سەي يۈەنپېي
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەي يۈەنپېي (1868-1940) جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ دېگەن يېرىدىن. ياشلىق دەۋرىدە ئىدىيىسى ئىنتايىن ئىلغار بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى نىڭ چىرىك ھاكىمىيىتىدىن رازى بولمىغاچقا، خەنلىنيۈەندىكى ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىدىن دادىللىق بىلەن ئىستېپا بېرىپ، يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1901-يىلى شاڭخەيگە كېلىپ جەنۇبىي ئوكيان مەكتىپى ئالاھىدە سىنىپىنىڭ باش يېتەكچىسى بولغاندىن ئېتىبارەن ئىزچىل تۈردە بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىنقىلاب ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋەتەنپەرۋەرلىك مەكتىپى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزلار مەكتىپى قۇرۇپ، زوراۋانلىق ئىنقىلابى قوزغاپ، فېئوداللىق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغان. ئوقۇغۇچىلارغا ئىنقىلاب نەزەرىيەسى ۋە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگەتكەندىن سىرت، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ھەربىي تەلىم-تەربىيىگە قاتناشقان.
سەي يۈەنپېي ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن جۇڭخۇا مىنگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى مائارىپ مىنىستىرى بولغان. ئۇ «گۈزەللىك تەربىيەسىنى دىننىڭ ئورنىغا دەسسىتىش» نى تەشەببۇس قىلىپ، ئىلغار مائارىپ ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان مەزگىلىدە، مەكتەپنى قاتتىق تەرتىپكە سېلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ساقلانغان قىمارۋازلىق، پاھىشىۋازلىق قىلمىشلىرىغا ۋە ئىلىم-ماھارەت ئۆگەنمەيدىغان ناچار كەيپىياتقا قارشى تۇرۇپ، يېڭى ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەكتەپتە «ئىدىيىدە ئەركىن بولۇش، ھەممىنى سىغدۇرۇش» فاڭجېنىنى يولغا قويغان. ئەينى چاغدىكى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرس مۇنبىرىدە چېن دۇشيۇ، چيەن شۈەنتۇڭ، خۇ شىغا ئوخشاش يېڭى ئېقىمدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ، گۇ خۇڭمىڭ، خۇاڭ كەنگە ئوخشاش كونىلىق تەرەپدارى ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بەس-مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق يېڭى ئىدىيىۋى ئېقىم، يېڭى تەلىماتلارنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە كونا قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قىز ئوقۇغۇچىلارنى رەسمىي قوبۇل قىلغان، بۇنى جۇڭگونىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئالەمشۇمۇل كاتتا ئىش دېيىشكە بولاتتى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كونا مەدەنىيەت قورغىنىدىن تەدرىجىي ھالدا يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ بۆشۈكىگە ئايلىنىشى سەي يۈەنپېينىڭ بىرقاتار دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى يۈرگۈزگەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا ئۇ «ئىلىم ساھەسىدىكى گىگانت ئادەم، ئىلىم ئەھلىنىڭ ئۈلگىسى» دەپ تەرىپلەنگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.