلىك قايتۇرما ھۇجۇم باسقۇچىغا ئۆتتى.

 سوۋېت ئارمىيىسى ھۇجۇمى 

 1943-يىلى 7-ئايدا سوۋېت ئارمىيىسى يازلىق ھۇجۇم قوزغىدى. 9-ئايدا دونباسنى قايتۇرۇۋالدى. 11-ئايدا ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋنى ئازاد قىلدى. سوۋېت ئارمىيىسى پۈتكۈل يازلىق ھۇجۇم مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 1 مىليون 200 مىڭ ئادىمىنى يوقاتتى، گېرمانىيە ئارمىيىسى شۇنىڭ بىلەن سوۋېت-گېرمانىيە ئۇرۇش مەيدانىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە مۇداپىئە ھالىتىدە تۇردى. 1944-يىلى1-ئايدا سوۋېت ئارمىيىسى لېنىنگراد رايونىدا ھۇجۇمنى باشلاپ، گېرمانىيىنىڭ لېنىنگرادنى قوغدايدىغان «مەڭگۈلۈك» مۇداپىئە لىنىيىسىنى تارمار قىلدى، 900 كۈندىن ئارتۇق داۋام قىلغان لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. شۇ يىلى6-ئايدا ئىتتىپاقداش ئارمىيە فرانسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىققاندا، گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ قىستاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا ساناقلىقلا كۈن قالغانىدى. 10-ئايدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى دۆلەت چېگرىسىدىن بۆسۈپ چىقتى. 1945-يىلى 5-ئايدا سوۋېت ئارمىيىسى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا ھۇجۇم قىلدى. بىر مەھەل زورلۇق-زومبۇلۇق قىلغان گىتلېر جىنايىتىدىن قورقۇپ ئۆلۈۋالدى، گېرمانىيە فاشىستلىرى شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەلىبىسى، ناتسىست گېرمانىيىسى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانى ئۇرۇش شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان. 

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى كونا ماركىلىق جاھانگىر دۆلەتلەر، مەسىلەن، گېرمانىيە، ياپۇنىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئۈزۈل - كېسىل تارمار قىلىپ، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە چوڭ باش قېتىنچىلىقى ئەكەلدى. بۇ ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا ئىلكىدە تۇتۇش كۈچى بار چوڭ دۆلەت بولۇپ قالدى. ياۋروپا ۋە دۇنيادىكى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىتتىپاقى قارشىلىشىش باسقۇچىغا يۈزلەندى، ھەتتا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىلدى. ئامېرىكا مارشال پىلانى غەربىي ياۋروپاغا كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ باردى، غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي ياردەمنى قولغا كەلتۈرۈش؛  [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#