ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى

مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى قىسقارتىپ «مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى» دېيىلىدۇ، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىدىغان ۋە ئالاقىلىشىدىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتتۇر.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى
باشقا نامى مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى
قۇرۇلغان ئورنى بېيجىڭ
خەنزۇچە نامى 中华全国归国华侨联合会
قۇرۇلغان ۋاقتى 1956-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىجۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى قىسقارتىپ «مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى» دېيىلىدۇ، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىدىغان ۋە ئالاقىلىشىدىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتتۇر. ئۇ 1956-يىل 10-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا رەسمىي قۇرۇلدى.

مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىلا يەنئەندە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى تەشكىلاتى قۇرۇلغانىدى. 1949-يىل7-ئاينىڭ 8-كۈنى جۇڭگونىڭ ئازاد رايونلىرىدا ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى بېيپىڭدا جۇڭگو مۇھاجىر زاتلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئازاد رايونلارنىڭ ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ نامىنى ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى.

 1956-يىلى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلارنىڭ1-قۇرۇلتىيىدا، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ 1-نۆۋەتلىك كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى، بۇنىڭغا چېن جياگېڭ رەئىس بولدى.

مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىمۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت. ئۇ يەنە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە مۇھاجىرلار ئولتۇراقلاشقان دۆلەت خەلقى بىلەن تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، مۇھاجىرلار ئولتۇراقلاشقان دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىدە كوللېكتىپ ئەزالىق تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىلىرى ۋە باشقا ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرى مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلا بولسا، تەستىق ئارقىلىق بىر دەرىجە يۇقىرى مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ كوللېكتىپ ئەزاسى بولسا بولىدۇ. مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار قۇرۇلتىيىدۇر. قۇرۇلتاي يېپىق مەزگىلدە، دائىمىي كومىتېت خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، يىغىن ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#