ئەڭ چوڭ سەككىز ئاياغ

سەككىز ئاياق سىياھ بېلىققا بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ، سىياھ بېلىقنىڭ بېشىدا بەش جۈپ پۇتى بار(بۇ پۇت بېغىشلىق پۇت دەپمۇ ئاتىلىدۇ) . سەككىز ئاياقنىڭ بولسا تۆت جۈپ پۇتى بار، شۇڭا ئۇ سەككىز ئاياق دەپ ئاتىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەككىز ئاياقنىڭ مىڭىسى خېلى تەرەققى تاپقان بولۇپ، ئۇنى «دېڭىز—ئوكيانلاردىكى پرماتلار» دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ بېغىشلىق پۇتلىرى تاش، قۇلۇلە قېپى، ئەينەك قاتارلىق «قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى» نى توشۇپ ئۆزىگە ئۆي سېلىۋالىدۇ. دېڭىز ئاستى «شەھىرى» قۇرىدۇ. تەربىيلەنگەن سەككىز ئاياقلار خوجايىنى تونۇش قابىلىيىتىگە ئىگە. تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، سەككىز ئاياغلارنىڭ قاچا-قۇچىغا قىزىقىش ئادىتى بار. فرانسىيىلىك غەۋۋاس كۇستو بىلەن جۇما مارسېلغا ئانچە يىراق بولمىغان دېڭىز تەكتىدىن قەدىمقى يۇنان دەۋرىدە چۆكۈپ كەتكەن بىر كېمىنى تاپقان. بۇ يۈك كېمىسىدە ھاراق قاچىلايدىغان ئىككى قۇلاقلىق قاچىلار كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن سەككىز ئاياق جايلاشقان. سەككىز ئاياقلارنىڭ بالىلىرى بولسامۇلى قۇلۇلىسى ۋە دېڭىز قۇلۇلىسىنىڭ قېپىنى دائىم ئۆزىنىڭ قونالغۇسى قىلىۋالىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گرېتسىيە، ياپونىيە بېلىقلىرى سەككىز ئاياقلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ، دېڭىز تەكتىگە چۆكۈپ كەتكەن قىممەتلىك پار-پۇر ۋە ساپال قاچىلارنى سۈزۈۋېلىش مەقسىتىدە ئۇلارنى كۆپلەپ تۇتقان.

سەككىز ئاياقنىڭ ھەر بىر بېغىش پۇتىدا چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان تەخمىنەن 100 چە شورىغۇچ بار. ھەر بىر شورىغۇچ تىببىي ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان كىچىك لوڭقىغا ئوخشاش بولۇپ، ئوۋلانغان نەرسىنى ناھايىتى چىڭ تۇتۇۋالىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئەڭ قورقۇنچلۇق قۇرال دەپ قارىلىدۇ. رىۋايەتلەردە سەككىز ئاياغ ياۋۇز دېڭىز مەخلۇقى قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. مەشھۇر فرانسىيە يازغۇچىسى ھيۇگونىڭ «دېڭىز مىھنەتكەشلىرى» دېگەن كىتاۋىدا سەككىز ئاياقنى «بىر گەۋدىلىك ئالۋاستى ئادەمنى سۈمۈرۈپ كېتىدۇ» دەپ سۈرەتلەپ بەرگەن، ئەمىلىيەتتە، نەدىمۇ بۇنداق قورقۇنچلۇق ئەھۋال بولسۇن! ئوكياندىكى گلبىرت تاقىم ئاراللىرىدا ياشايدىغان يەرلىك ئاھالە دائىم سەككىز ئاياقنىڭ مىڭىسى ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تېرە ئاستىغا جايلاشقانلىقىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، بىرى ئۇنى يەمچۈك بىلەن ئالداپ تۇرسا، يەنە بىرى چىشى بىلەن ئۇنىڭ مېڭىسىنى چىشلەپ ئولتۇرىدۇ. ئۇنى ئۆلتۈرۈشتە، ئىككى ئادەمنىڭ ھەركىتىنى بىر-بىرىگە ئىنتايىن ماس كېلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە.

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ سەككىز ئاياقلار تېنچ ئوكياندىكى ئادەتتىكى سەككىز ئاياقلار بولۇپ، غەۋۋاسلار بۇ چوڭ جانىۋار بىلەن ئېلىششى ياخشى كۆرىدۇ. غەۋۋاس ھايگېن 1973-يىلى 18-فېۋرالدا ۋاشىنگىتون شىتاتىدىكى شارخود قانىلىنىڭ 18.3 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يېرىدىن تەنھا «ئېلىشىش» يولى بىلەن بىر سەككىز ئاياقنى تۇتۇپ چىققان. ئۇنىڭ بېغىش پۇتلىرى كېرىگەندە رادىئۇسى 7.8 مېتىر كەلگەن. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 53.6 كىلوگىرام چىققان. يەنە بىر خەۋەردە، «1896-يىلى نويابىردا ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شىتاتىدىكى سان-ئاۋگۇتېن دېڭىز بويىدىكى ئېغىرلىقى 6-7 توننا كېلىدىغان بىر دۆۋە دېڭىز جانۋارلىرىنىڭ قالدۇقى تېپىلغان. ۋاشىنگىتوندىن ئامېرىكا دۆلەتلىك مۇزىيى تەجرىبە قىلىپ1970-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن بۇ بىر دۆۋە قالدۇقنىڭ چوڭ تىپتىكى سەككىز ئاياقنىڭ قالدۇقى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. مۆلچەرلنىشىچە، ئۇنىڭ بېغىش پۇتلىرى كېرىلگەندە 61 مېتىر كېلىشى مۇمكىن» دېيىلگەن. كىشىلەر سەككىز ئاياقنىڭ ئاشۇنداق چوڭلۇقىدا ھەيران قالغاندىن تاشقىرى، بۇ تەجرىبە دوكلاتىنى تەييارلاشقا شۇنچىۋالا ئۇزاق ۋاقىتنىڭ كەتكەنلىكىگە تېخىمۇ ھەيران قالغان. (جۇڭ فەن)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#