دورائېمون
دورائېمون (ياپونچە ドラえもん، ئىنگلىزچە Doraemon) فۇجىكو ف فۇجىئو (藤子·F·不二雄) نىڭ چاتما فانتازىيەلىك كارتون كىتابى بولۇپ، 1969-يىلدىن 1996-يىلغىچە 1345 پارچە كىتاب (جەمئىي 45 بۆلۈم) توختىماي ئېلان قىلىنغان. 1996-يىلى مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى فۇجىكو ف فۇجىئو ئالەمدىن كېيىنمۇ ئاپتورنىڭ شاگىرتلىرى تەرىىپىدىن ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى توختىماي ئېلان قىلىنىپ تۇرغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دورائېمون مەزكۇر ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى. كەلگۈسىدىن كەلگەن مۈشۈك شەكىللىك ماشىنا ئادەم. قورسىقىدىكى تۆت ئۆلچەملىك سومكىسىدا ھەر خىل كەلگۈسى زامان تېخنىكىسىغا تەۋە جابدۇقلار بولۇپ، دائىم ئاشۇ جابدۇقلار ئارقىلىق نوبىتاغا ياردەم قىلىدۇ.
دورائېموننىڭ ئەسلى رەڭگى سېرىق، قۇلىقىمۇ بار بولۇپ، زاۋۇتتىن چىقىش جەريانىدا بىر تال ۋىنتىسى كەم بولغانلىقتىن بەز ئىقتىدارلىرى نورمال ئەمەس. شۇڭا ماشىنا ئادەم يەرمەنكىسىدە ھېچكىم ئۇنى سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ. ئاخىرىدا بىر بوۋاق (نوبىتانىڭ نەۋرىسى) ئۇقۇشماي كۇنۇپكىنى بېسىپ قېلىپ ئۇنى سېتىۋالىدۇ. كېيىن ئۇنىڭ قۇلىقىنى چاشقان غاجىلاپ بۇزۇپ قويىدۇ. دورائېموننىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، دېڭىز بويىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز يىغلاپ سىرلىرى چۈشۈپ ھازىرقىدەك كۆك ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ.
دورائېمون دېگەن بۇ ئىسىمدىكى «دورا» سۆزى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك پۇرچاق تورتى (ياپونچىدىكى تەلەپپۇزى دوراياكى، Dorayaki ،どら焼き) نىڭ ئالدىنقى بۆلىكى، يەنە بەزىلەر ياۋا مۈشۈك (دورانىكو どら猫 Doraneko) نىڭ ئالدىنقى بۆلىكى دېيىشىدۇ. ئىلگىرى ئىزچىل ئالدىنقى قاراش بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن، كېيىن ئاپتور ئۆزى چۈشەنچە بېرىپ كېيىنكى قاراشنى توغرا دەپ كۆرسەتكەن. «ئېمون» بولسا ياپون تىلىدىكى «قوغدىغۇچى» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش بولۇپ، نوبىتانى قوغداش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئاپتور ئۇنىڭغا مۇشۇ ئىسىمنى قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاپتور نەشىرىياتتىن ئىسىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن باشقا ئىسىملار بىكار قىلىنغان. كېيىنچە بارلىق تەرجىمە نۇسخىلىرىمۇ ئاپتور بېكىتكەن ئىسىمنى قوللىنىشقا باشلىغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن تەيۋەندە 机器猫, 阿蒙 دېگەندەك ناملارنى، چوڭ قۇرۇقلۇقتا 小叮当 نى ئىشلەتكەن. ھازىر ھەممە بىردەك 哆啦A梦 نى ئىشلىتىدۇ.
ياپونىيەدە دورائېموننىڭ ئورنى ئامېرىكىدىكى چاشقان مىكىيدەك ئۈستۈن. ھەتتا پۈتۈن دۇنيادا ئۇنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق دېيەرلىك. 2002-يىلى ئامېرىكا دەۋىر ھەپتىلىكى تەرىپىدىن ئاسىيا قەھرىمانى دەپ سايلانغان ھەم بۇ نامغا ئېرىشكەن بىردىنبىر مەۋھۇم پېرسوناژ، شۇنداقلا بىردىنبىر ياپونىيە كارتون پېرسوناژى. 2012-يىلى دورائېمونغا رەسمىي ھالدا كاناگاۋا ناھىيەسى كاۋاساكى شەھىرىنىڭ ئالاھىدە گىراژدانى دەپ نام بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە يەنە 100 يىل قالغانلىقى خاتىرىلەنگەن. (ئەسەردە دورائېمون 2112-يىلى دۇنياغا كەلگەن دېيىلگەن) بۇ خىل ھۆرمەت ۋە ئىمتيازلارغا ياپونىيە كارتونلىرى ئىچىدە پەقەت دورائېمونلا ئېرىشكەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.