شىنجاڭ مائارىپ گېزىت-ژۇرنىلى نەشرىياتى

شىنجاڭ مائارىپ گېزىت-ژۇرنىلى نەشرىياتى ئەسلى ئاساسى شىنجاڭ مائارىپ ژۇرنىلى نەشرىياتى. 1958-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ژۇرنىلى نەشرىياتى قۇرۇلدى. 1989-يىلى شىنجاڭ مائارىپ-گېزىت ژۇرنىلى نەشرىياتى بولۇپ كېڭەيتىپ قۇرۇلدى.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ مائارىپ گېزىت-ژۇرنىلى نەشرىياتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1989-يىلى
خەنزۇچە نامى 新疆教育报刊社

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ مائارىپ گېزىت-ژۇرنىلى نەشرىياتى ئەسلى ئاساسى شىنجاڭ مائارىپ ژۇرنىلى نەشرىياتى. 1951-يىلى «شىنجاڭ مائارىپ» ژۇرنىلى سىناق قىلىپ بېسىلىپ، 1952-يىلى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى نۇسخىسى رەسمىي نەشىر قىلىنغان. 1953-يىلى قازاق يېزىقىدىكى نەشرى رەسمىي نەشىر قىلىندى. 1958-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ژۇرنىلى نەشرىياتى قۇرۇلدى. 1989-يىلى شىنجاڭ مائارىپ-گېزىت ژۇرنىلى نەشرىياتى بولۇپ كېڭەيتىپ قۇرۇلدى. 1989-يىلى 7-ئايدا «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» خەنزۇچە نەشىرى بارلىققا كەلدى. 1990-يىلى 3-ئايدا ئۇيغۇرچە نەشرى، 1997-يىلى قازاقچە نەشىرى رەسمىي نەشىر قىلىندى.

مائارىپ نازارىتىگە قاراشلىق باشقارما دەرىجىلىك كەسپىي ئورۇن بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مائارىپ تەشۋىقاتى، خەۋەر خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، قارمىقىدا «شىنجاڭ مائارىپى» ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تەھرىر بۆلۈمى، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تەھرىر بۆلۈمى، قازاقچە «شىنجاڭ مائارىپى» ، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمى، ماتېرىيال توپلاش بۆلۈمى، مەخسۇس ژۇرنال بۆلۈمى، نەشرىيات ئىشخانىسى قاتارلىق سەككىز بۆلۈم تەسىس قىلىنغان.

ھازىر بۇ نەشرىياتتا 70 نەپەر ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مۇھەررىر بىر نەپەر، مۇئاۋىن ئالىي مۇھەررىر 10 نەپەر، مۇدىر مۇخبىر بىر نەپەر، ياردەمچى مۇخبىر تۆت نەپەر، مەزكۇر نەشرىيات «شىنجاڭ مائارىپى» (ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، نەشرى، ئۇنىۋېرسال مائارىپ ئايلىق ژۇرنىلى پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ)، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» (خەنزۇچە نەشرى ھەپتىلىك، ئۇيغۇرچە نەشرى ھەپتىلىك، قازاقچە نەشرى 10 كۈنلۈك) ھەمدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار كۆرگەزمىسى (خەنزۇچە) «ماقالىلەر ئايلىق مۇنبىرى» (خەنزۇچە) ۋە «ئۈمىد چېچەكلىرى» (ئۇيغۇرچە) قاتارلىقلارنى چىقىرىدۇ.

«شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» خەنزۇچە نەشرى ۋە ئۇيغۇرچە نەشرى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر گېزىت ۋە ئەڭ ياخشى 10 گېزىتنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. «شىنجاڭ مائارىپى» خەنزۇچە نەشرى، ئۇيغۇرچە نەشرى بىردەك ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ئىجتىمائىي پەنلەر تۈرىدىك بىرىنچى دەرىجىلىك ژۇرنال دەپ باھالانغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#