ۋيېنا

ئاۋسترىيە پايتەختى ۋيېنا دۇناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا، يەنى ئالپ تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى كىچىك ئويمانلىققا جايلاشقان.

نامى ۋيېنا
دۆلىتى ئاۋىستىرىيە
مەمۇرىي رايون شەكلى ئۆلكە دەرجىلىك مەمۇرى رايۇن
يەر مەيدانى 414.65كىۋادىرات كىلومىتىر
كىلىماتى دېڭىز ئىقلىمى ،قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
خەنزۇچە نامى 维也纳
ئۆلكىسى ئاۋىستىرىيە ۋيېنا ئۆلكىسى
تەۋە رايون ۋيېينا ئۆلكىسى
نوپۇسى 1,765,649

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋيېنائاۋسترىيە پايتەختى ۋيېنا دۇناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا، يەنى ئالپ تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى كىچىك ئويمانلىققا جايلاشقان، مەزكۇر شەھەر تاغ-دەريالارغا تۇتاشقان شەھەر بولۇپ، ھەممە يېرىنى يېشىللىق قاپلاپ تۇرىدۇ، مەنزىرىسى گۈزەل، تەبىئىي مۇھىتى ئىنتاين كۆركەم، شۇڭا ئۇنىڭ «دۇناي دەرياسىدىكى ئىلاھە» دېگەن نامى بار.

ۋيېنا ئۇزاق تارىخقا ئىگە داڭلىق شەھەر. 18-ئەسىردىن بۇيان ئۇ ياۋروپا كلاسسىك مۇزىكىلىرىنىڭ مەركىزى، ۋالىس مۇزىكىلىرىنىڭ يۇرتىغا ئايلانغان.

داڭلىق مۇزىكا شەھىرى دەپ نام ئالغان ۋيېنادا نۇرغۇن تىياتىرخانا ۋە كىنوخانىلار بار، ھەر خىل مۇزىكا سارايلىرى شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقالغان. ھەممىدىن داڭلىقى1869-يىلى قەدىمكى رىم ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ۋيېنا دۆلەتلىك تىياتىرخانىدۇر. موزارت ۋە بېتخوۋىننىڭ ئەسەرلىرى ئەڭ دەسلەپتە مۇشۇ يەردە ئورۇندالغان، 19-ئەسىردىكى ياۋروپانىڭ بارلىق داڭلىق ناخشا نوتىسى ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ مەزكۇر جايدا ئورۇندالغان. 1945-يىلى2-دۇنيا ئۇرۇشىدا بۇ تىياتىرخانا توپ-زەمبىرەك ئوتىدا ۋەيران بولغان، 1955-يىلى قايتىدىن ئەسلىدىكى پاسوندا سېلىنغان. ئۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ تىياتىر مەركىزى بولۇپ، بۇ يەردە ھەر يىلى مۇزىكا مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.

گۈزەل ۋيېناتارىخىي مەشھۇر شەھەر ۋيېنا ئەزەلدىنلا شەرقىي ۋە غەربىي ياۋروپانىڭ مۇھىم يول ئېغىزى، بالتىق دېڭىزى بىلەن ئادرىياتىك دېڭىزى ئارىسىدىكى قاتناش ئۆتكىلى.  ۋېنا مۇھىم تارىخىي شەھەر، ئاتاقلىق مەدەنىيەت مەركىزى، ئۇ جايدا ھەرقايسى پادىشاھلىقلار دەۋرىدە سېلىنغان ھەرخىل شەكىلدىكى ئاتاقلىق چېركاۋلار، مۇھىم خان سارايلىرى، 1869-يىلى سېلىنغان مەشھۇر دۆلەتلىك تىياتىرخانىلار ۋە باشقا مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، چوڭ باغچىلار، مۇھىم ئەدەبىي-سەنئەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ۋېنا مۇھىم خەلقئارا شەھەر، ئۇ نيۇيورك، جەنۋە شەھەرلىرىدىن قالسا ب د ت نىڭ ئۈچىنچى مۇھىم پائالىيەت مەركىزى.

1905-يىلىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا،ۋيېنادا  كاتولىك دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلار49.2%،دىنغا ئېتقاد قىلمايدىغانلار25.7%،ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار7.8%، پراۋوسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار6%،يەھۇدىلار 0.5%نى ئىگىلەيدۇ.

  18 ئەسىردە , مارىيە تېرېسا ئانا - بالا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە ، ئىسلاھات بېرىلىپ ، دىنىي جەمئىيەت كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن ، ۋېنا بارا - بارا  ياۋروپا كلاسسىك مۇزىكىلىرىنىڭ مەركىزى ، « مۇزىكا شەھىرى » دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن .


