بۇلار دىگەن ئۇچۇرغا يېقىن كېلىدىغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار، كۆرۈپ بېقىڭ

ئەڭ زەھەرلىك قوڭغۇز

ئەڭ زەھەرلىك قوڭغۇز

ئالا قوڭغۇز—قالقان قاناتلىقلار ئەترىتىنىڭ مايكىلار ئائىلىسىدىكى ئالا قوڭغۇز ئۇرۇقدىشىغا كىرىدىغان ئەڭ زەھەرلىك قوڭغۇز، ئالا قوڭغۇزنىڭ دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 2300 دىن ئارتۇق تۈرى بار، ئېلىمىزدە بولسا 29 تۈرى بار. ئالا قوڭغۇزنىڭ پۈتۈن بەدىنى قارا تىۋىت بىلەن قاپلانغان، قانىتى ئۇزۇن ئىللىپىس شەكلىدە كەلگەن، تېنى يۇمشاق، ئۇزۇنلۇقى 11-30 مىللىمېتىر كېلىدۇ.

تەبىئەت »جانلىقلار »باشقا جانلىقلار    بۇ يازما 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى يوللانغان

ئېكۋاتورغا ئەڭ يېقىن پايتەخت

ئېكۋاتورغا ئەڭ يېقىن پايتەخت

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئېكۋاتورنىڭ پايتەختى كىتو شەھىرى ئاند تاغ تىزمىلىرىنىڭ چوققىلىرى ئوراپ تۇرغان ياپ-يېشىل ئويمانلىققا جايلاشقان.كىتو-ئېكۋاتورغا جايلاشقان مەشھۇر تاغلىق شەھەر. يەر شارىنىڭ ئېكۋاتور سىزىقى دەل مۇشۇ شەھەرنىڭ قېشىدىن ئۆتىدۇ، شۇڭا بۇ شەھەر ئېكۋاتورغا ئەڭ يېقىن پايتەخت سانىلىدۇ.

جۇغراپىيە »جۇغراپىيەگە ئائىت    بۇ يازما 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى يوللانغان

گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخى

گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخى

گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخى مىرتا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ غولىدا ھېچقانچە تارماق شاخلىرى يوق بولۇپ، يۇقىرىغا قاراپ تۈپتۈز ئۆسۈپ بارغانسېرى ئىنچىكىلەپ، چوققىسىغا بارغاندا ئاندىن شاخ-يوپۇرماقلارنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندا...

تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 08-كۈنى يوللانغان

ئەڭ ئۇزۇن جىلغا

ئەڭ ئۇزۇن جىلغا

جىلغا دەريانىڭ كۈچلۈك يالىشى(كېسىشى) ئارقىدا پەيدا بولغان تار ۋە چوڭقۇر ۋادىدۇر. كولۇرادو دەرياسى ئۆزىنىڭ 2190 كىلومېتىرلىق مۇساپىسىدە جەمئىي 19 ئاساسىي جىلغىنى ھاسىل قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە باۋېر كۆلىنىڭ ئېغىزىدىن باشلانغان چوڭ جىلغا ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ مەشھۇر جىلغىدۇر.

جۇغراپىيە »يەر تۈزۈلۈشى »يەر شەكلى »باشقىلار    بۇ يازما 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى يوللانغان

يېپىق ئۇرۇقلۇق ئەڭ ئېگىز ئۆسۈملۈك

يېپىق ئۇرۇقلۇق ئەڭ ئېگىز ئۆسۈملۈك

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز دەرەخ تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر دائىم ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا ئۆسىدىغان مامونت دەرىخىنى ئەڭ ئېگىز دەرەخ دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمىلىيەتتە بولسا، يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە ئاۋستىرالىيىد...

تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى يوللانغان

شىمپەنزە

شىمپەنزە

شىمپەنزە ئىنسانلاردىن قالسىلا ئەڭ ئەقىللىق ھېسابلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ بىرى. شىمپەنزە توپىغا ئادەتتە بىر يېتىلگەن ئەركەك شىمپەنزە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

تەبىئەت »ھايۋاناتلار »سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 16-كۈنى يوللانغان

ئەڭ ئىپتىدائىي سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار

ئەڭ ئىپتىدائىي سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار

ھازىر دۇنيادا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار يەككە تۆشۈكلۈكلەر، خالتىلىقلار ۋە بالا ھەمرىيى بارلار دېگەن ئۈچ چوڭ گۇرۇپپىسى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان «تىرىك تاشقا ئايلانغۇچى» دەپ نام ئالغۇچى قىممەتلىك يەككە تۆشۈكلۈكلەرنىڭ ۋەكىلى ئۆردەك تۇمشۇقلۇقللار بىلەن ئېخىدنا ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.

تەبىئەت »ھايۋاناتلار »سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار    بۇ يازما 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى يوللانغان

ئەڭ ئېگىز چوڭ كۆل

ئەڭ ئېگىز چوڭ كۆل

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئاند تاغ تىزمىسىنىڭ قاتمۇ قات تاغ ۋە چوققىلىرى ئارىسىدا دۇنيا بويىچە داڭلىق ئېگىز تاغ كۆلى-تىتىكاكا كۆلى بولۇپ، پېرۇ بىلەن بولىۋىيە ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. كۆل يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3812 مېتىر، كۆلىمى 8290 كۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇ كۆل دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز چوڭ كۆل ھېسابلىنىدۇ.

تەبىئەت »تەبىئەتكە مۇناسىۋەتلىك    بۇ يازما 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان

زىراپە

زىراپە

دۇنيادىكى نەچچە مىڭ خىل ھايۋان ئىچىدە زىراپىنىڭ بويى ھەممىدىن ئېگىز. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ھايۋان بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيا بويىچە ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى.

تەبىئەت »ھايۋاناتلار »سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار    بۇ يازما 2016-يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنى يوللانغان

پىل

پىل

پىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى ئۇزۇن تۇمشۇقلۇقلار ئەترىتى پىل ئائىلىسىگە تەۋە بۇلۇپ، ئاسىيا قىتئەسى ۋە ئافرىقا قىتئەسىدە توپلىشىپ  ياشايدۇ. 

تەبىئەت »ھايۋاناتلار »سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 03-كۈنى يوللانغان