ۋيېنانىڭ ئىسمى مۇزىكا بىلەن باغلىنىشلىق،مەسىلەن:ھايتون،موزات،بىتخوۋىن، شوبېرت ،جون.سىترائۇس ئاتا-بالا ۋە برامس قاتارلىق مۇزىكانتلارنىڭ پۈتۈن ئۆمرى مۇزىكا بىلەن ئۆتكەن.


بىتخوۋىن

ۋيېنا ئۇنۋېرستىتى ۋيېنادا نۇرغۇنلىغان باشلانغۇچ -ئوتتۇرا ۋە ئالاھىدە مەكتەپلەر بار،1365-يىلى قۇرۇلغان ۋيېنا ئۇنۋېرستىتىمۇ گېرمان دۆلەتلىرىدىكى تارىخى ئۇزۇن ئۈلگىلىك ئۇنۋېرسال ئۇنۋېرستىلارنىڭ بىرى،2004-يىلى ئۇنىڭ قارمىقىدىكى تىببى فاكولتىت ئايرىلىپ چىقىپ ۋيېنا ئۇنۋېرستىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋيېنا گۈزەل-سەنئەت ئىنستىتوتى(1962)،ۋيېنا مال دوختۇرلۇق ئۇنۋېرستىتى (1765)،ۋيېنا تېخنىكا ئۇنۋېرستىىتى(1815)،ۋيېنا مۇزىكا ۋە ئورۇنلاش سەنئىتى ئۇنۋېرستىىتى (1817)قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇنۋېرستىتلار بار.........

ۋيېنا كوچىللىرىئەگەر سىز ۋيېنا شەھىرىنى پىيادە ئايلانسىڭىز، مۇزىكىنىڭ بۇ شەھەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ھەممە يەردە دېگۈدەك كۆرەلەيسىز. شەھەردىكى نۇرغۇن كوچا، باغچە، تىياتىرخانا ۋە يىغىن زالى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دۇنياغا مەشھۇر مۇزىكانتلارنىڭ نامىدا ئاتالغان؛ نۇرغۇن مەشھۇر مۇزىكانتلارنىڭ ھەيكەللىرى باغچە ۋە مەيدانلارغا تىكلەنگەن. ئىچكى ئايلانما يولدىكى شەھەر باغچىسىدا ئۇلۇغ مۇزىكانت جون. ستروۋسنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىسكىرىپكا چېلىۋاتقان قىياپىتىنى؛ ئىچكى ئايلانما يولنى بويلاپ ماڭسىڭىز، يەنە بېتخوۋىن، موزارت قاتارلىق مۇزىكا پېشۋالىرىنىڭ جەسۇرانە قىياپەتلىرىنى كۆرەلەيسىز. مۇزىكا پېشۋالىرى بۇ داڭلىق مۇزىكا شەھىرىدە كۆپ يىللىق مۇزىكا ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن.

ۋيېنا شەھىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىدا قاتلاملار ئېنىق، 415 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان شەھەر رايونى «ئۈچ ھالقا، بىر بەلۋاغ» قا بۆلۈنىدۇ. يەنى ئىچكى شەھەر رايونى، تاشقى شەھەر رايونى، شەھەر ئەتراپى رايونى ۋە شايىدەك سوزۇلغان دۇناي دەرياسى رايونىدىن ئىبارەت. ئىچكى شەھەر رايونىنىڭ كوچىلىرى تار، بۇ يەرگە نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن تارىخىي قۇرۇلۇشلار جايلاشقان. 19-ئەسىردە شەھەر سېپىلىنى چېقىش ئاساسىدا ياسالغان ئايلانما يول(ئىچكى ئايلانما يول) نىڭ كەڭلىكى50 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى4 كىلومېتىر كېلىدۇ، يول بويىغا ھازىرقى زامان قۇرۇلۇشلىرى سېلىنغان. تاشقى شەھەر رايونى بولسا ۋيېنانىڭ ئەڭ ئاۋات سودا رايونى، شۇنداقلا ئاساسلىق تۇرالغۇ رايونى. تاشقى ئايلانما يولنىڭ جەنۇب ۋە شەرق تەرەپلىرى سانائەت رايونى؛ غەربىي شەھەر ئەتراپى رايونى ئورمانلىققا تۇتىشىدۇ، بۇ يەردە نۇرغۇن باغچە، ئوردا ۋە داچىلار بار، پەلەككە تاقاشقان بۇك دەرەخلىرى شەھەر ئەتراپىنى ئوراپ، دۇنياغا مەشھۇر «ۋيېنا ئورمانلىقى» نى ھاسىل قىلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#